ئەنقەرەدە `شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى` تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ئەنقەرە چانقايا ئۇنىۋېرسىتېتىدا `شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى`تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا چانقايا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى كېرەم گۈن ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆز قىلدى.

يىغىنغا چانقايا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن ئۇيغۇر شېھىتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە تۈركىيىنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

ھۆججەتلىك فىلىمدە خىتايلار ئۇيغۇر زېمىنىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار. خىتايلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تىل، دىن ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى بىسىم سىياسىتى تونۇشتۇرۇلغان. ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىنغان.

خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى، خىتاي ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

فرانسىيىدە خىتايغا قارشى 1000 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى

4 ‏- نويابىر كۈنى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ فرانسىيىگە قاراتقان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە فرانسىيىدە 1000 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىش فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەت قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق ئىشتىراكىدا ئېلىپ بېرىلغان.

نامايىشقا فرانسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە خادىمى مەمەت توختى ئەپەندىلەر قاتناشقاندىن سىرت يەنە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقان فرانسىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى زىيارىتىمىزدە نامايىش ھەققىدىكى ئۆز تەسىراتىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، نامايىش توغرىسىدا نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېلگىيىدىكى ياۋروپا بىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئالاقىچىسى مەمەت توختى ئەپەندى 2010 – يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى دەم ئىلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، گوللاندىيىدە زىيارەتتە بولدى.

30 – ئۆكتەبىر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى خاررى فان بوممىل ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى تەسىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۈرلۈك پىلان – لايىھىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەسلىھەتلەر بولۇندى.

خاررى فان بوممىل ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشتىن ئۆز تەسىرىنى بايان قىلىپ: “مەمەت توختى ئەپەندىمنىڭ ياۋروپا بىرلىكى پارلامېنتىدا تۇرۇپ خىزمەت ئۆتەۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم. ئۇنىڭ تەكىتلىشى بىلەن گوللاندىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغاندەك بولدۇم. بۇندىن كېيىن ئەپەندىم بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن،” دېدى.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا بىخەتەرلىك، ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ كۆپەيمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئەڭ كۆپ دۆلەت ئەزا بولغان تەشكىلاتلاردىن بىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىكەن.

بۇ تەشكىلات قانداق بىر تەشكىلات؟ ۋەزىپىسى نېمە؟ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ دېگەڭە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك، ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەركىبىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى تۈركىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئالاەتتىن بۈيۈكقايا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاەتتىن بۈيۈكقايا ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا چاقىردى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى 56 دۆلەت ئەزا بولغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بۈگۈن كېڭىيىپ تېخىمۇ كۈچلەندى. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەزا بولدى.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيىدە تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار مەمەت توختى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى

31 – ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى گوللاندىيىدە تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامىستېردام شەھەرلىك مەدەنىيەت ئۆيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتتە، گوللاندىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەينەن ئەھۋالى، دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە پىكىرلەر بولۇندى.

سۆھبەتتە، سىياسىي پاناھلىق تىلەشنىڭ نورمال يوللىرى قانداق؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ قانداق ھەق – ھوقۇقلىرى بار؟ دېگەندىن تارتىپ، لاگېرلاردىكى ياتاق – تاماق ۋە تازىلىق شاراىتلىرىنىڭ ناچارلىقى، تۈرلۈك بېسىملارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ پسىخولوگىيىلىك تەسىر قىلىۋاتقانلىقى، ئېھتىياجلىق ئورۇنلاردا قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللارنىڭ يوقلۇقى، تىل ئۆگىنىش شاراىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئىنسانىيلىق، مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئاڭلىق نۇقتىلار بويىچە شەرھىلىنىپ، ھەر بىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك غۇرۇر ۋە ۋىجدان تۇيغۇلىرى پەرۋىش قىلىندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق تور بېتىنىڭ فرانسۇزچە رەسمىي يولغا قويۇلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى

د ئۇ ق ئىچى ۋە تاشقى تەشۋىقاتنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە، دەسلەپكى قەدەمدە 2005-يىلى ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا تور بېتىنى يولغا قويغاندىن كىيىن، قەدەم باسقۇچ بىلەن گېرمانچە، خىتايچە ۋە ياپونچە تىللاردا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئىدى. د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشى، پائالىيەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە مەتبۇئاتلارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى يۈكسىلىپلا قالماستىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى، ھېسداشلىقى كۈنسېرى ئېشىشقا باشلىدى. ھەر خىل تىللاردىكى تەشۋىقاتنى كۈچلەندۈرۈش بىر مەجبۇرىيەت بولۇپ قالدى. بۇ خىل ئېھتىياج سەۋەبىدىن، د ئۇ ق ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە ھەر خىل تىللاردا كىتاب، كىچىك كىتاپچىلار، تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، خەۋەرنامە، دوكلاتلار نەشر قىلىش، باياناتلار ئېلان قىلىش  قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېقىقى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەر دائىرىسىدە د ئۇ ق تور بېتىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. يۇقىرىقى ئېھتىياجلار سەۋەبىدىن د ئۇ ق 5 خىل تىلدا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق تور بېتىنى يەنىمۇ بېيىتىش مەقسىتىدە باشقا تىللاردىمۇ يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

بۇ قارار بويىچە بىر-قانچە ئايلىق جاپالىق ۋە خالىسانە ئەمگەك نەتىجىسىدە د ئۇ ق تور بېتىنىڭ فرانسۇزچىسى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى رەسمىي خىزمەتكە ئېچىلدى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنلارنىڭ فرانسىيىگە ئېلىپ بارىدىغان سەپىرى ھارپىسىدا د ئۇ ق تور بېتىنىڭ فرانسۇزچە نەشر قىلىنىشى، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

د ئۇ ق ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تور بېتىمىزنى تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىسپانچە قاتارلىق تىللاردىمۇ يولغا قويۇشنى پىلان قىلماقتا.

تەپسىلاتى...

كانادادا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى

كانادانىڭ ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى يېقىندا ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يىللىق يىغىن چاقىرىپ، خىتاي قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا ۋە ھىندىستان قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى مەسىلىلىرى بويىچە تۈرلۈك تېمىلاردا زور كۆلەملىك ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئىدى. 29‏ – ئۆكتەبىردىن 31‏ – ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلغان يىغىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللىي مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا كانادالىق خىتاي مۇتەخەسسىسلەردىن ساۋ خۇخۇا بىلەن جەي يۇەنيۇەن “شىنجاڭدا ئېتنىك ھەرىكەتچانلىقنىڭ ئالاھىدە ئۆرنىكى ” دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەت قوزغىغان ئالاھىدە نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىدۇر.

كانادا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خىىتاي، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى مەسىلىلىرى بويىچە تۈرلۈك تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلغان، جۈملىدىن ئىجىتماىي، سىياسىي، سودا – ئىقتىساد، مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىدى. 3 كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا يىغىننىىڭ تەشكىلى ئورگىنى يەنە كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئاساس قىلغان مەخسۇس يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، خىتاي دېموكراتىيە فرونتىنىڭ كانادادىكى ۋەكىلى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تور بېتى ۋە كانادا تىبەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر، چەتئەلدىكى ھەرىكەتلەرنى قانداق قىلىپ خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرەلەيدىغان كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

تەپسىلاتى...

ياپونىيىدە رابىيە قادىر خانىم ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇھاكىمە قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى

10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە رابىيە قادىر خانىم ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا كورىيە، بۇلغارىيە، ئىتالىيە، ئاۋىسترىيە ۋە خىتايدىن كەلگەن بىر قىسىم مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرى شۇنىڭدەك كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.

يىغىندا ياپونىيىلىك پروفېسسور نىشىخارا سەىجى ئەپەندى ۋە باشقىلار ئۆز دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتلۇق قادىرنىڭ يىغىن ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سىياسىي ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور دوكتور نىشىخارا سەىجى ئەپەندى ئۆزىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە 5 – ئىيۇل ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ۋىدىئو ۋە سۈرەتلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا 250 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىمنىڭ فرانسىيە ۋە ئىتالىيە سەپىرى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم، مەخسۇس تەكلىپكە ئاساسەن ئالدى بىلەن  10 – ئاينىڭ 21 – كۈنى فرانسىيىنىڭ ئالبەرتېللا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن” فرانسىيە خەلقئارا يىپەك يولى فېستىۋالى” غا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشتى.

فېستىۋالدا، قەدىمىي يىپەك يولىغا جايلاشقان ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر دۆلەت ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم چېدىرلار قۇرۇلغان ئىدى.

فرانسىيىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچى ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچى، رەسسام ۋە ژۇرنالىستلارمۇ مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تونۇشتۇرۇلغان “ئۇيغۇر ئويى” نى قۇرۇپ، فېستىۋالغا قاتناشقان مىڭلىغان ئاممىغا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ۋە بۈگۈن مىللىي مەدەنىيىتى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم، 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ئالىم سەيتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق ياردەمچىلىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيىتى  ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە سىستېمىلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىدا نوختىلىق ھالدا، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى، شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە خانىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرلاپ چىققان مەخسۇس دوكلاتنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەت ۋە قوللانمىلارنى تەقدىم قىلدى.

تەپسىلاتى...