ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەر ئۈچۈن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى ياۋروپانىڭ 3 چوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى

فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم ۋە گېرمانىينىڭ پايتەختى بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەر ئۈچۈن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

مەركىزى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم ۋە گېرمانىينىڭ پايتەختى بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەر ئۈچۈن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلمەكچى. تىنچلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ نامايىشقا بىرمالىقلار، ئىرانلىقلار، تىبەتلەر، ۋيېتناملىقلار، تەيۋەنلىكلەر، دېموكرات خىتايلار، فالۇڭگوڭلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى قاتناشماقچى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيەنىڭ برىزبېن شەھىرىدە 6-،7-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.

بۈگۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيىگە سەپەرگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋاشىنگتون ئايرودرومىدا رادىومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ھەم يىغىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزگە تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆزلەيدىغان نۇتقى ھەققىدە توختىلىپ، يىغىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىغانلىقى قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كېچىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئىستانبۇل شەھىرى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم مەدەنىيەت كېچىسى پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 8-نۆۋەتلىك «مەدەنىيەت كۈنلەر» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 10 ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە 18 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە زەيتىنبۇرنۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، قازاق تۈركلىرى ۋەخپى، ئۆزبېك تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى قاتارلىق 18 ئاممىۋى تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى نامايان قىلىپ مەدەنىيەت-سەنەت تەقدىم قىلدى.

بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسى مەقسىتى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەلقلەرنىڭ، ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى، بىر-بىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش، بىرلىك-باراۋەرلىك ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ۋاشىڭتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

10-ئاينىڭ 3- كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

تەپسىلاتى...

1-ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

10-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنىڭ 62 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرچە، شىۋېتچە ۋە خىتايچە شوئارلار توۋلاندى. نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش ستوكھولىم ۋاقتى سائەت 2 باشلىنىپ 4 لەردە ئاياغلاشتى.

تەپسىلاتى...

1-ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

بۈگۈن كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

تەپسىلاتى...

ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى بىلەن خاتىرىلىدى.

بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 50دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە 1-ئۆكتەبىرنى، ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بالايىاپەتلەرنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامىدا دۆلەت قۇرغان. 1944-يىلى قۇرۇلغان 2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خاتىمە بېرىلگەن.

بۈگۈن يەنە شۋېتسىيىنىڭ ستوكھۇلىم، كانادانىڭ ۋانكوۋېر ۋە تورونتو شەھەرلىرىدىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى


تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 1-ئۆكتەبىر كۈنىنىڭ ئۆز ۋەتىنى مۇستەملىكە قىلىنغانلىقى ۋە بۇ كۈننىڭ مۇسىبەت كۈنى ئىكەنلىكىگە بولغان چۈشەنچىسى ئورتاق.

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىغىنىغا قىسقىغىنە 7-8 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما 1-ئۆكتەبىر ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان كۈنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قاتارلىق نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1 – ئۆكتەبىر كۈنىنى „ماتەم كۈنى“ بېكىتىپ،  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى نامايىش ياكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ چاقىرىقنىڭ روھىغا بىنائەن ئامېرىكا، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە،  … قاتارلىق ئەللەردە 1 – ئۆكتەبىر كۈنى نامايىشلار بولۇپ ئۆتتى.  گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ بۇ كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغانلىقىنىڭ 62 – يىللىقىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

نامايىشقا گېرمانىينىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن كەلگەن ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قاتنىشىش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇلار شەھەر مەركىزىگە توپلانغان مىڭلارچە ئاممىغا ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن خىتاي دۆلەت تېررورىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئاڭلاتتى. رەسىم كۆرگەزمىلىرى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرىغا مۇناسىۋەت دەلىللەرنى گېرمانىيدىكى جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ھېسداشلىقى ھەم خىتايغا بولغان نەپرىتىنى قوزغىدى.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنىڭ 62-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى

2011‏-يىلى 10‏-ئاينىڭ 2-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنىڭ 62 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

تەپسىلاتى...