د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 24-كۈنى

8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى قەيسەرى شەھەر باشلىقى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كۆپ ساندىكى مىنىستىرلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئالىي رەھبەرلەر قاتناشقان.

بۇ ئىپتار زىياپىتىگە رەسمىي تەكلىپ بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 5 كىشىمۇ قاتناشتى.

بۇ زىياپەت جەريانىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باش مىنىستىرغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالىمىنى ۋە رەھمىتىنى يەتكۈزگەن. بۇ زىياپەت جەريانىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.

بۇ ئىپتار زىياپىتىنى قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەرگەن بولۇپ زىياپەتكە 450 ئەتراپىدا كىشى رەسمىي تەكلىپ بويىچە قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق خەلقارانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۈنى

23 – ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 16 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلىش لايىھىسى سۇنۇلدى. بۇ لايىھە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ لايىھىنىڭ خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەتنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان “سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش”نى چەكلەشتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ لايىھىدە، بىر قىسىم ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش تەكلىپى سۇنۇلغان. لايىھىدە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى، قەدىمىي قەبرىلەرنى، قىممەت باھالىق كان بايلىقلىرىنى، دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوغرىلاپ سېتىش جىنايىتى، پارىخورلۇق، چىرىكلىك، باج ئوغرىلاش، ساختا تالون ياساش قاتارلىق 13 خىل ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەڭۈچىلەرگە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنىش تەلەپ قىلىنغان بۇ 13 خىل ئىقتىسادىي جىنايەت، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەت تۈرلىرىنىڭ 19.1%Ni ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بوب كەسىرىن ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ لايىھىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما لايىھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 13 خىل جىنايەتنىڭ ئەسلىدىنلا ئۆلۈم جازاسى ئىنتايىن ئاز ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۈرلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان باشقا تۈرلەردىكى ئۆلۈم جازالىرىنىمۇ قەدەممۇ – قەدەم بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئىپتار زىياپىتى بەردى

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى

2010  يىلى 8  ئاينىڭ 19  كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى. ئىپتار ئىستانبۇلدىكى ئەنسار فوندى جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىپتارغا ئىستانبۇلدىكى ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقاننىڭ سىرتىدا گېرمانىيىدىن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابدۇللا ئەپەندىلەر قاتناشتى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات بۆلۈمى رەئىسى ئابدۇجېلىل تۇران مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش نۇتقى سۆزلىدى.

تەپسىلاتى...

ئاقسۇدىكى پارتلاشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى

” بوشۈن ” تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسىدىكى كۆۋرۈكتە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى ئېگەرچى يېزىلىق ساقچىخانا تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئامانلىق ساقلاش ۋە چارلاش ئەترىتىنىڭ خادىملىرىدىن ئىبارەت، ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىي تەركىبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ” شىنخۇا ئاگېنتلىقى ” تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يەرلىك كىشىلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 دە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 ئەتراپىدا، ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق ئېگەرچى يېزىسىنىڭ بىر نەپەر ساقچىسى 15 نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمىنى باشلاپ چارلاشقا چىققان، ئۇلار ئۇلار بىر كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە 3 چاقلىق موتسىكلىت ھەيدىگەن بىر كىشى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ قېشىغا ئېتىلىپ كېلىپ ئۇلارغا قارىتىپ بومبا تاشلىغان، بومبىنىڭ پارتلىشى بىلەن نەقمەيداندا 5 كىشى، دوختۇرخانىدا ئىككى كىشى ئۆلگەن، 14 كىشى يارىلانغان، مەيداندىكى بىرقانچە ساقچى موتسىكلىتى پاچاقلاپ تاشلانغان.

تەپسىلاتى...

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ئىپتار تامىقى بەردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 16-كۈنى

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار مۇبارەك رامزان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەردە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، بايلار، مەشھۇر سەنەتچىلەر نۆۋەت بىلەن كىشىلەرگە ئىپتار تامىقى بېرىدۇ.

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر بايلارمۇ ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىپتار بېرىدۇ. بۇ ئىپتار سورۇنلىرىدا قۇرانى كەرىم ئوقۇلىدۇ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىتى ھەم ۋەتىنى ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا دۇئا قىلىنىدۇ.

تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۆبىسى 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىپتار تامىقى بەردى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق دىنى ئىشلار كومىتېتىنىڭ 2010 – يىللىق رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان چاقىرىقى

د ئۇ ق دىنى ئىشلار كومىتېتى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى

ۋەتەن سىرتىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئەزىز شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلار!
مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى كاپالىتى، دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى بولغان مۇبارەك دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن بەش ئاساسلىق پەرزلەرنىڭ بىرى -“ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى „ دەپ ئاتالغان مۇبارەك رامزان ئېيى يىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق دىنى ئىشلار كومىتېتى ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى تۆۋەندىكىلەرگە چاقىرىدۇ:

1 – رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش مۇبارەك دىنىمىزنىڭ بەش ئاساسلىق پەرزلىرىدىن بىرىدۇر، شۇ ۋەجىدىن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇ ئايدا تولۇق روزا تۇتۇشى پەرزدۇر. ھېچبىر ئۆزرىسىز روزا تۇتۇشنى تەرك قىلىش ئېغىر گۇناھتۇر. روزا ئىنسان نەپسىنى ماددىي ۋە مەنىۋى ئىللەتلەردىن تازىلايدۇ. شۇڭلاشقا پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، رامزان ئېيىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ، بىر بىرلىرىگە قارشى غەيۋەت شىكايەت، پىتنە پاساتلاردىن ئۇزاق تۇرۇپ، قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق، بىرلىك، ئىناقلىقنى كۈچەيتىش.

2 – بالىلىرىمىزنىڭ يازلىق تەتىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا دىنى ئەقىدىمىزنى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بالىلار ئارىسىدا دىنىمىز، مىللىتىمىز ۋە ۋەتىنىمىز ھەققىدە زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈش ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى بىر بىرلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش، ئوز ئارا مىللىي رىشتىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پىكنىك ئورۇنلاشتۇرۇش.

تەپسىلاتى...

پرېزىدېنت ئوباما ۋە رابىيە قادىر خانىم ۋاشىڭتوندا رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مۇسۇلمان دۇنياسىنى مۇقەددەس رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن پەيتلەردە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ رادىومىز دولقۇنلىرى ئارقىلىق پۈتۈن مۇسۇلمان ئەھلى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رامزان ئېيىنى مۇبارەكلىدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك رامزان ئېيى باشلانغان كۈنلەردە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، مۇسۇلمان دۇنياسىنى مۇقەددەس ئاي مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، “ئىسلام ئادالەت، تەڭلىك ۋە تەرەققىياتنى تەرغىب قىلغۇچى ئۇلۇغ بىر دىن ھېسابلىنىدۇ” دېدى.

ئوباما ئۆزى، ئامېرىكا خەلقى شۇنىڭدەك خانىمى مىچەللە غا ۋاكالىتەن، ئامېرىكىدىكى ھەمدە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رامزانغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەرگەن پرېزىدېنت ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: ” رامزان ئاىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈدىغان، دوستلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىدىغان، تااملاردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئايدۇر.” ئوباما يەنە، ئىسلام دىنىنىڭ ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىكى ئورنى بىلەن رامزاننىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئوباما يەنە، ئاقسارايدا بۇ ھەپتە ئىچىدە بېرىلىدىغان ئىفتار ھەققىدە توختىلىپ “بۇ ئىفتارنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈۋاتىمەن” دېدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى : ئۇيغۇرلار ” ئازسانلىق مىللەت ” ئەمەس !

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى

بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ” ئۇيغۇر ” دېگەن بۇ كەلىمىنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇچرىتالمايمىز، ھازىر خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرنىڭ نامى ” ئۇيغۇر ” ئەمەس، بەلكى ” ئاز سانلىق مىللەت ” تىن ئىبارەت!

ئەمەلىيەتتە بولسا بۈگۈن دۇنيا سىياسىي سەھنىلىرىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بولسا، ماھىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەق – ھوقۇق مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس، چۈنكى دۇنيا جامائەتچىلىكى، ” شەرقىي تۈركىستان ” دېگەن بۇ ئۇقۇم بىلەن، ” ئۇيغۇر ” دېگەن بۇ ئۇقۇمنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ قارىغىنى يوق!

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئىجاد قىلىنغان، ” مىللىي بۆلگۈنچى “، ” شەرقى تۈركىستانچىلار “، ” 3 خىل كۈچلەر ” دېگەن بۇ ئۇقۇملارنىڭمۇ مەخسۇسلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغىنىنى خىتاينىڭ ئۆزىمۇ ئىنكار قىلغىنى يوق.

خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر، ” شىنجاڭدا 53 مىللەت بار، بۇ رايوندا بۇرۇندىن تارتىپ 13 مىللەت ياشاپ كەلگەن ” دېگەن سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىمۇ بۇ مىللەتلەر قاتارىدا ” ئاز سانلىق مىللەت ” دەپ ئاتاپ بىر تاياقتا ھەيدەپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئاياللار كېڭىشى لېبىدىنوفكا يېزىسىدا ئاياللار سېمىنارى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاياللار ھەرىكىتى جانلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىش، دىن، ئانا تىلى تەربىيىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ئىشلىرىدا ئالاھىدە روللارنى ئوينىماقتا.

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئاياللار كېڭىشى شۇ قاتاردىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر كېڭەش يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ چۇ ۋىلايىتىدىكى لېبىدىنوفكا يېزىسىدا ئاياللار سېمىنارى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بەزى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا تەشكىللىگەن.

تەپسىلاتى...

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يىگىت باشلىرىنىڭ پاالىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 09-كۈنى

يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ باش يىگىت باشلىرى جۇمھۇرىيەتلىك “ئۇيغۇر ئاۋازى” گېزىتى ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە مۇراجىەت ئېلان قىلغان.

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان دوستلۇق، سۇلتانقورغان ۋە باشقا مەھەللىلىرىنىڭ باش يىگىت باشلىرى يېقىندا قۇرۇلغان بەگلەر كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە يىگىت باشلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەزمۇنىدىكى پىكىر – تەكلىپلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلار يىگىت باشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئارقىلىق، مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇاتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم شۇنداقلا ئەلنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي گۈللىنىشىنى تەمىنلەيدىغان رازىمەنلىك ۋە تۇراقلىقنى مۇستەھكەملەشكە، خەلقلەر دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە پۈتكۈل بىلىمىنى ۋە كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇراجىئەتنامە ئاپتورلىرى يىگىت باشلىرى كۈنىنى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەم شۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ خەلق ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ئۆسىدىغانلىقىنى، ئابرۇيىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەتبۇئات سەھىپىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، شېھىت بولغانلار خاتىرىسىگە نەزىر پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، مىللىي مەكتەپلەرگە بالا توپلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلاردىمۇ يىگىت باشلىرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان.

تەپسىلاتى...