ۋاشىڭتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى

2-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن، يىغىنغا قاتناشقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، ۋاشىڭتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ ۋەكىللەر بىردەك ھالدا شوار توۋلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلدى.

ھازىر سىلەرگە نامايىش نەق مەيدانىدىن ئۆز مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر مەلۇمات بېرىدۇ.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭەش يىغىنىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ۋاشىڭتونغا يېتىپ كەلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭەش يىغىنىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ۋاشىڭتونغا يېتىپ كەلدى

2-مايدىن 8-مايغا قەدەر ۋاشىنگتوندا ئېچىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى يىغىندىن 3 كۈن بۇرۇن ۋاشىڭتونغا يېتىپ كەلدى ۋە يىغىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى. مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ يىغىن ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئىگىلىدى.

تەپسىلاتى...

شەرقى تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۇيغۇر ۋەكىللەر، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

ۋاشىنگتوندا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن يولغا چىققان ئۇيغۇر پاالىيەتچىلەر، چېگرادىن چىقىش ئالدىدا ئايرودرومدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.

قازاقىستاندىكى مەشھۇر سىياسىي پاالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ۋە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي پاالىيەتچىلەردىن بولۇپ جەمئىي 5 كىشى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىندى.

بۇلاردىن قەھرىمان غوجامبەردى پاسپورت تەكشۈرۈش باسقۇچىدا توسۇپ قېلىنغان.

قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللەر بولسا، ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

تەپسىلاتى...

خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەسىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ -30-كۈنى

خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى جاڭ چۈنشەننى «خەلقسۆيەر»، «رەھىمدىل»، «ئىستىقباللىق» رەھبەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى «مەسۇلىيەتچان ئۆلكە» دەپ ماختاشقا باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي كېڭەش يىغىنى ئامېرىكىدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى «مەسۇلىيەتچان ئۆلكە» دەپ، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننى «خەلقسۆيەر»، «رەھىمدىل»، «ئىستىقباللىق» رەھبەر دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بۇ، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئامېرىكىدا يىغىن ئېچىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاينىڭ، دۇنياغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن يالغان ھۆكۈمەتنى «مەسۇلىيەتچان ئۆلكە» دەپ تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەسىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقى.

خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرى، يىللاردىن بۇيان خىتاي يۇرتلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى، جاڭ چۈنشەننىڭ پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغانلىقىنى «مەسئۇلىيەتچانلىق» دەپ ماختىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئەمما جاڭ چۈنشەن ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى ھېچبىر ئۆزگەرتكىنى يوق.

تەپسىلاتى...

«شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى» تۈركىيە مەتبۇاتلىرىدا

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى

5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون چاقىرىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭەش يىغىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە تۈرك مەتبۇاتلىرىدىمۇ ئورۇن بېرىلمەكتە.

تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئامېرىكىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقچى» ماۋزۇلۇق خەۋەر تۈركىيىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىندى. «خابەر تۈرك» گېزىتىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر تۈركلىرى بىر بىرى بىلەن بولغان ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، تۇنجى قېتىم ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە يول خەرىتىسى سىزماقچى.

بۇ خەۋەردە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتكىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا دۇنيادىكى ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە يول خەرىتىسى سىزىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازغان.

«خابەر تۈرك» گېزىتىدە 23-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يەنە، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئامېرىكا كوڭرېس بىناسىدىكى زالدا ئېچىلىدىغانلىقى، بۇ يىغىنغا 20 دۆلەتتىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ سۆز قىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەت ئۆمىكىدىن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىالوگىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىدىن، سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى بۈگۈن خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە باشلاندى. ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى مايكىل پوسنېر باشلاپ بارغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىدىن 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان نامايىشچىلار، تور باشقۇرغۇچى ۋە ژۇرنالىستلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ سەمىگە سېلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئاخباراتىدا، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي تەرەپتىن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئالدى-كەينىدە قولغا ئېلىنغان، يوقاپ كەتكەن ياكى جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلار مەشرەپ ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بېلگىيىنىڭ بلانكەنبەرگ شەھىرىدە مەشرەپ ئۆتكۈزدى.

بۇ چوڭ مەشرەپكە يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، قاتناشقانلار 18 ياشتىن يۇقىرى يىگىتلەردىن تەركىب تاپقان.

بۇ مەشرەپكە گوللاندىيىدىنمۇ ئونغا يېقىن كىشى قاتناشقان. مەشرەپ قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكەن. بۇ مەشرەپنى ئۇيۇشتۇرغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىمەروف ئابدۇلمۇتەللىپ رادىومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ مەشرەپنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تىلىنى ۋە سەنئىتىنى قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بېلگىيىدە باشلانغان بۇ مەشرەپنىڭ بېلگىيىدە چوڭ بولۇۋاتقان ياشلارغا ناھايىتى ياخشى تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ مەشرەپكە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى ياۋروپادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنىڭ غۇلجا ۋەقەسى تۈپەيلى مەشرەپنى بىلىدىغانلىقى ياكى ئاڭلاپ باققانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەشرەپنى سىرتقا ئېچىشى، خەلقاراغا ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مەمەت توختى رادىومىزغا قىلغان سۆزىدە مەشرەپنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

ياۋرو-ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىش پاالىيىتىدە ئۇيغۇرلارمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى

2011-يىلى، 15-مارت گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى بىر زالدا ئۆتكۈزۈلگەن، ياۋرو-ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارمۇ يەر ئالدى.

پائالىيەتكە ئۇيغۇر، تۈرك، نوغاي، تاتار قاتارلىق تۈرك سىستېمىسىدىكى ۋە مىسىر ۋە ئىراق قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئەرەب سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىدىن باشقا، ئافغانىستان ھەم بوسىنىيىلىكلەرمۇ قاتناشتى.

پائالىيەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى ئاساس قىلىنغان تۈرلۈك سوۋغات بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە يېمەكلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. ئىككىنچى قىسمىدا ناخشا-ئۇسۇل ۋە شېىر-قوشاقلىرى ئورۇندىلىپ، ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ بەخش ئەتتى. ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن گىرەلەشكەن تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر يەردە جەم بۆلىشى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 6دە باشلىنىپ، 4 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئىشتىراكچىلار ئۆز-ئارا دوستلاشتى، سوۋغات تەقدىم قىلىشتى ۋە خاتىرە رەسىملەرگە چۈشتى.

تەپسىلاتى...

ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈرك دۇنياسى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنقەرە ئالتىنەل مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا «ھازىرقى چاغلاردىن كېلەچەككىچە: تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە غايىسى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.

كۆك ۋەقپى باشلىقى پروف دوكتور. سەما بارۇتچۇ ئۆزندەر خانىم ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈرك دۇنياسى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. 2011-يىلى 10-ئاپرېل.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى جەمئىيەت ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروف. دوكتور. سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىم قىلدى.

يىغىنغا سابىق دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنجۇ ئەپەندى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار، دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن  ئوقۇۋاتقانلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىندا ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى نادىر بىيىقوغلۇ ئەپەندى «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە تۈركىيە» تېمىسىدا، ئەزەربەيجان تەتقىقاتلىرى ۋەخپى باشلىقى پروفېسسور دوكتور. نەسىب نەسىبلى «تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت مەسىلىلىرى» تېمىسىدا، دوكتور ئايدىن بەياتلى ئەپەندى «تۈركىيىنىڭ ئىراققا ئېلىپ بېرىۋاتقان تاشقى سىياسىتى ۋە ئىراقتىكى تۈركلەر» تېمىسىدا، دوكتور. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا «خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئالاھىدە جانلاندى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشۋىقات بۆلۈمى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى

كېيىنكى مەزگىللەردىن بۇيان گېرمانىيدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ماس ھالدا، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىمۇ ئالاھىدە كۈچەيتىش ئارقىلىق، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.

ھازىر گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى … قاتارلىق تەشكىلاتلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرىمىز ئۈچۈن مىللىيچە ئۇسۇل كۇرسى، ئۇيغۇرچە رەسساملىق كۇرسى، ئۇيغۇرچە ناخشا – مۇزىكا كۇرسى، مىللىي تىل – يېزىق كۇرسى، دىنىي تېلىپ – تەربىيە كۇرسى، ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىمىز ئۈچۈن يەنە گېرمانچە ئۆگىنىش كۇرسى، دىنىي كۇرس قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر يەكشەنبە كۈنى بامداتتا يەنە د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن چوڭلار ئۈچۈن مەخسۇس دىنىي تەبلىغ ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.

ئۇندىن باشقا يەنە گېرمانىيىدە ياش قۇرامىغا ئاساسەن ” گېرمانىيە چوڭلار مەشرىپى > ۋە ” گېرمانىيە ياشلار مەشرىپى ” دەپ ئىككى مەشرەپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككى مەشرەپ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر ئايدا بىر قېتىم توپلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...