5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەنمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئىستانسىمىز خەۋىرى، بۈگۈن 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى پارتلىغانلىقىغا دەل 13 يىل تولغان خاتىرە كۈن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىدى.

بۈگۈن گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى. قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ۋە پاكىستانلاردا 5 – فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يىغىنلىرى ئېچىلدى.

1997 – يىلى 5 – فېۋرال كۈنى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشى خىتاي داىرىلىرى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر قولغا ئېلىنغان  ۋە ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن. ئەينى چاغدا خىتاي، 8660 – قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان مۇنتىزىم قوراللىق قىسىمنى غۇلجا شەھىرىگە يۆتكەپ، غۇلجا شەھىرىدە، ئالاھىدە ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوراللىق ئەترىتى قۇرغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 5 ‏- فېۋرال كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

5 ‏- فېۋرال كۈنى، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقلەر بىرلىكتە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى، خاتىرىلەش يىغىنى ھەمدە خەتمە قۇرئان پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

كانادادا، تورونتو قاتارلىق تۆت شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

2010 ‏- يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، غۇلجا ۋەقەسىگە 13 يىل بولغان كۈن. تورونتو، مونتېرىيال، ۋانكۇۋېر ۋە كالگارى قاتارلىق 4 شەھەردىكى ئەر ‏ – ئايال، چوڭ‏ – كىچىك ھەممە ئۇيغۇر بۇ مۇھىم كۈننى خاتىرىلەش ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش ئۈچۈن 5 – فېۋرال كۈنى كانادادىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
 
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم نامايىش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:

تەپسىلاتى...

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 5 ‏- فېۋرال كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

5 ‏- فېۋرال كۈنى، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقلەر بىرلىكتە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى، خاتىرىلەش يىغىنى ھەمدە خەتمە قۇرئان پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

نورۋېگىيىدە 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش چاقىرىقى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۈگۈن 5 – فېۋرال جۈمە كۈنى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى” نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن پايتەخت ئوسلودىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى داغدۇغىلىق نامايىش ئېلىپ باردى.

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق نامايىشى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىگە ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، غۇلجا قەھرىمانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇنتۇلماس كۈرەش شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا  كەلگەن زور سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

تەپسىلاتى...

شىۋېتسىيىدە 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرە نامايىشى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

5 ‏- فېۋرال كۈنى، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقلەر بىرلىكتە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى، خاتىرىلەش يىغىنى ھەمدە خەتمە قۇرئان پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

‘5- فېۋرال’ مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە نامايىش، پاكىستاندا خەتمە قۇرئان

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

بۇنىڭدىن 13 يىل ئاۋۋالقى مۇشۇ كۈندە غۇلجىدا ئۇيغۇر ياشلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە، دىنىي چەكلىمىلىرىگە، مىللىي كەمسىتىشلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان. ۋەقەدىن كېيىن مىڭلارچە ياش تۇتقۇن قىلىنغان  ۋە يۈزلەرچە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

بۈگۈن بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەپ گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر ۋە يەرلىك گوللاندىيىلىكلەر بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

خىتاي گۈەنتانامودىكى 2 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە شۋېتسارىيىگە تەھدىت سالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى شۋېتسارىيىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئاكا – ئۇكا ئۇيغۇرلاردىن ئەركىن مەخمۇت بىلەن بەختىيار مەھمۇتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، “شۋېتسارىيىنىڭ قارارى خىتاي – شۋېتسارىيە مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ،” دەپ ئاگاھلاندۇردى.

شۋېتسارىيە بولسا يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىككە تەھدىت يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۇي پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سواللىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي – شۋېتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

مۇھەممەد كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ساقچىخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى

يېقىندا ئىگىلەڭەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قەشقەر ۋىلاىيىتىنىڭ مەكىت ناھىيە 3 ‏- يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دوستى ئابدۇرېيىمجاننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ساقچىلار مەرھۇمنىڭ ئاىلىسىگە ئوغلىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بۇنىڭدىن 20 – 25 كۈن ئىلگىرى خەۋەر قىلغان ۋە ئۈرۈمچىگە چاقىرتقان.

مەرھۇم مۇھەممەد كېرىمنىڭ ئاىلىسى ئۈرۈمچىگە بارغان ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ساقچىلار جەسەتنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ ئاىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەي ئۈرۈمچىدە بىر قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىپ ئاىلىسىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆمۈۋەتكەن.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىنىڭ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا مۈيەسسەر بولدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيىنىڭ خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى. بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن 5 ‏- قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپاتلار ئەسلىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان، خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن – قىستاق ئاستىدا جازالىنىۋاتقانلارغا مەنسۇپ ئىكەن.

ئىتالىيىدىكى (سوچىەتا لىبەرا ) تەشكىلاتى يەنى ئىجتىمائىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى، بۇ يىللىق خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بېرىشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپات بۇ يىل ياز ئايلىرىدا ئىتالىيىنىڭ لۇچا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا رابىيە خانىمغا بېرىلىدىكەن.

تەپسىلاتى...