يازغۇچى ۋە شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ 82 يېشىدا تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق خىتاينىڭ تۈرمە ۋە نەزەربەتنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇندىمۇ ھەقنى سۆزلەش ۋە يېزىشتىن قىلچىمۇ يانمىغان، ئۇيغۇر خەلقىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «مىرزا ئابابەكرى»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان» قاتارلىق ئالتۇندىن قىممەت تارىخىي ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن پىشقەقەدەم شائىر، ئەدىب، تارىخچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ 82 يېشىدا خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى.

ئەدىب، شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ قەشقەردە تۈرمىدە جان ئۆزگەنلىكى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، بىز قەشقەردىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇ تېمىدا گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتتى.

خەۋەر ئارخىپلىرىمىزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىگىرمە ياش ۋاقتىسدا تۈرمىگە تاشلانغان، تۈرمىدىن چىقىپ يەنە ئۇزۇن مەزگىل نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان، ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يېشى 80 يېقىنلاشقان يىللاردىمۇ، ھەقنى سۆزلەش ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن يانمىغان ئىدى. ئۇ 2017-يىلى يىل 6‏-ئاينىڭ 17-كۈنى رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «سۇلتان سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان»، «مىرزا ئابابەكرى» قاتارلىق 7 توملۇق 5 تارىخىي رومانىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆي ئاختۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ مەزكۇر كىتابلاردىكى دىنىي مەزمۇنلاردىن بىئارام بولغان، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى شۇ كۈنى خىتاي ساقچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىمۇ گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە 13 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ساقچىلارنى گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلغان. ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ شۇ 5 رومانىدىن باشقا، تېخى ئېلان قىلىنمىغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭمۇ قول يازمىلىرىنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قارشى ئالدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى، بولۇپمۇ غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە ئىشتىراك قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 14-يانۋار ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا تەكىتلىنشىچە، «ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادانىڭ ئالغان يېڭى تەدبىرلىرى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئەمدى نورمال ئالاقە قىلىشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن».

13-يانۋار ئامېرىكا تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئارىلاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوخشاش بىر كۈندە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانشىس فىلىپ شامپەيىنمۇ كانادانىڭ ئوخشاش تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشى، كانادا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە ئىشتىراك قىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا بۇ تەدبىرلەرنى قارشى ئالسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرى ئەمگەك ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۇچار قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانچە، بۇ جىنايەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تەخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ». باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن ھاسىل قىلغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى كىشىلىك ھوقۇققا باغلىشى كېرەك ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ئەنگلىيە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى ۋە «خەلقئارا ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ تەشەببۇسچىسى بىل بروۋدېر بىرلەشمە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدى.

ئۇلار ئوبزورىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا «جازا لاگېرلىرى، قۇللار ئەمگىكى، دۆلەت قوللىشىدىكى ئاياللارنى خورلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى» قاتارلىقلارنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى، دۇنيا بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق مەنزىرىلەرنى قايتا كۆرمەسلىكى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، بۈگۈن بۇنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوبزوردا مۇندا دېيىلدى: «ئامېرىكا ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› ۋە ‹يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› بىلەن كەسكىن ھەرىكەت قىلدى، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنى جازالىشىغا يول ئاچتى. شۇنداقتىمۇ ئەنگلىيەنىڭ ماگنېتىسكىي جازا تىزىملىكىدە خىتاينىڭ بىرمۇ ئەمەلدارى يوق. ئەگەر بىز ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى، نى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈچۈن قوللانمىساق، بۇ قانۇنى چىقىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟»

تەپسىلاتى...

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» ھەققىدە ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەت كۈچلۈك غۇلغۇلا قىلىۋاتقاندا بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ھەمدە قولىدىن كېلىشىچە بۇنىڭغا ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 14-يانۋار كۈنى يېڭىۋاشتىن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتنىڭ سورىقىنى قىلىش» مەزمۇنىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپ بۇ ھالنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

مەكتۇپتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە باشقا 51 تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارا يۈز بېرىشى» دەپ قارايدىغانلىقى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ مۇدھىش ئاپەتكە دىپلوماتىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە باشقا تىنچلىق ئۇسۇللىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى تەپسىلىي شەرھلەندى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق مەدەنىيەت كىملىكى يوقىتىلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى جۇدالىققا گىرىپتار قىلىش ۋە قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنىڭ ھازىر بەكمۇ ئومۇملاشقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكى، مۇشۇنداق ئاشكارا قىرغىنچىلىق يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان رېئاللىق ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئاراغا ئورتاق بولغان قانۇن ۋە نىزاملارغا بىنائەن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى لازىملىقى كەسكىن تەكىتلەندى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ «قىرغىنچىلىق جىنايىتى» نى بېكىتىش تەلەپ قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) 14-يانۋار پەيشەنبە كۈنى، 2020-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، بەلكىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى» توغرىسىدا يېڭى ئىسپاتلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى كۆرسىتىلدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «قىرغىنچىلىقنىڭ سادىر قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا رەسمىي قارار چىقىرىشى» تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەسىنىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان بىر يىل مابەينىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەييارلانغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۆلەكلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» ۋە «كىشىلەرگە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىش» دېگەندەك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن تەخمىنەن 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتاي ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ تەسۋىرلەيدىغان، باشقىلار «جازا لاگېرى» دەپ ئاتاۋاتقان مۇرەككەپ ئورۇنلارغا قامىغانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

12-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر بايانات خىتاي ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ تىۋېتتېردىكى تور ھىسابىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن: «بۇندىن 7 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر بىلىم ئادىمى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىندى ۋە كېيىنرەك ‹بۆلگۈنچىلىك› بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرسىدا دىيالوگ باشلىغان ئىدى. ئۇ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ تور ئۇلىنىشىدا يەنە ئىلھام توختىنىڭ تەرجىمىھالى تولۇق بېرىلگەن. مەزكۇر باياناتتا يەنە ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرى، ئۇنىڭغا 2014-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە سوت ئېچىلىپ، «جىنايەت» بېكىتىلگەن جەريانلار ئاي-كۈنلىرى بىلەن تەپسىلىي بېرىلگەن.

تەپسىلاتى...

كانادا ھۆكۇمىتى كانادا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا چېتىشلىق خىتاي مۇئەسسەسەلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە ئاگاھلاندۇردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كانادانىڭ يەر شارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى كانادا سودا خىزمىتى كومىسسارىياتى 12-يانۋار سودا ھۆججىتى ئېلان قىلىپ، كانادا شىركەتلىرىنى ۋە پايچىكلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك مۇئەسسەسەلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدا سەزگۈر بولۇشنى، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق ئورۇنلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشنىڭ «ئىناۋەتكە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقى»، ئۇنىڭ «قانۇنىي بەدىلى» بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدا تەكىتلىشىچە، تەمىنات زەنجىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئىناۋىتى دەخلىگە ئۇچراپلا قالماي، بۇنداق شەركەتلەر يەنە كانادا، ئامېرىكا، مېكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى قانۇنىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدىكەن. ئۇنىڭدا بۇ ھۆججەت كانادا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققىتىنى قوزغاپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىشنىڭ بەدىلى بارلىقىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن كېيىن ئۆزىنىڭ شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغان 3-دولەت. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھۆججىتى كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئوتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، ھۆكۈمەتكە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارغا سىياسى پاناھلىق بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش تەكلىپلەرنى سۇنغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر ھۆججەتنى ئېلان قىلىشىدۇر.

تەپسىلاتى...

مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەقىقىتى: لاگېرلاردىكى زاۋۇتلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن لاگېرلارنىڭ قىسمەن ئەھۋاللىرى تاشقىي دۇنياغا ئاشكار بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن ئەھۋاللار تازا ئېنىق بولماي كەلگەن ئىدى. «بازفىد خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرلىرىدىن مېگا راجاگوپالان ۋە ئالىسون كىللىڭ 2020-يىلىدىن تارتىپ بىرلىكتە ئىشلەۋاتقان لاگېرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشى ۋە لاگېرلارنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى قەبىھلىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر چاتما دوكلاتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان 4-قىسمى بولسا لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ جەريانىغا بېغىشلانغانلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان لاگېرلارنىڭ سانى يۈزدىن ئاشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مۇئەسەسسەلەر يالغۇز ئادەم قاماشقا ئەمەس، ئەكسىچە قامالغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە پەيدا بولغان لاگېر رايونىدىن ئاز دېگەندىمۇ 135 ئورۇندا زاۋۇت بارلىقى، بۇ زاۋۇتلاردا غايەت زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدىكەن.

تەپسىلاتى...

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكى قاتتىق ئەيىبلەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى 2021-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئاساسلىقى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ 2020-يىل ئىچىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرى تەپسىلىي تىزىپ چىقىلىپ خىتاينى ئەيىبلەشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى گەۋدىلەنگەن. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2021-يىلى 13-يانۋار، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

2020-يىلى دۇنيا مىقياسىدا باستۇرۇشلارنىڭ خىتايدا گەۋدىلىك ۋە كۈنسايىن ئېغىرلاشقان. شۇڭىمۇ، 761 بەتلىك بۇ دوكلاتنىڭ ئاساسلىق قىسمى خىتايغا مەركەزلەشكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا: «بۇ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرى» دەپ كۆرسىتىلدى.

تەپسىلاتى...

ئەرك چىللىغان يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ۋە ئۇنىڭ تەقىپتە ئۆتكەن قەيسەر ھاياتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2018-يىلى نويابىردا يېشى 80 گە ئۇلاشقان، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ 11 يىللىق كىسىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. 2021-يىلى 10-يانۋار كۈنى ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن پىنسىيەگە چىققاندىن بېرى قەشقەردە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 2017-يىلى ئىيۇندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ ئۆيىنىڭ 2017-يىللىرى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئىككى قېتىم كېلىپ ئاختۇرۇلۇپ، «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى ۋە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئاپتورنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «مىرزا ئابەكرى»، «سۇلتان سەئىدخان» ۋە «سۇلتان ئابدۇرەشىتخان» قاتارلىق بەش پارچە رومانىنى ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان. قەشقەردىكى سىياسىي-قانۇن خادىمى، مىرزاھىد كېرىمىنىڭ تۇتۇلۇشىغا بىر تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنىڭمۇ بىر سەۋەب قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى تۇتۇلغاندا، رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «مىرزا ئابابەكرى»، «سۇلتان سەئىدخان» ۋە «سۇلتان ئابدۇرىشىتخان» قاتارلىق تارىخى رومانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەتلىك ھاياتى، يەنى قاراخانىيلار دەۋرى ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى تېما ۋە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...