ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ئىرەنسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى

كامبودژادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقان ئاۋستىرالىيىلىك 2 دىنىي پاالىيەتچى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىگە ئېرەنسىزلىك بىلەن قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دېنىس كوھلان ۋە تايا خۇنت ئىسىملىك ئاۋستىرالىيىلىك بۇ ئىككى خانىم مۇساپىرلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خەلقئارا دىنىي تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى ئىدى.

تايا خۇنت كامبودژادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقان بولۇپ، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشىنى كامبودژا بېجىرىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە `4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىدا سۆز قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان` 4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، تۈرمىلەردە، ساقچى ئىدارىلىرىدە قىيناپمۇ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا، نۇقتىلىق ھالدا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان.

شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە  ئېچىلىۋاتقان ` 4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىغا 120 دەك دۆلەتتىن مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پاالىيەتچىلىرى قاتناشقان. 

مەزكۇر يىغىنغا  رابىيە خانىم بىلەن بىللە قاتناشقان ئالىم سېيىتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزى  ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. 

تەپسىلاتى...

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ياپوندىكى ئۇيغۇرلار

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى

2 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگە قەدەر گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى داىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا، ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فرانسىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 60 قا يېقىن ۋەكىل قاتناشماقچى.

تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن قازاقىستان، ياپونىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق بەزى ئەللەردىن ۋەكىللەر كېلىشكە باشلىدى.

ئۇندىن باشقا يەنە، قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رامازان دىرىلدايوف ئەپەندىمۇ قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا  قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رامازان ئەپەندىنى ھەمدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ قازاقىستان ۋەكىللىرى ميۇنخېنغا يېتىپ كەلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

بۇ ھەپتە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق داىمىي ھەيەتلەر يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 24 ‏- فېۋرال كۈنى ميۇنخېنغا  يېتىپ كەلدى.

تونۇلغان سىياسىيون ئالىم رېزا سەمىدىي ۋە د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى يېتەكچىلىرىدىن ئابدۇرىشىت قاتارلىق ۋەكىللەر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5 ‏- ئىيۇل قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ۋە بۇ قېتىملىق د ئۇ ق نىڭ يىغىنىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە `4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىغا قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان “4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش” يىغىنىغا قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا  120 ئەتراپىدا دۆلەتتىن مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پاالىيەتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف قاتناشقان.

يىغىندا ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان خىتاي ۋە ئىرانغا  ئوخشاش دۆلەتلەر ئەيىبلىگەن.

رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئومۇمى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى

مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتىنىڭ 17 – نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق تەركىبىدىكى ” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى” تەشكىلاتى بولسا، غەرب دۇنياسىدا، جۈملىدىن ياۋروپادا قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، 1991 – يىلى ئەركىن ئالپتەكىن , ئەنۋەرجان، ئۆمەر قانات ۋە ئەسقەرجان … قاتارلىق ئەپەندىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلۇپ پائالىيەت باشلىغان ئىدى.

ھازىرغا قەدەر بۇ تەشكىلات، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا، جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرىگە تونۇتۇش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە، ” دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى “, ” شەرقىي تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان ) مىللىي قۇرۇلتىيى ” ۋە ھازىرقى”دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ” قاتارلىق مەركىزى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قۇرۇشىدۇ تۈرتكۈلۈك مۇھىم رول ئوينىغان ۋە بۇ قۇرۇلتايلارغا ساھىبخانىلىق قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە”دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ” مەركىزى ئورگىنى بىلەن”ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسى بىرگە بولۇپ، ئۆزئارا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 17 – نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىدا ئالدى بىلەن باش كاتىپ غەيۇر قۇربان ئەپەندىم دوكلات بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت مەكتىپى دەرس باشلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭتون شەھىرى يېنىغا جايلاشقان ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ فاىرفاكىس شەھىرىدە 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى كۈنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت مەكتىپى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن دەرس باشلىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۆپ ساندا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، پەرزەنتلەرنى ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ۋاشىڭتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرگىنىيە، مەرىيلەند شتاتلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلەن تەربىيىلەيدىغان بىرەر ئورۇننىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. مەزكۇر مەكتەپ ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ تەلىپى ھەم قىزغىن قوللىشى بىلەن تېخى يېقىندا قۇرۇلغان ئاياللار كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا قارار قىلىنغان  بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىقىنى تۈرك جاماەتلىرىمۇ قوللاپ، مەكتەپ ئۈچۈن ئورۇن ئاجرىتىپ بەردى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ب د ت باش كاتىپىغا يېزىلغان خەتكە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندا مەزكۇر تەشكىلات نامىدىن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا  يېزىلغان خەتكە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قوزغىغان بولۇپ، بۇ خەتتە ب د ت باش كاتىپىدىن “5 – ئىيۇل ۋەقەسى”دىكى باستۇرۇشنى سۈرۈشتۈرۈپ، ۋەقەدە تۇتقۇنغا  ئۇچرىغانلارنى قويۇپ بېرىش، ۋەقەگە قاتناشقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ب د ت دىكى ئالاقىچىسى كەسېي پولىاسنىڭ مەسۇللۇقىدىكى بۇ پائالىيەتكە بۈگۈن 20 كۈن بولاي دەپ قالدى. بان كىمۇنغا  يېزىلغان خەتتە، “خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قانۇن سىرتىدا ئۆلتۈرگەنلىكى”، “داىرىلەر 2009 ‏‏ – يىلى ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن تىنچ نامايىش ۋە مىللىي توقۇنۇش جەريانىدا، كېيىنكى كۈنلەردە سادىر قىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى چوڭقۇر ئەندىشە ياراتقانلىقى”نى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەپسىلاتى...

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى چەكسىز قايغۇلاندۇردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، تۈركىيە ئارمىيىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى، خۇددى دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ چەكسىز قايغۇلاندۇردى ۋە ئازابلىدى.

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن بۇيان، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىدە فاتىھە ئوقۇش ۋە خەتمە – قۇرئان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈسى ۋە سېغىنىشىنى ئىزھار قىلىپ كەلمەكتە.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار، گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە، بولۇپمۇ مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرىگە يۇقىرى باھا بېرىشمەكتە.

تەپسىلاتى...

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن دۆلەت مۇراسىمى بىلەن دەپنە قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى مەسئۇلى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن بۈگۈن، يەنى، 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە قىلىنغان  جىنازا نامىزىدىن كېيىن، قارشىياقا شېھىت ۋە غازىلار مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا 1500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، جىنازا نامىزىغا تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى، ئوفىتسېر ‏ – ئەسكەرلىرى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، پارتىيە، تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشقان ۋە دۆلەت مىنىستىرلىرىدىن بىر قانچىسى تەزىيە خېتى ئەۋەتكەن.

جىنازا نامىزىغا، رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيىدىن ئەنۋەرجان قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق باشلىقى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىمىن ئابدۇلغافۇر قاتارلىقلار قاتناشتى.

تەپسىلاتى...