ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت رابىيە خانىمنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىنىڭ ئۇتا شتاتىدىكى ئۇتا ۋە ئۇتا ۋېللا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىتاي مەسىلىسى ھەققىدە تەلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىش ئۈچۈن 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ئالىم سەيتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇتا شتاتىغا يۈرۈپ كەتتى.

بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇتا ۋەللەي ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دانني دامرون تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پەقەتلا ئۇتا ۋەللەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىلا 30 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار.

جەمئىي 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا رابىيە خانىم ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قىزىقىشىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن شەرەپ مېھمانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يىغىن جەريانىدا رابىيە خانىم، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش ۋە  ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى … قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بېرىدۇ.

تەپسىلاتى...

مەمەت توختى: ‘ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا تىنچلىقپەرۋەر خەلق …’

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى

بۈگۈن، 21 – سېنتەبىر، “خەلقئارالىق تىنچلىق كۈنى.” 26 – نۆۋەتلىك بۇ تىنچلىق كۈنى، “خەلقئارا ياشلار يىلى” غا ۋە ب د ت دا “مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى” يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن “خەلقئارا تىنچلىق كۈنى” گە بېغىشلىغان نۇتقىدىمۇ، پۈتۈن دۇنيا ياشلىرىنى ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل خادىمى مەمەت توختى ئەپەندى “خەلقئارا تىنچلىق كۈنى” مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، “خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىنچلىقىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن!” دەپ مۇراجىەت قىلدى.

تەپسىلاتى...

قەھرىمان غوجامبەردى: ‘قازاقىستاندا خىتايغا ئىشەنمەسلىك، خىتايدىن ئاگاھ بولۇش دەيدىغان ئاڭ مەۋجۇت’

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھازىر قازاقىستاننىڭ ماتىبۇلاق ھەربىي مانېۋىر مەيدانىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھازىر قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي قىسىملىرىنىڭ قازاقىستان زېمىنىغا كىرگۈزۈلۈشىنى، قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ خاتالىقى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاڭخەي رادىئو ئىستانسىسى ۋە شاڭخەي شەرق ئۇچۇر گۇرۇھىنىڭ سمگ دەپ ئاتىلىدىغان تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر 13 ‏- سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاندا باشلانغان.

بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم قازاقىستان زېمىنىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭمۇ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم قازاقىستان زېمىنىغا كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيىدىكى مەزلۇم مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنىدە ئۇيغۇرلار

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

2010 – يىلى 13 – سېنتەبىر پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار قاتارىدا روزا ھېيت بايرىمىنى ئەمدىلا ئۇزاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قۇتلۇق كۈن بولدى. گوللاندىيىنىڭ دەنخاھ شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، تاجاۋۇز قىلىنغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنى ئۆرپ – ئادەتلىرى، مىللىي مەدەنىيىتى قاتارلىق خاس ھوقۇقلىرى قوغدىلىش كۈنى پاالىيىتىدە، ئۇيغۇرلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتتە، ئۇيغۇر پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى مىللىي كىملىكى، مىللىي خاسلىقى ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە دەردىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ئۇلار پائالىيەت جەريانىدا يەنە، گوللاندىيىلىك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، كۆرگەن – بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ئاخبارات خاتىرىسىنى ئاڭلىتىپلا قالماي، مۇڭلۇق تەمبۈرنىڭ دەردلىك كۈيلىرى بىلەن مەيدان ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن بىر ئۇيغۇر قىزى بۇ يەرگە توپلانغان مىللەتلەر قاتارىدا بىر تال گۈلدەك ھەممەيلەننى جەلپ قىلدى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى

2010 ‏- يىلى 9 ‏‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى، روزا ھېيتنىڭ 3 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تېلېفون ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىناق ‏- ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا چاقىردى.

بۇ پائالىيەتنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ‏- ئايال بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر مۇراسىمغا يەنە، ئىستانبۇل فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دەمىر ھەم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مەسئۇل ۋەكىلى قاتارلىق ئەربابلار قاتناشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئاتاۋۇللا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

تەپسىلاتى...

ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى

ياپونىيە ئىلىم – پەن ۋە سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى يىلدىن يىلغا كۈچىيىپلا قالماي، ياپونىيە سىياسىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزىقىشىمۇ يىلسېرى كۈچەيمەكتە.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئالايىتەن گېرمانىيىگە كېلىپ، د ئۇ ق باش شتابىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن. بۇ قېتىم گېرمانىيىگە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيىلىكلەر ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ميۇنخېن شەھىرىدە بىر ھەپتىگە يېقىن تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار ئىگىلىگەندىن تاشقىرى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە ماتېرىيال توپلاشقا تىرىشقان.

ياپونىيىلىكلەرنىڭ 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قىزىقىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن تارىخىي مەلۇماتلار بار. 80 – يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردە ماددىي مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن ئىشلىرىغا ھېسداشلىق بولغان ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىدۇ.

2000 – يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ 2008 – 2009 – يىللىرىدىن باشلاپ، ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىگە بولغان ھېسداشلىقى باشقىدىن كۈچىيىپ باردى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەىس سېيىت تۈمتۈرك ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىللەردە، ياپونىيىنىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەم سابىق باش مىنىستىرلىرى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللاش ھېسسىياتىنى نامايان قىلغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانېر يىلدىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىغا كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيتلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىز ئەپەندى بىلەن قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ، يەنى روزى ھېيتنىڭ 3 – كۈنى قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيتلاشتى.

مىنىستىر تانېر يىلدىز ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىدىكى ھېيت داستىخىنىغا داخىل بولۇپ، روزى ھېيت ئۈچۈن تەييارلانغان نازۇ – نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى، كېيىن سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

تانېر ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز “ئۇنىڭدىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رەىس جۇمھۇرى ئابدۇللا گۈل ۋە سىز ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلاردىن ھال سورىدىڭلار، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. ئەمما تۈركىيە رابىيە قادىر خانىمغا تېخىغىچە ۋىزا بەرمىدى، بۇ ھەقتە بىرەر يېڭىلىق بارمۇ؟ ” دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ سوالىمىزدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىدى.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيىدە ھېيت خۇشاللىقى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى

2010 – يىلى 9 – سېنتەبىر گوللاندىيىنىڭ ھارلىم شەھىرىدىكى بىر جامىدا خۇشاللىنارلىق ھېيت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. بايرام شادلىقى بىلەن چىرايلىق كىيىڭەن ئوماق بالىلار، ئاتا – ئانىلار، ناتىۋان قىزلار ۋە قىران يىگىتلەر بۇ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي خاسلىقىنى نامايان قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ۋە تەشكىللىگۈچى قېرىنداشلار بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى جۈمە كۈنى “11‏ – سېنتەبىر ۋەقەسى”نىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ئامېرىكا يەنىلا دۇنيا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئۈمىد مەشىلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ” گەرچە بۈگۈن ئامېرىكا ھاياتىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن پۇقرالارنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكىدا پەيدا قىلغان ئازابىنى ئۇنۇتمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا 11‏ – سېنتەبىر ھۇجۇمىنىڭ خارابىلىكىدىن قايتا دەس تۇردى” دەپ تەكىتلىگەن.

باياناتتا يەنە مۇنداق دەيدۇ”: ئۇيغۇر خەلقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللايدۇ ۋە بىز دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پەقەت دىالوگ ۋە تىنچلىق ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ ھەم ئورنىتىلىدۇ دەپ ھېسابلايمىز.”

باياناتتا، خىتاي داىرىلىرىنىڭ “11 –  سېنتەبىر ۋەقەسى”دىن كېيىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ، “خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىنى مەقسەتلىك زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ” دېگەن.

تەپسىلاتى...

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى

تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن روزا ھېيتىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...