بابۇر مەخسۇت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن بىر يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

بۈگۈن شۋېتسىيىنىڭ بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى شۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر بابۇر مەخسۇت ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

بابۇر مەخسۇت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىپ، قانۇنسىز يوللار بىلەن خىتايغا ئاخبارات يەتكۈزگەنلىك سەۋەبى بىر يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بابۇرغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

بۇ يىل 62 ياشلاردىكى شۋېتسىيە پۇقراسى بابۇر مەخسۇت 2009‏- يىلى 6‏- ئايدا قولغا ئېلىنغان  بولۇپ، شۋېتسىيە تەپتىش ئورگىنى بابۇرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پاالىيەتچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلاش، خىتاينىڭ شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىك خادىملىرىغا ۋە مۇخبىر سىياقىدىكى خىتاي جاسۇسلىرىغا قانۇنسىز يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى بابۇر مەخسۇتنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ 16 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى  ئېلان قىلدى. ستوكھولىم يەرلىك سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنامىدە بابۇرنىڭ “ئېغىر قانۇنسىز جاسۇسلۇق پاالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ”  مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار سانى كۈندىن – كۈڭە كۆپەيمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئاياللار كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن قۇرۇلغان “ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش مەكتىپى” نىڭ دەرس باشلىغانلىقىغا 3 ھەپتە بولدى.

 بىز مەزكۇر مەكتەپ ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن، 7 – مارت كۈنى مەكتەپكە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. بۇ مەكتەپتە كىچىكى 4 ياش، چوڭى 19 ياشقىچە ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى دەرس ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60 كە يەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

8 ‏- مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرى تىلغا ئېلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى

8 ‏ – مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمىنىڭ 100 ‏ – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ فىلوريا رايونىدىكى كۆركەم كىلىس سوفراسى دېگەن رېستوراننىڭ زالىدا بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
 
بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى، ئىستانبۇل ۋالىيىلىكىگە قاراشلىق تۈرك دۇنياسى قېرىنداش خەلقلەر بۆلۈمى، ئايدىڭلار ئوجاغى، تۈركمەنلەر ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى، ياۋرو ‏ – ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيىسى، ياۋروپا ئايدىنلار ئوجاغى جەمئىيىتى، غەربىي تىراكىيە تۈركلىرى جەمئىيىتى، قىرىم تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، ئاناتولىيە ئايدىڭلار ئوجاغى، بۇلغارىستان تۈركلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تاتار جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى، ئەزەربەيجانلىقلار جەمئىيىتى، قانۇنشۇناسلار بىرلىكى قاتارلىق 16 ئاممىۋى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا  يەنە رادىئو ‏ – تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت ‏ – ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە يازغۇچى ‏ – شاىرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

ھىلال تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى

يېقىندا تۈركىيە ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ ‘بەخت قوڭغۇزى’ ناملىق ئۆسمۈرلەر پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بالىلار يەسلىدىن قىز ‏-ئوغۇل بولۇپ تاللانغان  15 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پەرزەنتى قاتناشتى.

بۇ پروگراممىغا ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ خادىمى ئەخمەت شاھىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگرامما، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇرشىدە خانىم , شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ نامىدا ھىلال تېلېۋىزىيىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ رىياسەتچى ئەخمەت شاھىنغا  گۈل دەستە تەقدىم قىلىش بىلەن باشلاندى.

بۇ پروگرامما ھىلال تېلېۋىزىيىسىدە سۈنى ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. پروگراممىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مىللىيچە كىيىم ‏- كېچەك ۋە چىمەن دوپپا كىيىشكەن بولۇپ، ئۆسمۈر بالىلار ناخشا ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش، شېىر دېكىلىماتىسيە قىلىش، ئويۇن كۆرسىتىش قاتارلىق ھەر خىل نومۇرلار تەقدىم قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق داىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

2 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى داىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى.

تونۇلغان زىيالىي رىزا سەمىدى، تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئەنقەرە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يىغىن جەريانىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە بۇ داۋانى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ۋەكىللىرى يىغىن قارارلىرى ھەققىدە توختالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

26 – فېۋرال ميۇنخېندا باشلانغان  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجراىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 1 – مارت كۈنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى شۇنداقلا سىياسىي ئەربابلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ئەھۋالى ھەمدە قارارلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى كەچتە گېرمانىيىنىڭ مۈنخېن شەھىرىدىكى لىمان رېستورانتتا سىياسىيون ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى. بۇ قۇتلۇقلاش تويىغا، دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مۈنخېنغا  14 دۆلەتتىن كەلگەن 50 ئەتراپىدا ۋەكىل ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پېشقەدەم زىيالىي رىزا سەمەدى، قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقا داىمىي كومىتېت ئەزالىرىمۇ بار ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ توينى دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ تويدا ئەنۋەرجان ئەپەندى ئەركىن ئالپتېكىڭە ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئالپتېكىڭە تون كېيدۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ1 – مارتتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەرزى ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان بولۇپ، ئەرزدە ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن ھازىرغا قەدەر بىرەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماي گۈەنتانامودىكى لاگېردا ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان  ئىدى.

ئامېرىكا رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئوربىنا قاتارلىقلار 2008 ‏ – يىلى 10 ‏ – ئايدا قارار چىقىرىپ، لاگېردىكى “دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس” دەپ جاكارلانغان  بولسىمۇ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان ئىدى. لېكىن بوز ھۆكۈمىتى فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، فېدېرال رايونلۇق سوتنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

بۈگۈن ئاخىرلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجراىيە كومىتېتى يىغىنىغا، ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق 15 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى بولۇپ 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

تەپسىلاتى...

ياپونىيىلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچى خىتاي چېگرىسىدىن كىرگۈزۈلمىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى 27 ‏- فېۋرال كۈنى ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ناوكا مىزۇتانى خانىمنىڭ، خىتاي چېگرىسىدىن كىرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ناوكا خانىم خىتاينىڭ چېگرىدىن كىرگۈزمىگەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلاشقانلىقى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
 
ناوكا خانىم رادىومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاداققىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

28 ‏- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى، ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ناوكا مىزۇتانى خانىمنىڭ، بېيجىڭدىكى خەلقئارا ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنىپ ياپونىيىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر، ياپونىيىدىكى كۆپلىگەن مەتبۇاتلاردا مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى.

تەپسىلاتى...