ئۈرۈمچى ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەركىزىگە مەلۇم قىلىنغان دېلولارنىڭ 50 پىرسەنتى ساختا

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

خىتاي يەرلىك ساقچى داىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش لىنىيىسىدە قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ ساختا دېلو مەلۇم قىلغۇچىلارنى تۇتماقچى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەركىزىگە بۇ يىل يانۋاردىن دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا مەلۇم قىلىنغان  دېلولارنىڭ 50 پىرسەنتى ساختا بولۇپ چىققان بولۇپ، ئۈرۈمچى ساقچى تارماقلىرى بۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتتە 4 تېلېفون نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ‘شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق’ ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

2009 ‏- يىلى12 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن ‘شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق’ ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا  ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا ئاياللار قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە سوغات تارقاتتى

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئىككى دىپلومات قولىدا كۆپلىگەن سوغاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەركەز بىناسىغا كىرىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان.

تەپسىلاتى...

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر مۇئاۋىن مىنىستىرى، بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ چەتەللەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار پۇقرالارنىڭ تېلېفون، ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆزەتكەندىن سىرت، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىنىمۇ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بوشۇن تور بېتىنىڭ 27 – دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بۇ گەپنى، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدىكى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش كورسىدا لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا، شاڭخەيدىن كەلگەن مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ ” دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئاڭلامدۇ؟” دېگەن سوالىغا جاۋاب بەرگەن چېغىدا دېگەن ئىكەن.

تەپسىلاتى...

كامبودژادىىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغان مىسيونېر بىلەن سۆھبەت

ر ف ئا خەۋىرى
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېلىھەم ئاساسلىق سۆز ۋە ئويلىنىش تېمىسى بولماقتا. كىشىلەر ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەققىدە سوال-سوراقلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئوتتۇرىغا چۈشكەن سواللاردىن بىرى، بۇ بالىلارنىڭ دەسلەپتە چىققان جايى ۋېتنامدا سىياسىي پاناھلىق تىلىمەستىن كامبودژاغا كېلىپ پاناھلىق تىلىشىدۇر. تۆۋەندە بۇ ھەقتە، ئەينى چاغدا كامبودژادىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغان مىسيونېرلەردىن بىرى جون ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى

ر ف ئا  خەۋىرى،

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، توردا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ نىشانى توردا بىر مىليون كىشىلىك ئىمزا توپلاپ، خىتاي داىرىلىرىنىڭ يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن جامائەت پىكرى ھازىرلاشتۇر.

تەپسىلاتى...

ب ب س: شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت بىرئاز تىنچىدى، ئەمما مىللىي زىددىيەت يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

ب ب س تەرىپىدىن 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېلان قىلىنغان،  “2009 – يىلى، خىتايدا سىياسىي سەزگۈرلۈك يۇقىرى بولغان بىر يىل بولدى” دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان  بىر مۇلاھىزىدە، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئومۇمىي يۈزلۈك باھا بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدا، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، 2009 – يىلى خىتايدا يۈزبەرگەن ئەڭ زور سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسۈتۈلدى.

ماقالىدا، گەرچە ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى بىرئاز تىنجىغان بولسىمۇ، ئەمما، مىللىي زىددىيەت ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يارىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر 2010 – يىلىمۇ قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىدۇ

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ۋە مىللىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە 2008 – يىلى 3 – ئايدا لاسادا ۋە 2009 – يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان، خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە قارىماستىن بۇ ئىككى ۋەقەنى باھانە قىلىپ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي، قەشقەر ۋە ئاتۇش رايونىدىن جىددىي ئەندىشە تۇيماقتا

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

“شىنجاڭ گېزىتى ” نىڭ 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 10 نەپەر ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  كۈنلەردە، يەنى 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن 23 – كۈنىگىچە “ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم” نىڭ سەكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن قەشقەر ۋە ئاتۇش رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ جايدىكى  ئەسكەرلەر، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىدىن ھال سورىغان.

 ۋاڭ لېچۈئەن تەكشۈرۈش جەريانىدا قىلغان سۆزىدە، “بۇ ئىككى ۋىلايەت، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپىدىن ئىبارەت، بۇ جاينىڭ دۈشمەن ۋەزىيىتى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشىمىزنىڭ ئاساسى جەڭ مەيدانى ۋە ئالدىنقى سەپىدىن ئىبارەت” دەپ كۆرسەتكەن.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ۋە خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى ئەيىبلىمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى

 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

“5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى” سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار،  بۇ يىللاردا خىتايدا سىياسىي پائالىيەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار  تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

“5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى”دىن كېيىن، خىتاي شۇ كۈنكى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى قاتارلىق ئەڭ ئېغىر بولغان جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنىگە قەدەر، خىتاي 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 6 قېتىم سوت ئېچىپ، جەمئىي 63 ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

تەپسىلاتى...