ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ يالغانچىلىق تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرالمايدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى سانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرغانلىقى، بۇ يىغىندا «تەربىيىلەش مەكتەپلىرى» نى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشكە ئۇيۇشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىندا، خىتاي تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرى بولسۇن ياكى ئۇلارغا جاۋاپ بەرگەن كۇرسانتلارنىڭ بايانلىرىدا بولسۇن، ئاساسىي نىشان ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلىش بولغان. يەنى غەرپ تاراتقۇلىرىدا مۇھىم تېما بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە قۇل ئەمگىكىگە سېلىلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىىنغان؛ ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە غەرپتىكى مۇستەقىل تاراتقۇلار قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نى تۈگەتكەن كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ «تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قامالىدىن قۇتۇلۇپ، رېيال جەمئىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە «تەربىيەلىنىش» ئارقىلىق قانۇن ئېڭى ۋە دۆلەت تىلى سەۋىيەسى ئۆستۈرگەنلىكىنى، مۇقىم خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ «جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە قارا سۈركىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەتكە قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى نومۇس بىر ئىش

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 28-يانۋار تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

ئۇ، كونياداكى 90 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىدىن ھال سوراپ، ئۇلارغا ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ھەم ئاۋازى بولۇشنى، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باشچىلىقىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھال سورىغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ھەممىمىزنىڭ ئەسلى يۇرتى ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›ناملىق كىتابنى يازغان مەخمۇت قەشقەرىنىڭ يۇرتى قەشقەردۇر، تۇرپان، خوتەن ۋە ئۈرۈمچىدۇر. بۈگۈن بۇنى ئۇنتۇپ قالغانلار بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن ئازراق ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە قارشى چىقماي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلار بار. لېكىن سىلەر مېنى ياخشى بىلىسىلەر شەرقىي تۈركىستان ھەر دائىم مېنىڭ قەلبىمدە».

تەپسىلاتى...

خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ۋاستىچىلىقىنى قوبۇل قىلمىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 13-يانۋار، نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنىڭ 17-كۈنىدە بايانات ئېلان قېلىپ، ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ پائالىيەتچىلەر بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

27-يانۋار كۈنىگىچە ئىستانبۇل ۋالىيلىقىدىن خەۋەر كۈتكەن پائالىيەتچىلەر، يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5199 پارچە ئىلتىماسنى ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇل سارىيەدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتناشتى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى نەق مەيداندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئىستانبۇل ۋالىيلىقىغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىنى، ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بىز جازا لاگېرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تۇغقانلىرى، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى تۆت يىلدىن بۇيان جازا لاگېرلىرىدا تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقان ئائىلە يېقىنلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلتىماس قېلىش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەنىدۇق. لېكىن خىتاي، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭ باش ئەلچىسىگە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنىڭ 17-كۈنى، يەنى 12-يانۋار خىتاي كونسۇلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 2019-يىلى، ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسى دىڭلي DW نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ‹ئۆز ئېغزى بىلەن بىرەر مەسىلە بولسا بىزگە كەلسۇن› دېگەنىدى. لېكىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى. بىزنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىمىز خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىسىگە بەرگەن ۋەدىسىدىن تىنىۋالغانلىقى سەۋەبلىك باشلانغانىدى. خىتاي دىپلوماتلىرى ‹ئىلتىماسلارنى خىتاي ئەلچىلىرى ياكى كونسۇللىرىمىزغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن، ھەل قىلىمىز› دېگەن بولسىمۇ، كونسۇلىنىڭ ئىشىكىگە بارغىنىمىزدا ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى.»

تەپسىلاتى...

خىتاي دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىنى بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا دىنغا ئىشەنمەسلىك تەشۋىقاتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇنارلىرى بىلەن ھىلال ئايلىرى چېقىۋېتىلگەن بىر مەسچىتنىڭ ئەسلى ۋە ھازىرقى ھالىتى.

خىتاينىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدىكى باياناتىغا قارشى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكىتلەنمەكتە. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر رايونىدا «دىنغا ئىشەنمەسلىك ۋە دىننى ئىنكار قىلىش» تەشۋىقاتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كورلىدا قۇرئان ۋە جاينامازلارنىڭ تولۇق يىغىۋېلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى، بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا، تۇرپان چاتقالدا بىرلا مەسچىت قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ كەنتنىڭ يىغىن زالىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلانغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقاتىدا، ئامېرىكانىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى باياناتىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن. ئەمما رادىيومىزغا كەلگەن 27-يانۋاردىكى بىر ئىنكاستا 2016‏-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىتلەر كەڭ-كۆلەمدە چېقىلىپ، دىنىي زاتلار ئاساسەن دېگۈدەك تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، لاگېر ئىچى-سىرتىدا دىنغا ئىشەنمەسلىك ۋە دىننى ئىنكار قىلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەم بۇ تەربىيەنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرى بۇ تەشۋىقاتنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ يەنە بىر خەۋىرىدىمۇ، دائىرىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادقا يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما 2017 ‏-يىلى تورلاردا تارقالغان كورلىغا ئائىت بىر ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدا، ئاھالىلەردىن قوللىرىدىكى قۇرئانى كېرىم ۋە جاينامازلارنى دەرھال ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغانىدى. ئەينى چاغدا كورلىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، كورلا قارايۇلغۇندىكى بىر ساقچى خادىمى، ئۆز تەۋەلىكىدە قۇرئان ۋە جاينامازلارنىڭ تەلتۆكۈس يىغىلىپ بولۇنغانلىقىنى دەلىللىگەن. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدا تەرتىپلىك دىنىي پائالىيەتلەرگە يول قويۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. 27-يانۋار كۈنى تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بىر كەنت ساقچىسى، ئۆزى مەسئۇل كەنتتىكى 9 مەسچىتنىڭ 8 ئى چېقىلغانلىقى ۋە بىرسىنىڭلا ئامان قالغانلىقى، بۇنىڭمۇ پەقەت مېيىت يۇيۇش ئۈچۈن ساقلاپ قېلىنغانلىقى ۋە كەنتتە ئېچىلىدىغان پارتىيە ياچېيكا يىغىنلىرىنىڭ مۇشۇ مەسچىتتە ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويغان دىنىي ئەركىنلىك تەشۋىقاتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ۋەزىيىتى ئارىسىدىكى بىر قىسىم سېلىشتۇرما ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

تەپسىلاتى...

يەھۇدىي دىنىي ئۆلىماسى خىلىن فىرىمەن خانىم: ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قويماڭلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

27-يانۋار كۈنى «چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەھۇدىي جامائىتىنىڭ تەشكىللىشىدە پۈتۈن كۈن ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈشى دىققەت تارتتى.

تارىخقا قارايدىغان بولساق، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئالتە مىليون يەھۇدىي ئىرقىي ۋە دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە يەھۇدىيلارنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىشى ھەققىدىكى سەۋەب ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇلار (يەھۇدىيلار) ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى كۆرگەندە ئاشۇ 76 يىل بۇرۇنقى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قايتا ياشاۋاتقاندەك بولىمىز، ئاشۇ چارىسىز قالغان ۋاقتىمىزدا باشقىلار قاراپ تۇرغانىكەن، باشقىلارنىڭ بېشىغا ئاشۇنداق كۈن كەلگەندە بىز ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن. شۇڭا بۇ بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم، دەيدۇ»

غەربىي لوندون سىناگوگى (ئىبادەتخانىسى) ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ۋە تارىخى ئۇزۇن يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى بولۇپ، مەزكۇر ئىبادەتخانا 27-يانۋار كۈنىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى «قاراڭغۇلۇقتىكى چىراغ بولۇڭ» دېگەن تېمىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان.

تەپسىلاتى...

كەلپىن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «مەكتەپلىرىمىزدە ئۇيغۇرچە دەرس يوق، دۆلەت تىلى ئومۇملاشتى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيونىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغان خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق قوغدىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى ئارىسىدا، رايوندا مىللىي تىل-يېزىق ۋە مىللىي مائارىپنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ۋە ئىلگىرى ئىگىلىگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن خىتاي تەشۋىقاتىدىكى مەزكۇر مەلۇماتنىڭ قىپقىزىل يالغانلىقى يەنە بىر قېتىم دەلىللەندى.

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجرائاتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخباراتى ھەقنى سۆزلىگەن مايك پومپېيوغا ئەسەبىيلەرچە ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، مايىك پومپېيونى ئەيىبلەشتە سەلبىي سۈپەتلەرنى ئايىماي ئىشلەتكەن خىتاي تەرەپ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشتا قىينالدى. خىتاي ئاخباراتى بۇ تېمىدا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ گۈل-گۈلىستانلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت-سائادەتكە چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقانلىقىنى قايتىدىن بازارغا سالدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى تەرەددۇتسىز تىلغا ئالدى. بۈگۈن، 25-يانۋار رادىيومىزغا كەلگەن ئاۋاز خاتىرىسى شەكلىدىكى بىر ئىنكاستىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان كەلپىنلىك بىر ئۇيغۇر خىتاي ئاخباراتىنىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۇرتى كەلپىنگە تېلېفون قىلىپ، قوشنىسىنىڭ ئوقۇشسىز قالغان ئىككى بالىسىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئالاقىدار خادىمدىن مەلۇمات سورىغان. ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن قوشنىسىنىڭ تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ 5 ۋە 7 ياشلىق ئىككى بالىسىنىڭ ئوقۇشسىز قالغانلىقى ھەم بۇلارنى كىمگە تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى سورىغان. ئۆزىنىڭ كەلپىن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مەزكۇر خادىم، بۇ ئىككى بالىنى مائارىپ ئىدارىسىگە ئەكېلىپ تاپشۇرۇشنى ئېيتقان. ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچى، مەزكۇر خادىمدىن، بۇ بالىلارنىڭ قايسى تىلدا تەربىيە ئالىدىغانلىقىنى سورىغان. مائارىپ خادىمى، ھازىر كەلپىندە پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلىدا تەربىيە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىنكاس قىلغۇچى، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇش ئىمكانى بار-يوقلۇقىنى سورىغىندا، مەزكۇر خادىم، كەلپىندە مائارىپتا دۆلەت تىلىنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى تەكرارلىغان.

تەپسىلاتى...

كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامېر زۇبېرى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېيىشنى قوللايمەن»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدىكى كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى توغرىسىدا ئاۋام پالاتاسىغا قارار لايىھەسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا «يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مايكېل چوڭ 24-يانۋار كونسېرۋاتىپلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قارار لايىھەسىنى ئاۋام پالاتاسىدا ئەڭ تېز ئارىدا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىدىكى لىبېرال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قارارغا، باش مىنىستىر تېرىدونىڭ لىبېرال ھۆكۈمىتى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغانىدى. سامېر زۇبېرى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىغا قوللاپ ئاۋاز بەرگەن لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر پاجىئەسىنىڭ جانلىق كارتىنىسى: «ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 17-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تارىخىي بوھرانلار تاشقى دۇنياغا تۈرلۈك خەۋەر يوللىرى ئارقىلىق مەلۇم بولۇپ، كۆپلىگەن ساھەنىڭ ھەمدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاشتا، شۇنىڭدەك بۇ توغرىسىدا مۇھىم قارارلارنى ئېلىشىدا ئاچقۇچلۇق روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. ئاخبارات ساھەسى گەرچە بۇ جەھەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتسىمۇ، بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنى ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدە ئىشلەپ جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنغاندا تېخىمۇ كۆپ ئاۋام پۇقرانىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كۆپ قېتىملاپ ئىسپاتلانغان ئىدى. يېقىندا تاماملانغان «ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم دەل ئەنە شۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن كەڭ مىقياستا تارقىتىشقا سۇنۇلدى.

«كۆك ئاسمان ستۇدىيەسى» نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى جاۋاد مىر ئەپەندىنىڭ بىر قوللۇق ئەجرى بىلەن يورۇقلۇققا چىققان مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم يېقىندا ئاخىرقى تەھرىرلەشتىن ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ فىلىمدا ئاساسلىق قىلىپ ‍ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئاساسلىق ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقى، ئەنە شۇ خىل باستۇرۇشلارنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى بولغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان يولسىزلىق بىلەن «گۆرۈگە ئېلىش» تەك قەبىھلىكنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ. فىلىمدا بۇنىڭغا مىسال قىلىنغان مەركىزىي شەخس ئۈرۈمچىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباس بولۇپ، پۈتكۈل فىلىمنىڭ بايانلىرى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.

تەپسىلاتى...

قازاق، رۇس، تاتار ۋە ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار.

يېقىندا سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان ۋە بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىغانىدى. شۇنداقلا بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بەزى قازاق، رۇس، ئۆزبېك ۋە تاتار ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.

قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىيلىقنى ساقلاش بويىچە خەلقئارا بيۇروسىنىڭ دىرېكتورى ئېۋگېنىي ژوۋتىس ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، تارىختىن ئېلىپ قارىغاندا، سانى جەھەتتىن كۆپ بولغان ئىككى خەلق، يەنى كۇردلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلانىڭمۇ ئۆز مەملىكىتى يوقكەن.

ئېۋگېنىي ژوۋتىس مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئونلىغان يىللار داۋامىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي-ئازادلىق كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. سەۋەبى ئۇلارنى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتالغان ئاپتونومىيە قانائەتلەندۈرمەي كەلگەن. ئۇلار كۆپرەك ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا، ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇش ئىستىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق نارازىلىقلىرى دائىم قوزغىلاڭلار، جازالار، ھەر خىل مۇددەتلىك تۈرمىلەرگە قاماشلار ۋە باشقىلار بىلەن تاماملانغانىدى. كېيىنكى 10-20 يىل ئىچىدە خىتاي ئىچكىرى رايونلاردىن ئاھالىنى كۆچۈرۈپ، بىۋاسىتە ئاسسىمىلياتسىيەلىك سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، تىلىنى، دىنىنى چەكلەشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئاخىرقى يىللاردا، يەنى 2001-يىلدىن تارتىپ خىتاي ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ۋەقەلەرنى باھانە قىلغان ھالدا تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى بېسىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مانا بۇ ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ بىر نەتىجىسىگە ئېلىپ كەلدى».

تەپسىلاتى...

سەئۇدىي ئەرەبىستانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋىپى ئەندىشە قوزغىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆمرى ھەجگە بېرىپ، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستاندا قاپسىلىپ قالغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ھەمىدۇللا ۋەلى.

2020-يىلى فېۋرالدا تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۇمرە ھەجگە بېرىپ، تۈركىيەگە قايتالماي سەئۇدى ئەرەبىستاندا قەپ قالغان ۋە سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرى ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىز ھەمدۇللا ۋەلىنى تۈركىيە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، دوكتۇرانت نۇرىددىن ئىزباسار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ ھەمدۇللا ۋەلىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەش ئۈچۈن ب ت د كىشىلىك ھوقۇق كومتېتىغا ئەرز سۇنۇپ، سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدى ساقچىلىرى ھەمدۇللا ۋەلىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۈرمىدىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى ھەمدۇللا ۋەلى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇتۇلۇپ كەتكەن ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن يەنە بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. بىز بۇلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن 1‏-ئاينىڭ7 ‏-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندۇق. بىز ئەرز سۇنۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنى بۇرۇن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان يېرىدىن مېھمانخانىدەك بىر يەرگە يۆتكىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. يەنىلا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىش خەۋپى بار، چۈنكى ئۇلار تېخى قويۇپ بېرىلمىدى. ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاندىن بىخەتەر دۆلەتلەرگە كېتەلەيدۇ. بىز ب د ت نىڭ بۇنىڭغا بىر خىزمەت قىلىپ، ئاشۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن بىخەتەر دۆلەتلەرگە چىقىرىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە بېسىم ئىشىلتىۋاتىمىز. ھەم بىزمۇ سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا ۋە ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسىغا خەت يازدۇق. داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىمىز، ب ت د نىڭ ئۇلارنى بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەپ كېتىشى ئۈچۈن ئىزچىل تەلەپ سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز.»

تەپسىلاتى...