گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا پارلامېنتىدا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى رەئىسى غەيرەت ئەپەندى، تىبەتلىكلەر، فالۇڭوڭچىلار ۋە خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا بېرىپ، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى ئەزاسى ھانس ۋان باالەن بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

غەيرەت ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەردى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان  بولۇپ، ۋەكىللەر ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ھانس ئەپەندىدىن كامبودژادىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە گوللاندىيىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

تەپسىلاتى...

غۇلجىدا يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەجبۇرىي قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2000 – يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپى نامىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى يىلدىن ‏- يىلغا كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلارنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ھەتتا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئەسلىدە بار بولغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلار بىر تۇتاش ھالدا “قوش تىللىق مەكتەپ” لەرگە ئۆزگەرتىلمەكتە ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سېنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇ يىل بېشىدا بۇ مەكتەپلەرنىڭ 3 – ئايدىن باشلاپ، پۈتۈنلەي “قوش تىللىق مەكتەپ” نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ھەم خىتاي بالىلىرى ئارىلاش ئوقۇيدىغان خىتاي تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جەنۇبى تېرول ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم، مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان، ئۆمەر قانات، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئىتالىيىگە تەۋە بولغان جەنۇبى تېرول ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەنۇبى تېرولنىڭ پرېزىدېنتى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، مەتبۇئات خادىملىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئېلىپ باردى.

رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى بوزەن شەھىرىگە يىتىپ كەلدى. رابىيە خانىمنىڭ  ئۇ قېتىمقى زىيارىتى مەركىزى بوزەندىكى ياۋروپا تەتقىقات ئاكادېمىيىسى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى، جەنۇبى تېرول ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى ۋە جەنۇبى تېرول ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۇنجى پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10.00 دا ياۋروپا تەتقىقات ئاكادېمىيىسىنىڭ مەركىزىدە مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن باشلاندى.

تەپسىلاتى...

شۋېتسارىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈنكى شۋېتسارىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا گۇانتانامو تۈرمىسىدىكى ئاكا – ئۇكا مەھبۇسلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن بەختىيار ماخمۇت ۋە ئەركىن ماخمۇتتىن ئىبارەت ئىككى ئاكا – ئۇكا مەھبۇسنى شۋېتسارىيگە قوبۇل قىلىشنى ئويلۇشىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى بارغانچە كېڭەيتىلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش “ئۈچ خىل كۈچنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىدىن قەتىي ھوشيار بولۇپ، مۇقىملىقىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش” تەشۋىقات ھەرىكىتىنى، ئىدارە – ئورگان، مەكتەپلەردىن ھالقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىدىكى يېزا-كەنتلەرگىچە، ھەتتا يېزىلاردىكى باشلانغۇچ  – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىغىچە كېڭەيتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە “5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى” گە يېرىم يىلدىن ئاشقان، خىتاي ھۆكۈمىتى قورال كۈچى بىلەن رايوندىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ رايوندا خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىشى بېسىلمىغان. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن ئېغىر قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلققە ئېغىر زىيان يېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى داىرىلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر شاراىتتىمۇ، ئالدى بىلەن بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قانداق قىلىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش غېمىدە بەكرەك قالغان.

تەپسىلاتى...

خىتاي يەنە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، 8 ئۇيغۇرغا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ قارالغان يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۈستىدىن سوت ئاچتى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپىرىگە ئۆلۈم جازىسى بەردى. شۇنىڭ بىلەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلار سانى 20 نەپەردىن ئاشتى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھۆكۈملىرىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ھەر خىل دەرىجىدە جازا ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

25 – يانۋار ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەنە 13 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، بارلارنىڭ ئىچىدىكى 4 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىر نەپىرىگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى، قالغان 8 نەپىرىگە مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى.

تەپسىلاتى...

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار خىزمەت قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار خىزمەت قىلىدىغان ئاز دېگەندە 5 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

باش شتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى ۋە ئوز تەشكىلاتى تور بېتىنىڭمۇ شۇ خىلدىكى ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۇچراشقا باشلاپ، ھۇجۇم ئۇدا 14 سائەت داۋام قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئۆركەش دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن ئالاقە چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

ياپونىيىدە زىيارەتتىكى تيەنەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت تۈنۈگۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەىسى ئىلھام توختى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي داىرىلىرىنىڭ “5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى”دىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى چەكلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلقئارا تېلېفون ئالاقە لىنىيىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، “5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن يولغا قويۇلغان تېلېفون ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى  جاكارلىغان. ئۆركەش دۆلەت رادىومىزنىڭ توكيودىكى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تېلېفون قىلغانلىقىنى، لېكىن تېلېفون لىنىيىسى ئۇلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا ئۇيغۇرلار

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تەشكىلاتنى قانداق ئىدارە قىلىش ۋە تەشكىللەش، قانداق قىلغاندا ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىنغا  سىياسىي ۋەخپىنىڭ رەىسى فەخرى سولاك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفسسور دوكتور نازىف گۆردوغان ئەپەندى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قانداق تەشكىللەش ۋە يۈرگۈزۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

تەپسىلاتى...

شىۋېتسىيىە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى شاىرە بىبىنۇر مۇھەممەت ۋاپات بولدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان تىرىشچان سىياسىي پاالىيەتچى، شاىرە بىبىنۇر خانىم كېسەل سەۋەبى بىلەن ستوكھولىمدا 53 يېشىدا ۋاپات بولدى.
 
بىبىنۇر خانىم 1957 – يىلى 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى قازاقستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بۇرۇندىن شۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. بىىبىنۇر خانىم ئالماتا سۇلتان قورغاندىكى  101 – ئۇيغۇر مەكتىپىدە، كىيىن ئالماتا تېخنىكا ئىنستىتوتىدا ئوقۇغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە فابرىكىدا ئىنژىېنېر بولۇپ ئىشلىگەن. 1999 – يىلى شۋېتسىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

بىبىنۇر خانىم ھايات ۋاقتىدا تىرىشچان , ۋەتەن سۈيەر، خەلق سۈيەر ئايال بولۇپ، شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ پاالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنى خالايدىغان شىۋېتلارغا مەخسۇس پروگراممىلار بويىچە لېكسىيىلەر بەرگەن.

تەپسىلاتى...