ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2012-يىلىنىڭ تۇنجى پائالىيىتىنى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى

ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپون پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈشكە سازاۋەر بولغان كىشىلەر ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن.

بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى ھەربىي سەپتىن قايتقان كىشىلەر ياكى ھەربىيلەر ئىكەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ۋە تەشكىلاتقا ئەزا ياپونىيەلىكلەر ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقاتقان. رەڭلىك قىلىپ باستۇرغان ۋاراقچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى رەسىملەر بىلەن بايان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل ئۆزىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. قۇرۇلتاينىڭ ئورنى ۋە كۈنتەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي دېتاللار ھازىرچە مەلۇم بولسىمۇ، بىراق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

قىرغىزىستاننى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى يىغىن چاقىرىپ، 5‏-ئايدىكى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقتى. ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ د ئۇ ق ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى كىشىلەر دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر.

تەپسىلاتى...

2011-يىلى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر (2)

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

2011-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى دىنامىكىلىق ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولغان بىر يىل بولدى.

بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا 2011-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرنى سىلەرگە قايتا بىر ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. تۆۋەندە بۇ پروگراممىمىزنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تەپسىلاتى...

2011-يىلىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى

ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مۇھىم پائالىيەتلەر ۋە ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارشى چوڭ-كىچىك نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى توختىماي يۈز بېرىپ تۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋەتەن چەتئەللەردە ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى تەشكىلاتلار ھەممىسى دۇنيا مىقياسىدىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك يوسۇندا ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تونۇلۇشىدا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز تۆۋەندە بىز بۇ مۇھىم ۋەقەلەرنى ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار فەىرفاكىس شەھىرىدە يېڭى يىلنى قارشى ئالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىرجىنيا،ماريلاند ھەم شۇنىڭدەك باشقا شتاتلاردىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار فەىرفاكىس شەھىرىدە 2012 – يىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

تەخمىنەن 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەت ھەممە ئادەم بىردەك ھالدا ئۆرە تۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى شۇنىڭدەك بارلىق ئۇيغۇر جامائىتى ھەمدە ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئامان – ئېسەنچىلىك ۋە ئۈمىد بىلەن تولغان يىل بولۇشىنى تىلىدى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى گۇما ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاش بىلەن ئەيىبلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

بۈگۈن رادىومىز گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا ئۆلگەن 7 كىشىنىڭ ئىككىسىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى.

يەرلىك يېزا باشلىقى 5 بالىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما تۇتۇلغان چوڭلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ھازىرغىچە ئىگەللەڭەن ئۇچۇرلاردىن بۇلارنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكۇيلا ۋەقەسىنىڭ خىتاي داىرىلىرى ئىلگىرى سۈرگەندىن تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ، ئاددىي پۇقرالارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم ب د ت نى گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى

28-دېكابىر كۈنى كەچتە، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكالاي يېزىسىدىكى، ھىجرەت سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاينىڭ گۇما ناھىيىلىك ساقچى خادىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 8 كىشى ئۆلگەن ۋە 4 كىشى يارىلانغان.

بۇنىڭ بىلەن گۇمۇ ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن باشلانغان. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈش ۋە ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

تۈركىيىدە 2012-يىلى خىتاي يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.

بۇنىڭغا قارشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز ۋە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارسا يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيىدە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتى...

دولقۇن ئەيسا: خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى خىتاينىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىنى پاش قىلىشنىڭ يەنە بىر پۇرسىتى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

2012-يىلى گېرمانىيەدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ گېرمانىيىدەك بىر دۆلەتتە تەشكىللىنىشى گېرمانىيدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىدى.

2012-يىلى گېرمانىيەدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتىنىڭ يولغا قويۇلماقچى بولغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسى ۋە گېرمانىيدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىپ، خىتايدەك مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىسى بولغان بىر دۆلەتنىڭ گېرمانىيىدەك دېموكراتىك بىر دۆلەتتە مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاي مەدەنىيەت يىلىغا قارشى يىغىن ئۆتكۈزگەن ۋە 2012-يىلى خىتايغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەت پروگراممىلىرىنى بېكىتكەن.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىل ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىدى ھەم خۇلاسىلىدى.

27-دېكابىر كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسىدا، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئەس پ پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى خارري فان بوممېل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىل ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىدى ھەم خۇلاسىلىدى.

ئىلتىجا ئىشلىرىدا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئۇيغۇرلاردىن 40 نەپەر پاناھلانغۇچىنىڭ ئىشلىرىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە تەييارلاپ كەلگەن ماتېرىياللارنى سۇندى.

تەپسىلاتى...