ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە رىم خىتابنامىسى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-02-08

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىتالىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار يىغىنىدا سۆز قىلدى. بۇ يىغىنغا  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسى مەسئۇلى، ياۋروپا ئىش بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىتالىيىدىكى ۋەكىلى ۋە ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە رىم خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان. 

تەپسىلاتى...

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلگە چىقىشىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرۇۋەتكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى 5″ ‏- ئىيۇل ۋەقەسى”دىن بۇرۇن، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلگە چىقىپ، ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش، سودا قىلىش ۋە ياكى ھەج قىلىش پاالىيىتىگە ئېغىر چەكلىمىلەرنى قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي 5″‏ – ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلگە چىقىشىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرۇۋەتكەن.

چەتەلگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلاردىن بورۇن تەلەپ قىلغاننى بەجا كەلتۈرۈشتىن باشقا يەنە بېجىرىش مۇمكىن بولمايدىغان تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغان.

تەپسىلاتى...

دۇق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئىتالىيە پارلامېنتىدا دوكلات بەردى

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

دۇق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزىلگەن، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (ئۇنپو)نىڭ 8-نۆۋەتلىك رەىسلىك كېڭىيىشى يىغىنىنغا  قاتناشتى.

 

 

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە زورلۇقسىز رادىكال پارتىيىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئىتالالىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىدا „مۇھاجىرلار مەسىلىسى“ ھەققىدە يىغىن بولۇپ ئۆتتى. يىغىندا ئاساسلىقى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مۇھاجرىلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يىغىندا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسىي سەۋەبلەردىن شەرقىي تۈركىستاندىن، قوشنا دۆلەتلەرگە  قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاىجەلىك ئاقىۋەتلەر،

تەپسىلاتى...

خىتاي، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسىدە بۇ يىل 3 – فېۋرالغىچە ئاشۇرۇپ گاز توشۇشنى ئىزچىللاشتۇرغان

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گازنىڭ 70 پىرسەنتىنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى تەمىنلەيدىكەن. مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىدە 22 ئورۇندا گاز تولۇقلاش بېكىتى 43 ئورۇندا پرېسلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ يىل 3 – فېۋرالغا قەدەر مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمغا يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز، 60 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى 2010 – يىلىمۇ ئىزچىل ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى جەريانىدا بىر قىسىم قىرغىز قىزلىرىنىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە يۆتكىگەنلىكى مەلۇم.

5 – فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۈەن ناھىيىسىدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان گۈلخەيرى قادىر، شۇ خىلدىكى قىرغىز قىزلىرىنىڭ بىر ئىكەن.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ قىزلىرىدىن ھەر يىلىغا 140 مىڭنى خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر رايونلارغا يۆتكەپ كەلمەكتە ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر خرىستىان ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى دۇنيا خرىستىانلىرىغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

خىتايدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇر خرىستىان ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى گۈلنۇر، دۇنيا خرىستىانلىرىغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، يولدىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر خرىستىان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىت، “دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى” بىلەن 2009 – يىلى 25 – نويابىر قەشقەردە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئوباما ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالىي سوتقا سۇنۇلغان ئەرزىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا تەكلىپ بەردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئوباما ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالىي سوتقا سۇنۇلغان ئەرزىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا تەكلىپ بەردى.

2008 – يىلى ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا ۋاشىڭتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربىنا گۇەنتانامودا ئېشىپ قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى بوش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئوتتۇرا سوتىنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز يوللىغان ۋە سوتتا ئۇتقان ئىدى.

نەتىجىدە گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ئەرز يوللىغان ۋە بۇ ھەقتىكى سوتنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

10 – فېۋرال ‘مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى’ ئامېرىكىدا كۆرسىتىلمەكچى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

10 – فېۋرال ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا “مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى” ئامېرىكىدا كۆرسىتىلمەكچى.

“مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى” ناملىق ھاجەتلىك فىلىمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى – پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆرۈشى يولىدا چەككەن جەبرى – جاپالىرى تەسۋىرلەڭەن.

فىلىم 10 فېۋرال چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 5 دە، ئامېرىكىدا دۆلەت مەجلىسى ئىشخانا بىنالىرىدىن بىرى بولغان رايبۇرن سارىيىنىڭ 318 – نومۇرلۇق زالىدا كۆرسىتىلىدىكەن.

دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئېلانغا  قارىغاندا، فىلىمنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جىم مكگوۋەرن، فرانك ۋولف قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 13 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار، 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 13 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئەللەردە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەينى چاغدا غۇلجا نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

 شۇ قاتاردا بۈگۈن، يەنى، 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى ۋە د ئۇ ق تەركىبىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، خىتاينىڭ گېرمانىيدىكى ميۇنخېن كونسۇلخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

تەپسىلاتى...

ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ئۈرۈمچىدە باستۇرۇش داۋاملىشىدىغانلىقىنى جار سالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى “5 – ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن ئۈرۈمچى ئاھالىسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، زەربە بېرىش نىشانىنى ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كۆچمە نوپۇسقا قاراتقان ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىن پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە “گۇمانلىق ئۇنسۇرلار”نى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانالىزچىلار بولسا خىتاينىڭ پىلانى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تازىلاپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ شەھەردىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى “5 – ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن بەلگىلىمە چىقىرىپ، كۆچمە نوپۇستىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە ئۆي ئىجارە بېرىشنى، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشى ۋە خىزمەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغان ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى تۈنۈگۈن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش يولىدىكى بۇ تۈرلۈك باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...