قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە 9-ماي قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا قىرغىزىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلىرىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى. مەزكۇر زور كۆلەملىك پائالىيەتكە يەنە قىرغىزىستاندا ياشايدىغان باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە بولۇ ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى خاتىرىلەندى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۈرۈمچى ۋەقەسى خاتىرىلىنىشكە باشلىدى. 4-ماي كۈنى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان بولۇ شەھىرىدىكى ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايلى» ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە دوكلات ئاڭلىدى. دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى گۈلىزار ئەردال خانىم قىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ۋەزىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

تەپسىلاتى...

پۇتبول ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى

يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي سادزىۋىسكى پۇتبولنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئوينىغان رولى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلىدى.

«پۇتبول ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكى» دەپ نام بېرىلگەن دوكلاتتا، ئاپتور ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىدىكى ئىپادىلىنىشى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.

«پۇتبول ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكى» ناملىق بۇ تەتقىقات دوكلاتى 37 بەتتىن تەركىب تاپقان. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي سادزىۋىسكى بۇ تەتقىقات تېمىسى ئارقىلىق پۇتبولنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە ياكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئىپادىلىنىشىدە ئويناۋاتقان رولىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا، 1927-يىلى ئەڭلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ توپ مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلىكى ۋە شۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇتۇۋالغانلىقىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا ناھايىتىمۇ تونۇش بولغان بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. ھېنرىي دوكلاتىدا، تا2000-يىللارغا كەلگەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم بۇ ھېكايىنى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ئەسلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمايدۇ، دېگەن.

تەپسىلاتى...

ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئامېرىكىنىڭ ئوكېناۋا ئارىلىنى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈش كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئاينىڭ 3-كۈنى ياپونىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان «بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى قوغداش تەشكىلاتى» ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ھۇشىبىيا باغچىسىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزگەن، 2500 كىشىلىك بۇ داغدۇغىلىق پائالىيەتتىكى ئاساسلىق مۇنازىرە نۇقتىسى ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى بولۇپ، پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيىدىكى داڭلىق قانۇنشۇناسلار ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدا، ياپونىيىنىڭ مەڭگۈ ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقى، ياپونىيە دۆلىتىنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ئارمىيە تۇرغۇزمايدىغانلىقىنى بېكىتىلگەن بولۇپ، مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە، ئۆزىگە تەھدىت بولۇۋاتقان دۆلەتلەر ئۇلارغا چېقىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلالمايدىكەن.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى داۋاملىق دەپسەندە قىلىنماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

3-ماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەلگىلىگەن «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا ئەسكەرتىپ: ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىردەك «پىكىر ئەركىنلىكى دۈشمىنى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات-پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەشنى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى داۋام قىلماقتا، دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەھبۇبە ئابلەش، ئابدۇغېنى مەمتىمىن، دىلشات پەرھات، تۇرسۇنجان ھېزىم، نىجات ئازاد، غەيرەت نىياز، نۇرمەمەت ياسىن ۋە گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» نى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق مۇاۋىن رەىسى قەھرىمان غوجامبەردى: ئۇيغۇرلار قۇرۇلتايدىن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈتىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى

2009-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ۋاقەلەر يۈز بېرىپ، ئۇلارنىڭ خەلقارادىكى رولى بارغانسېرى ئۆستى ھەم دۇنيا جاماەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغىدى.

بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 2009-يىل ئۈرۈمچى ئىيۇل پاجىەسى ھەم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقىمۇ رايونلىرىدا ئورۇن ئالغان قانلىق ۋاقەلەر ۋە نارازىلىقلار، ئاممىۋى تەقىبلەشلەر، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرەتتە ئەلگە ئېقىپ كىرىشى، قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ چېقىلىشى، ئاتالمىش «قوش تىللىق ماارىپ» سىياسىتى ۋە باشقىلار، شۇنداقلا كەڭ قانات يايغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، خەلقارا تەشكىلاتلاردا ئۇيغۇر تەقدىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇلۇشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ھېسداشلىق ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ جىددىي ئىكەنلىكىنى يارقىن ھالدا ئىسپاتلىدى.

تەپسىلاتى...

ۋاشىڭتون پوچتىسى: «رابىيە قادىر، خىتايدىن چەتەلگە چىققان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئىچىدىكى تەسىرى كۈچىيىۋاتقانلارنىڭ بىرى»

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋام قىلىپ، داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقانلارنىڭ بىرىدۇر.

خىتايدىكى ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىش ئېھتىمالى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ تيەنەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىغا قېچىپ چىققان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ۋاشىڭتون پوچتىسى گېزىتى خىتايدىن قېچىپ چىققان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھازىرقى پاالىيەتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە ئۇنىڭغا، كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋام قىلىپ، داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقانلارنىڭ بىرى، دەپ باھا بېرىلگەن. رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىومىزغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ نەتىجە قازىنىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ 30-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى چاقىرىقىنى تەنقىد قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

5-ئاي، ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى قىلىپ بېكىتىلگىنىگە 30 يىل بولدى. ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى تەربىيىسىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 26-ئاپرېل كۈنى يەنە بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان.

ئورۇنلاشتۇرۇلغان پاالىيەت ۋە چاقىرىقلار ئارىسىدا، لېي فىڭدىن ئۆگىنىش، 3 ئايرىلالماسلىق دېگەڭە ئوخشاش 30 يىلدىن بېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتقان شوارلار زەنجىرى يەنە تەكىتلەڭەن؛ ئەمما 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش ئىككى مىللەت مۇناسىۋىتىگە ئاىت زور ۋەقەلەر ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پاالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان رايوندا مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەسسىلەپ كۈچىيىپ بارغان. بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ۋەقەسى بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرى بولسا، خوتەن، قەشقەر، قاغىلىق ۋە كورلا ۋەقەلىرى بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ يېقىنقى مىساللىرىدۇر.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق گۇەنتانامودىكى يەنە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا خىتاينىڭ بىلدۈرگەن نارازىلىقىنى تەنقىد قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى

گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم نارازىلىق پەيدا قىلدى.

2006-يىلى كۇبانىڭ گۇەنتانامو ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى تۈركۈمدىكى 5 كىشى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئارالدا قالغان تۈركۈمدىكى ئاخىرقى 5 كىشىدىن ئىككىسى يېقىندا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئابدۇراق ۋە خاماد مەمەت گۇەنتانامودىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 5-تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىگە ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ قالماي، ئۇلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. خىتاي بۇ قېتىممۇ خامماد مەمەت ۋە ئابدۇرازاق مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا يەنە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەل-سالۋادورنى ئاگاھلاندۇرغان.

تەپسىلاتى...

بىلگىيىدە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى

4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى بىلگىيىدىكى لىيۇۋىن ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك ئوقۇغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن لىيۇن ئۇنىۋېرىسىىتېتنىڭ ئىجتىماى ۋە سىياسى فاكولتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «تارىختىن بۈگۈڭىچە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرىىسىتېتى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە فاكولتېىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە تارىختىن بۈگۈڭىچە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. بۇ يىغىنغا بىلگىيىدە ياشايدىغان تۈركلەردىن 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە ئاممىۋىي تەشكىلات مەسۇللىرى، ئاخباراتچىلار، بىلگىيە ۋە گوللاندىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

دوكتۇر ئەركىن ئەمەت سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئاڭلاتتى. دوكتۇر ئەركىن ئەمەت سۆزىدە، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رۇس بىلەن خىتايلار تۈركىستاننى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەنلىكىنى. شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نامىنى شىنجاڭ دېگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، 1933 – يىلى قەشقەردە 1944 – يىلى غۇلجىدە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى، 1949 – يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى، 1955 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ پەقەت قەغەز ئۈستىدىكى ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولۇپ، ھەقىقى تۈردە ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ھەر تۈرلۈك ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياستى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خۇسۇسەن، دىن، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېغىر دەرىجىدە ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دەسلەپكى يىللاردا بۇ ھەقسىزلىقلار شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنياغا ئاڭلىتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلمىگەنلىكىنى، خەلقارالىق تەشكىلاتلىرىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...