رابىيە قادىر خانىم مەرھۇم گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى

تۈركىيىدە گېنېرال مايور مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن مەمەت رىزا بېكىننىڭ ۋاپاتى، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى ئېغىر مۇسىبەتكە مۇپتىلا قىلدى. ئۆمرىنى ۋەتىنى , مىللىتى خەلقى ئۈچۈن ساداقەت ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىن يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپلا قالماستىن، تۈرك خەلقىنىڭ ئالىي ئېھتىرامىغا ئېرىشكەن مۆتىۋەر ئىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. پېشقەدەم ئۇيغۇر پاالىيەتچى، جامائەت ئەربابى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىمۇ رادىومىز ئارقىلىق، يېقىن ئاكا – ئۇكا مۇناسىۋىتىدە بولغان مەمەت رىزا بېكىن ئۈچۈن قايغۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق : مىللىي ئۇستازىمىز گەنىرال مۇھاممەت رىزا بېكىن ئەپەندىمگە قايغۇلۇق تەزىيە !

شەرقىي تۈركىستان  خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، مىللىي ئۇستازىمىز ۋە ئىنقىلابچىمىز، دۇق نىڭ پەخرى رەيىسى، تۈركىيىدىكى  شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەيىسى گەنىرال مۇھەممەت رىزا بېكىن ئەپەندىم كېسەللىك سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2010 – يىلى 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، تۈركىيە ساەتى 20.35دە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە 85 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشتى.

جانابى ئاللاھ مىللىي ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي !

پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەشى ساق بولسۇن !

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەرھۇمنىڭ ئايىلىسىدىكىلەردىن، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرىدىن، شۇنداقلا تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن سەمىمىي ھال سورايمىز !

تەپسىلاتى...

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاماننىساخان فوندى قۇردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئامانىساخان 16 ‏- ئەسىردە ياشىغان يەكەن خانلىقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ خانىشىدۇر. لېكىن ئامانىساخاننىڭ نامى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن مەشھۇر.

يېقىندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىر فوندى جەمئىيەت قۇرۇپ، بۇ جەمئىيەتكە ئامانىسساخاننىڭ نامىنى بەرگەن ۋە “ئامانىسساخان‏ – ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى” ناملىق بىر ژۇرنال تەسىس قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر ھەيئەت ئەنقەرەدە مۇھىم پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايۇتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپى ئالىمجان بۇغدا باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك ھەيئەت 2 – ئاينىڭ 15 ۋە 16 – كۈنلىرى ئەنقەرەدە ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئۇلار بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىستانبۇلدىن كەلگەن مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدا بەزى مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئۇلارغا سۇندى.

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئاياللار كومىتېتى نامايىش بۆلۈمى خىزمەت پىلانىنى بېكىتتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى تېخى قۇرۇلغىنىغا بىر ئاي بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە، كومىتېتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.

مەزكۇر كومىتېت تارمىقىدا مائارىپ، تەشۋىقات ۋە دىنىي بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغاندىن  سىرت، يەنە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان  بولۇپ، ئاياللار كومىتېتىنىڭ 14 ‏- فېۋرال كۈنىدىكى يىغىنىدا، بۆلۈمنىڭ خىزمەت پىلانلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتە قانداق شەكىلدە نامايىش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ قېتىمقى ئاياللار كومىتېتىنىڭ يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كومىتېت رەئىسى زۇبەيرە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدە ئىشخانا ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئەنقەرەدە يېڭى ئېچىلغان ئىشخانىدا يىغىلىپ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ۋە قەيسەرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئەنقەرەدە ئېچىلغان ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە يەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئەنقەرەدە چوڭ ئىشخانا ئاچقانلىقىنى، بۇ ئىشخانىنىڭ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ نازارىتى بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە يەنە “3 خىل كۈچلەر” گە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى

12 فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ج خ نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىدىن “زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىشى تەدبىرلىرىنى كەسكىن يۈرگۈزۈپ، چېگرا ئىچ – سىرتىدىكى ‘ 3 خىل كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى مەركەز قىلىش” نى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ تەلەپلىرىدە يەنە “ھەرخىل كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىستىخبارات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئامىلىنى ئالدىن ئالا يوقىتىش” ئالاھىدە تەكىتلەڭەن.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يەنىلا قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئۇيغۇر ئىلىدىن چەتئەللەرگە چىققان كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى يەنىلا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.

يېقىندا چەتەلگە چىققان بىر نەپەر ئۇيغۇر پۇقراسى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە يەنە ‘3 خىل كۈچلەر’ گە قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلەڭەن

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدە تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئابونتلىرىدىن كىملىك ئارقىلىق تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ئالاقە ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە، تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت ئابونتلىرىدىن ئۆزىنىڭ كىملىكى بويىچە تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.

بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر سېرىق مەزمۇندىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلار، توردىكى ئالدامچىلىق ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان بولغان سەزگۈر تېمىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇقرالاردىن كىملىكى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ نازارەتچىلەرنى كۆپەيتىۋېتىپتۇ.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ياش – ئۆسمۈرلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 30 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، نۇقتىلىق ھالدا ياش – ئۆسمۈرلەر تۇتقۇن قىلىنىۋاتماقتا ئىكەن. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئاقسۇدا چاغان مەزگىلىدىكى 30 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، چاغاننى بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ياش – ئۆسمۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قاتتىق تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋېتىپتۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەم گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىگە ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ ياش – ئۆسمۈرلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

تەپسىلاتى...