يوللانغان ۋاقتى:2021-02-05| سەھىپە: ئۇيغۇر خەۋەرلىرى خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستان خەۋىرى يېڭىلىقلار
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئادۋوكاتى، دىپلومات ۋە پروفېسسور بېز ۋەن شاك خانىم نيۇ-يورك ئۇنۋېرسىتىتى قانۇن ئىنستىتۇتى، رېسىس قانۇن ۋە بىخەتەرلىك مەركىزى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «پەقەتلا بىخەتەرلىك» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق: ئامېرىكانىڭ پارتىيە ئايرىماي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بېكىتىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان.
ماقالىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى خەلقئارا ۋە ئامېرىكا قانۇنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ،» دېيىلگەن. ماقالىدە خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىۋاستە مەسئۇل بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە يەنە «ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» دىكى 5 ماددا، يەنى مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈش؛ مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ ئەزالىرىغا ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش؛ مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا قەستەن زىيان سېلىش؛ مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ ئىچىدە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش؛ مەلۇم بىر توپلۇقتىكى بالىلارنى باشقا بىر توپلۇققا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.
ئېنىقلىمىلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئىرقىي ۋە دىنىي كىملىكى جەھەتتىن خىتايلاردىن تۈپتىن پەرقلىق بىر توپلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» بويىچە قوغدىلىدىغان توپلۇق قاتارىغا كىرىدىكەن.
تەپسىلاتى...