قەشقەر يېڭىشەھەردىكى دېھقانلار: «دۆلەت خىزمەتچىلىرى تېخى تالاغا چىقمىدى، بىز ئېتىزلىققا ھەيدەلدۇق»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بەزى خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ، بىر قىسىم يۇقۇمدار ۋە يۇقۇم گۇماندارلىرىنى دوختۇرخانىلاردىن بالدۇر قويۇۋەتكەن. بەزى جايلاردىكى كوچا قاماللىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بىر قىسىم ئاھالىلەر يېڭىشەھەردە كېسەل خەۋپى تېخى پەسەيمەي تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىزلىققا ھەيدەلگەنلىكىنى، ئەمما دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تېخى ئىش ئورنىغا قايتمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەر يېمەك-ئىچمەك توشۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى 3-مارتقا قەدەر 80مىڭدىن ئارتۇق تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارىدىن 47 مىڭ كىشىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. «جەنۇبى جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇرخانىدىن چىققانلاردىن خېلى بىر قىسمىدا يۇقۇم ئالامەتلىرى قايتىدىن بايقالغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە دوختۇرخانىدىن چىققانلاردىن 14%de يۇقۇم ئالامەتلىرى قايتىدىن بايقالغان. مەزكۇر گېزىتتە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ، كېسەل خەۋپى تېخى تۆۋەنلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يۇقۇمدارلارنى بالدۇر قويۇۋەتكەنلىكى ۋە كوچا قاماللىرىنى ئالدىراپ ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەپسىلاتى...

ASPI نىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «زامانىۋى قۇل» سۈپىتىدە سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى يېقىندا «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ: قايتا تەربىيە-شىنجاڭدىن ھالقىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن زور ئىنكاس قوزغىدى. بۇ دوكلات خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىندى. چۈنكى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن. يەنە كېلىپ، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خەلقئارادىكى داڭلىق تاۋار ماركىلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇشى دوكلاتنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتىسى بولدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-2019-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە يۆتكەپ كەتكەن ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە لاگېرلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ئىشچىلار يۇرتلىرىدىن ئۇزاق جايلاردىكى بۇ زاۋۇتلاردا تامامەن ئايرىۋېتىلگەن ياتاق بىنالىرىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا سىياسىي ئۆگىنىش ۋە خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن، قاتتىق نازارەت قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە مەخسۇس بېكىتىلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەپ تۇرىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىدىن بولغان تەتقىقاتچى ۋىكى شۈ ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلەر سانىنىڭ مۆلچەرلەنگەن نومۇردىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

كورلادىكى چوڭ مەسچىتنىڭ مەزىنى مىسىردىكى ئوغلىغا پۇل سالغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورلادىكى دىنىي زات سەيپۇللا زاھىتنىڭ 30 يىللىق ئۆمرى كورلا چوڭ مەسچىتىنىڭ مەزىنلىقى ۋە كورلا شەھىرىدىكى تېكىچى يېزىسىغا قاراشلىق ھەرەمباغ كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. لېكىن بۇ يىل 70 ياشلىق مەزكۇر دىنىي زاتنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.

شۇ قېتىمقى چوڭ تۇتقۇندا سەيپۇللا زاھىت ۋە ئۇنىڭ كورلا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ يېڭى مەسچىتىدە مۇئاۋىن ئىماملىق قىلىدىغان ئوغلى مەمەت سەيپۇللا شۇنداقلا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئاكىسىنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلگەن كىچىك ئوغلى ئىبراھىم سەيپۇللا تۇتقۇن قىلىنغان. سەيپۇللا زاھىتنىڭ ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى بىلەن قىزىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا 3 يىلدەك بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق پەرزەنتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەمەت ئىززەتۇللا بىلەن ئىبراھىم ئىززەتۇللانىڭ كېسىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئالغان، لېكىن دادىسىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

تەپسىلاتى...

دولقۇن ئەيسا: «خىتاي كومپارتىيەسى كورۇنا ۋىرۇسىدىنمۇ خەتەرلىك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مانخاتتاندا جەم بولغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق 8 تەشكىلات سەرخىللىرى خىتاينىڭ دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى جاكارلاشتى. مەزكۇر يىغىلىشتا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە كورونا ۋىرۇسىدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسانىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتلار خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ۋەدىلەشكەن.

29-فېۋرال شەنبە كۈنى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ مانخاتتان شەھىرىگە جايلاشقان خانتىر ئالىي مەكتىپىدە «خىتاي دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى لوبساڭ سانگايدىن باشقا يەنە جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، تەيۋەن ئەركىنلىكنى قوغداش مەركىزى، خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرى ۋە باشقا بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

ۋەكىللەر خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بىر-بىرلەپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتى...

75 ياشلىق سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكادا ئولتۇرۇشلۇق ئىسكەندەر مەمەت ۋە سىڭلىسى سۈبھى مەمەتلەرنىڭ 28-فېۋرال رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى بولغان دادىسى مەمەت ئابدۇللانىڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ قىزى سۈبھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان دادىسى مەمەت ئابدۇللا ئۈستىدىن 2019-يىلى 9-ئاي ۋە 12-ئاي مەزگىلىدە ئىككى قېتىم سوت ئېچىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ئىكەن.

9-ئايدا ئېچىلغان 1-قېتىملىق سوتقا ئائىلە ئەزالىرىدىن ئۈرۈمچىدىكى ھەدىسى قاتناشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. ھەدىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرغان دادىسى ئورۇقلاپ كەتكەن، قىزى بىلەن سوتتا سۆزلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. سوتتا سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، سوت مەيدانىدا ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىمۇ بېرىلمىگەن.

تەپسىلاتى...

مايكىل مەككائۇل «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيادىكى كۆپلىگەن داڭلىق شىركەتلەرنىڭ بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

2-مارت كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل مەككائۇل بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭىدىن تارقىتىلغان «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ» تېمىسىدىكى دوكلاتنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن بۇ دوكلاتتىكى بايانلارنىڭ ئۆزىنى بەكمۇ بىئارام قىلغانلىقى، بولۇپمۇ شۇنچە كۆپ داڭلىق ماركا ساھىبلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالغانلىقىدىن بەكمۇ تەئەججۈپلەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

شۇنىڭدەك «بۇنچە كۆپ شىركەتلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشقا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرى ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئارقىلىق ماڭدۇرۇلماقتا ئىكەن.

تەپسىلاتى...

روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار-لاگېر شاھىتىنىڭ ھېكايىسى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھازىر ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇش ئاشماقتا. ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ بۇ مەكتەپتىكى «جۇمھۇرىيەتچى ستۇدېنتلار گۇرۇپپىسى» كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈرلۈك يىغىنلارنى، نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېت مىقياسىدا ۋە شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ئەتراپىدىكى جامائەت ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپ كەلدى.

29-فېۋرال كۈنى ئۇلار يەنە لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەرنى دەۋەت قىلىش ئارقىلىق دوكلات يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. «كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار-لاگېر شاھىتىنىڭ ھېكايىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ يىغىنغا قىزىقىش كۈچلۈك بولغان.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بولغان «جۇمھۇرىيەتچى ستۇدېنتلار گۇرۇپپىسى» باشلىقى ئانتونىي يىغىندىكى ئېچىلىش سۆزىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «جۇمھۇرىيەتچى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى پرىنسىپىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تۈپكى ھوقۇقى ۋە ئىنسان غۇرۇرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدە، دەپ قارايمىز. شۇڭا بۇ، بىزگە يەنى جۇمھۇرىيەتچىلەر، دېموكراتلار ۋە باشقا بارلىق ئامېرىكالىقلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك بىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن» دېدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدە ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئانا تىل پائالىيىتى ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

1-مارت كۈنى «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، «بوغدا ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رول ئېلىشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدە رەڭگارەڭ مەزمۇنلارغا تولغان ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

پائالىيەتكە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلىش بىلەن بىرگە قوشنا دۆلەتلەردىنمۇ بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشتى. يەرلىك گېرمان ئاھالىلىرىدىنمۇ بەزى كىشىلەر بۇ سورۇنغا داخىل بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي رەۋىشتە تىل، مەدەنىيەت، سەن´ئەت ۋە ئۆرپ-ئادەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر زاماندا «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ بىر قانچە ئايلار تەييارلىق قىلىپ، زور بەدەللەر ھېسابىغا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ھەم تەشەببۇس قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيىتى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا، قايىللىقىغا سازاۋەر بولدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ «نايكى» ئاياغ زاۋۇتىغا مەجبۇرىي يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى داڭلىق ماركا – «نايكى» ئاياغلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتقا يۆتكەپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە جايلاشقان تائېكۋاڭ زاۋۇتىغا ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ياشلار قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىشلەيدىكەن.

مۇخبىرنىڭ سوئالىغا قورقۇپ تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن بىر ئۇيغۇر قىزى: «بىز تالاغا چىقىپ يۈرەلەيمىز، ئەمما يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەلمەيمىز» دېگەن ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال كېتىپ قالغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىگىرمە ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى قىزلار ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار زاۋۇت رايوندىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن، ياكى ئالاقە قىلالمايدىكەن.

مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر بىر باققال ئايال مۇنداق دېگەن: «بۇلارنىڭ بۇ يەرگە ئۆز مەيلىچە كەلمىگەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇلار بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندى.»

يەنە بىر باققال: «بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرگە كەلمەكتىن ئۆزگە ئىلاجى يوق. ھۆكۈمەت ئۇلارنى بۇ يەرگە ئەۋەتتى،» دېگەن.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر تىلىنىڭ «گۇگۇل تەرجىمان» غا قوشۇلۇشى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گۇگۇل شىركىتى 26-فېۋرال «گۇگۇل تەرجىمان» يۇمتالىغا يېڭىدىن بەش خىل تېلىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئىلان قىلدى. بۇ بەش خىل تىلنىڭ بىرسى ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز ۋەتىنىدە چەكلەنگەن ئانا تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور سىستېمىسى – گۇگۇلغا قوشۇلغانلىقىدىن بەكمۇ ھاياجانلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تىلىغا چەكلىمە قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى كۈزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن چەكلىنىشى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چىقارغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي كىملىكى جىددىي رەۋىشتە خىرىسقا دۇچ كەلدى.

ئۇيغۇر تىلى مۇشۇنداق ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور سىستېمىسى بولغان گۇگۇل، ئۇيغۇر تېلىنى گوگۇل تەرجىمە سىستېمىسىدىكى 108 خىل تىل قاتارىدا «گوگۇل تەرجىمان» يۇمتالىغا قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق باشقا چوڭ تىللارغا ئوخشاش سۆز بايلىقى مول، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىمۇ بىمالال ئىپادىلىيەلەيدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ۋاشىنگىتون شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتىروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلىر گۇگۇل تەرجىمانغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇلغانلىقى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دىدى. «بۇ بەك مۇھىم، چۈنكى ئەمدى تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى تاپالايدۇ ۋە ئوقۇيالايدۇ. بۇ يۇمتال مۇكەممەل تەرجىمە قىلالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ بېسىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»

تەپسىلاتى...