خىتاي ھاكىمىيىتى بىڭتۇەننىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ” 12 – بەش يىللىق پىلان ” نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى بىڭتۇەننىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتىنى 60 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى، ” دېۋىزىيىلەردە شەھەر بەرپا قىلىش، پولكلاردا بازار بەرپا قىلىش ” دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جىددىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەن قارمىقىدىكى يېڭى شەھەرلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك نوختىلىرىدا بەرپا قىلىنىدىكەن ۋە بىڭتۇەننىڭ نوپۇسىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى مەنزىللەردە 3 – 5 يېڭى شەھەر بەرپا قىلىنىدىكەن. 2010 – يىلى بىڭتۇەننىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى 50 پىرسەنتكە يەتكەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيدىكى نامايىشلار ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ، 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى 100 نەچچە كىشىلىك سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ گېرمانىيىگە 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ مەركىزى ئورگىنى جايلاشقان ۋە گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئولتۇراقلاشقان ميۇنخېن شەھرى بولسا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، بۈگۈن، يەنى، 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى لى كېچىياڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ئۆمىكى ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، گېرمانىيە ۋاقتى سائەت 14:30 دا دۇنياغا مەشھۇر ئاپتوموبىل شىركىتى بمۋ نىڭ مەركىزىنى ۋە بمۋ مۇزېيىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.
دەل مۇشۇ پەيتتە، د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بمۋ مەركىزى بىناسى ۋە بمۋ مۇزېيىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنياغا تونۇلغان كۆركەملىك بمۋ مەركىزى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن بېزەلگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتى، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە قايتىدىن جىددىي بەس – مۇنازىرىلەرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولماقتا.

گېرمانىيدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ لى كېچىياڭنىڭ زىيارىتىگە قارشى تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

بۇرۇن، گېرمانىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان ئېتىرازى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي سەۋەبتىن دەلىل – ئىسپاتسىز تۇتقۇن قىلىنىشى، تۈرمىلەردە ئېغىر قىيىن – قىستاققا ئۇچرىشى ۋە ئۆلۈم – جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىغا مەركەزلەشكەن ئىدى، ھازىر بولسا ئۇلارنىڭ ئېتىراز قىلىش دائىرىسى پەيدىن – پەي كېڭىيىپ، كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ” پىلانلىق تۇغۇت ” سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ” قوش تىللىق ئوقۇتۇش” سىياسىي، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتى قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرگە ئايلاندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى : نېفىت – گازنىڭ پايدىسىدىن كىملەر بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ ؟

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نېفىت ۋە تەبىئي-گازدىن يەرلىك مالىيىگە پايدا بېجى تاپشۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان يېرىم يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە نېفىت ۋە تەبىئي-گاز بايلىقى بېجىدىن جەمئىي 2 مىليارد 530 مىليون يۈەن كىرىم قىلىنغان، بولۇپمۇ تارىم ۋادىسىغا جايلاشقان جەنۇبتىكى 5 ۋىلايەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى كىرىمى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغانمىش !

ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي رېئاللىقتىن ئايرىلغان ساختا تەشۋىقاتتىن ئىبارەت ! چۈنكى ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلىرىدا قىلغىلى ئىشى، تېرىغىلى يېرى، سودا قىلغىلى دەسمايىسى يوق يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان، ” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش ” دېگەن نامدا ئۆزىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن ھەيدەلدى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي خوجايىنلارغا قۇل – مالايلىققا تۇتۇپ بېرىلدى …

ئۆتكەن بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا مال باھاسى، بولۇپمۇ گۆش، يېمەكلىك باھاسى شىددەت بىلەن ئېشىپ، سانسىزلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ گۆش – ماي كۆرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى …

تەپسىلاتى...

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسى 2010 ‏- يىلىدا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى

نۆۋەتتە 2010‏-يىلىنى ئۇزىتىپ 2011‏-يىلىغا كىرىش بوسۇغىسىدا تۇرغان مۇشۇ پەيتتە، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇ بىر يىل مابەينىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىدىكى تەجرىبە ساۋاقلىرىدىن يەكۈنلەر چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا چەتئەللەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرى، ئۆتكەن بۇ بىر يىل ئىچىدىكى خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرىنى قانداق يەكۈنلەيدۇ؟

مۇخبىرىمىز، رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەۋەتكەن ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ئەپەندىلەر بىلەن “چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسى 2010 ‏- يىلىدا” تېمىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

تەپسىلاتى...

2010-يىلى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. بولۇپمۇ 2010-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق توختامنامىسى تۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تۈركىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتتى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى 2010-يىلىدا تۈركىيىدە نېمە پائالىيەتلەرنى قىلدى؟ بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە؟

بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 2010-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشىنى بۈگۈن تۈرك رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بارغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

ئۇيغۇرلارغا ئەھمىيەت بىلەن قاراش ۋە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە گوللاندىيىدىكى ھەرساھە تارماقلىرىنىڭ قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنمەكتە.

2010-يىلى 22-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى ئەتىگەندىن كەچكىچە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، گوللاندىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىدا مەخسۇس ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورالغان كەڭ داىرىلىك مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى ۋە ئۇلارغا يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلىق ھۆججەتلەرنى سۇندى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتجان روزى ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە ئۆچۈر بەردى.

تەپسىلاتى...

ئەنقەرەدە “كۆچ ۋە تۈركىي خەلقلەر” تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

12-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە تۈركسوي ئىدارىسىنىڭ زالىدا “كۆچ ۋە تۈركىي خەلقلەر” تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا تۈركسوي مۇئاۋىن باشلىقى فىرات فۇلتاش، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدا يېڭى قۇرۇلغان چەتئەلدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسى باشلىقى كېمال يۇرتناچ ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق مەسلىھەتچىسى سېيىت يۈسۈپ ئەپەندى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى رەئىسى ۋېيسى گۈڭۆر ئەپەندى، تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدىكى كۆچمەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتناشتى.

باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى كېمال يۇرتناچ ئەپەندى، يېڭى قۇرۇلغان بۇ ئىدارە ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ ئىدارىدە 4 باشقارما تەسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇ باشقارمىلار ئىچىدە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ باشقارمىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پۈتۈن مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ دوكلاتلار تەييارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىدارىگە يېقىندا 170 خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 15 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇل توپكاپى قەبرىستانلىقىدىكى مەقبەرىسى زىيارەت قىلىندى ۋە مەرھۇمنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى، شۇنداقلا زىيارەتكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم ‏- ئايرىم سۆز قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى ھەققىدە پىكىر، قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 15 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتكىننىڭ ئاىلىسى، دوستلىرى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى، تۈرك ئوجاقلىرى كۈچۈكچەكمەجە شۆبىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئىستانبۇل توپكاپى قەبرىستانلىقىدىكى مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى. مەرھۇمنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى. كېيىن زىيارەتكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم ‏- ئايرىم سۆز قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى ھەققىدە پىكىر، قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى

12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بوھۇم شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە `قەشقەردىكى ئەتىگەنلىك ناشتا` تېمىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەت ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئۆيى ياسالغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىگە بىر ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۆيىدە بولۇشقا تېگىشلىك پۈتۈن ئۆي جابدۇقلىرى قويۇلغان. بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيىدىن كامىل ئابباس ۋە گۈلەندەم قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان سەنئەت ئۆمىكى كەلگەن.

كۆرگەزمىگە ياۋروپادا تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 30 پارچە رەسىمى قويۇلغان. بۇ كۆرگەزمىدە نۇرنىسا ئىسمايىلوۋا خانىم ئۇيغۇر رىۋايەت ۋە چۆچەكلىرىدىن ئارىيىلەر ئوقۇپ نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر تاماقلىرى سېتىلغان. بۇ پائالىيەتنى سەنئەتكار ۋە كەسپىي رېژىسسور ھوللەندەر خانىم ئۇيۇشتۇرغان. گېرمانىيىنىڭ بوھۇم شەھىرىنىڭ 400 مىڭ نوپۇسى بار بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنەت كېچىلىكىگە كۆپ ساندا گېرمان قاتناشقان.

تەپسىلاتى...