قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار دالا سەيلىسىگە چىقتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 09-كۈنى

تۈركىيىدە، كىشىلەر ئۆزئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش، بىر – بىرىنى چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ياش – ئۆسمۈرلەرنى سۆيۈندۈرۈش مەقسىتى بىلەن ياز ئايلىرىدا دالا سەيلىسىگە چىقىپ، بىرلىكتە دالا يېمىكى يەيدۇ. باغچىلاردا، ئورمانلىقلاردا، ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرىدا، تاغ ئېتەكلىرىدە ۋە يايلاقلاردا دالا تامىقى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ يىل، 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قەيسەرى سارمىساقلى سۇ ئامبىرىنىڭ بويىدا دالا يېمىكى يېدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە چوڭ كىچىك بولۇپ 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى، دالا يېمىكى ئۈچۈن پولۇ، كاۋاپ قاتارلىق تاماقلار تەييارلاندى .

يېمەك يېيىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ياش – ئۆسمۈرلەر ئارا ئالما يېيىش مۇسابىقىسى، قېتىق ئىچىش مۇسابىقىسى، سۇ چېچىش مۇسابىقىسى، ئۇزۇنغا ۋە ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى ۋە توپ مۇسابىقىسىگە ئوخشاش تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى.
قەيسەرىدە-دالا-سەيلىسى-مۇسابىقە-305
سۈرەت، 2010 – يىلى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قەيسەرى سارمىساقلى سۇ ئامبىرىنىڭ بويىدىكى دالا سەيلىسىدە، ياش ئۆسمۈرلەر ئويۇن ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش.

بۇ پائالىيەت ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدىن، ئاخشام سائەت 8 گىچە داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ناھايىتى خۇشال – خۇراملىق بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى تۇنجى ئېتىراپى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى

ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ھەققىدە ئىزاھات بەرگەندە، مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى بۇ ۋەقەنىڭ بىردىن – بىر جاۋابكارى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان، شۇنداقلا كۆپلىگەن يالغان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە رابىيە خانىمنى ۋە ئۇنۇڭ رىياسەتچىلىكىدىكى د ئۇ ق نى قارىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان بەزى ھەقىقىي ئامىللارنىمۇ ئاستا – ئاستا ئەتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

مەسىلەن، ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” يېڭى سېكرېتارى جاڭ چۈن شىئەننىڭ مەنسەپكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 100 كۈنلۈكى مۇناسىۋىتى بىلەن ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” تەرىپىدىن 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئېلان قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك بىر مۇلاھىزە ماقالىسىدە، ” 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا، بۇ ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا،دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىش سۇيىقەستىدىن باشقا يەنە، ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى، ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى، ئامما بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى 4 چوڭ پەرقنىڭ ياخشى ھەل قىلىنمىغانلىقىدىن ئىبارەت، بۇ خىل پەرق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەزى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى ” دەپ كۆرسىتىلدى.

تەپسىلاتى...

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئىشخانا ئاچتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2008 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ياپونىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تونۇتۇش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى قوللىغۇچى كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلار تەمىنلىگەن ئىشخانىلاردا ۋە ھەتتا ئۆيلىرىدە بۇ خىزمەتنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ كۈچلىنىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل شارائىت ئېھتىياجنى قامدىيالمىغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇش، خىزمەت ۋە ئولتۇراقلىشىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشمۇ مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئىشخانا ئاچقان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ياپونىيىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسلىق تەشكىلاتنىڭ زادى قايسىلىقى ھەققىدە سواللارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ئېنىقسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈنمۇ بۇ ئىشخانىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى يەنە، بۇ ئىشخانىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىش ۋە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيىدە “2010 – يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پائالىيەتلىرى” نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى

7 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن، 28 – كۈنىگىچە قايسەرىدە “2010 – يىلىدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پائالىيەتلىرى” نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيىلەش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەت “ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پۇتبول مۇسابىقىسى”، “دوكتور مەسۇت سابرى بايقوزى شاھمات مۇسابىقىسى” ۋە “مەخمۇت قەشقىرى ئەدەبىيات مۇسابىقىسى” تۈرلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. مەخمۇت قەشقىرى ئەدەبىيات مۇسابىقىسى ئىچىدە “مەمەت ئىمىن بۇغرا ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى”، “مەمەت ئېلى تەۋپىق شېىر يېزىش مۇسابىقىسى” ۋە “يۈسۈپ خاس ھاجىپ ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى” دەپ ئاتالغان پاالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

18 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئاخشام قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ھويلىسىدا نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا مېدال بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قەيسەرىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىم د ئۇ ق غا جاۋاب مەكتۇپى يوللىدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندى 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يوللىغان جاۋاب مەكتۇپىدا، بۇ قېتىم بېرلىندا گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قانۇن سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە خىتاي تەرەپتىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى ئەلەمدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن سۆھبىتى يىغىنى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

سۆھبەت باشلىنىشتىن 3 كۈن بۇرۇن، يەنى، 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىمگە مەكتۇپ يوللاپ،

تەپسىلاتى...

تور بەتلىرىدە پىكىر بايان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 120 نەپەردىن ئاشىدۇ

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى

2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتېرنېت تورى بېتى ئاچقانلار، باشقۇرغۇچىلار  ۋە توردا پىكىر بايان قىلغانلار زىيالىيلاردىن نەچچە يۈزلىگەن كىشى قولغا ئېلىنغان ئىدى.  د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تور بېتىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغانلاردىن 120 ئارتۇق كىشىنىڭ ئاشكارا ۋە پەخرى سوت قىلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق سوتتا 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان » دىيارىم » تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دىلشات پەرھاتنىڭ نۆۋەتتە ئەنگلىيىدە تۇرۇۋاتقان ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات ئەپەندىممۇ د ئۇ ق نىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، 120 نەپەردىن ئارتۇق تور باشقۇرغۇچى ۋە تورداشنىڭ ھازىر تۈرمىلەردە خىتاينىڭ جازالىشىنى كۈتۈپ ياتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ر ف ئا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، 22 – ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازنى سوتلاش بىلەن بىرلىكتە، 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى يەنە ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىنمۇ يېپىق سوت ئاچقان. شۇنداقلا بۇ خەۋەرنى ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن مەخپىي تۇتقان.

دىيارىم تور بېتىنىڭ يەنە بىر تور باشقۇرغۇچىسى، دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات ر ف ئا نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسى دىلشات پەرھات ۋە باشقا ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىلىپ ئۇلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

دىلمۇرات پەرھاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىنمۇ سوت ئاچقان. سوت يېپىق ھالەتتە ھەم جەمئىيەتتىن مەخپىي ھالەتتە ئېچىلغان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمۇ سوتتىن بىر كۈن ئىلگىرىلا سوت ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغان.

تەپسىلاتى...

خىتايچە يەسلىلەر چېگرا بويلىرىغا قىستاپ كەلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن بەزى جىڭدا چاقىرىلغان ” شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى > دىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئاتالمىش ” شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆمەكلىرى ” ئارقا – ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان ئىدى.

بۇ ئۆمەكلەرنىڭ قانداقتۇر خىتاينىڭ تەشۋىق قىلغىنىدەك يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

مەسىلەن، ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ جىياڭ سۇ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى 340 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، قازاقىستان چېگراسى بويىدىكى بېلىقسۇ يېزىسىدا ” قوش تىللىق يەسلى ” دەپ ئاتالغان خىتايچە يەسلىدىن 4 نى تەسىس قىلىپ، چېگرا بويلىرىغا جايلاشقان 4 يېزىدىكى 700 نەپەردىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ پەرزەنتىنى بۇ ھەرىكەتچان يەسلىلەردە خىتايچە تەربىيىلەشكە باشلىغان.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە – خىتاي قانۇن سۆھبىتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى

گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن سۆھبىتى يىغىنى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا باشلاندى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى قانۇن سۆھبىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بولسا خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش سۈرىتىنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئىنسانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دېگەندە ئادەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى گەۋدىلىك تەكىتلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

بۇ قېتىمقى قانۇن سۆھبىتى جەريانىدا گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى ماركۇس لۆنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن سۆھبىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى ئورگىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىمگە ئالاھىدە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنۇڭغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ كېيىنكى 6 ئايلىق پىلانى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ28-كۈنى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيىتىگە باققىنىمىزدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

” تىيانشان تورى” نىڭ 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ، شۇ كۈنى چاقىرىلغان ” ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ” دا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا، ” ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ” نىڭ كېيىنكى يېرىم يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ” قوش تىللىق يەسلى ” دەپ ئاتالغان ۋە مەخسۇس ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان  خىتايچە يەسلىدىن 1016 نى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە 20 مىللىي مەكتەپنى خىتاي مەكتىپىگە قوشۇۋېتىدىغانلىقىنى  بايان قىلغان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى : خىتاينىڭ ساختا قىياپىتى يەنە قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى سەۋەبى بىلەن ئۆتكەندە بېيجىڭدا چاقىرىلغان ” شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ” دىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات دولقۇنى قوزغاپ، گويا يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە بىر كېچىدىلا ” ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات  ” لارنى  بارلىققا كەلتۈرىدىغاندەك بىر مەنزىرىنى يارىتىشقا تىرىشقان ۋە خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان  ئاتالمىش ” شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆمەكلىرى  ” خۇددى  كەلكۈندەك شەرقىي تۈركىستانغا  ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان ئىدى.

دەرىجىدىن تاشقىرى نامراتلىق ۋە يوقسۇللۇق ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ” تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر ” دەپ ئاتالغان نامرات دېھقانلار خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ قالغان ۋە يۇقىرىدىن كېلىدىغان ياردەمنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكەن ئىدى.

ئۇلار كۈتكەن خەۋەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى.

” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ” ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ” ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 1 مىليون 299 مىڭ نەپەر ” تۆۋەن كاپالەتلىك كىشى ” نىڭ ھەر بىرىگە  ئايدا 10 يۈەن قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىغان.

ئادەتتە خىتاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە، يىللىق كىشى بېشىغا توغرا  كېلىدىغان كىرىمى 700 يۈەندىن تۆۋەن بولغان ئائىلىلەر، ” تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر ” دەپ ئاتىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىبارەت.

ئۇندىن بۇرۇن، ” تۆۋەن كاپالەتلىك دېھقان ” لارغا ئايدا بېرىلىدىغان ياردەم 65 يۈەن ئىدى، 10 يۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەمدى 75 يۈەنگە چىققان.

خىتاي ھاكىمىيىتى قىلچە ئار – نومۇس قىلماستىن، نامرات ئۇيغۇر دېھقانغا  ئايدا قوشۇپ بېرىلگەن 10 يۈەنلىك ياردەمنى گويا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زور ئىلتىپاتى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

تەپسىلاتى...