خىتاينىڭ 1‏ – ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

2010 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى، خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىشقا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈركلەر ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى. نامايىش تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12 دە باشلاندى. نامايىشچىلار قوللىرىدا “5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى” ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر ھەم ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېتىپ كېلىپ شوارلار توۋلاشتى.

نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىردەك “شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان!”، “ھەق – ھوقۇق، ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆرىيەت!”، “قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!” دېگەڭە ئوخشاش شوارلار توۋلىدى.

نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر ئايرىم ‏- ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلدى. نامايىشقا كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىمۇ كەلدى.

تەپسىلاتى...

كانادانىڭ پايتەختى تورونتودىكى خىتايغا قارشى نامايىش

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

بۈگۈن كانادانىڭ پايتەختى تورونتودىكى خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 61 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن كانادا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا تورونتو  ئەتراپىدا ياشايدىغان 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. نامايىشقا كانادا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيۇشما ھەيئەتلىرى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ “خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!”، “شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!” دەپ شوئار توۋلاپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدىن كەلگەن چوڭ كىچىك 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. نامايىشتا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

تۈركىيىدە، قارا گۈلچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان كىشىلەر ۋە گۇرۇھلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قويۇلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ۋەست پوىنت ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى غەربىي نۇقتا (ۋەست پوىنت) ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.

چارشەنبە كۈنى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر ئامېرىكا غەربىي نۇقتا ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەكتەپتە زىيارەتتە بولغان.

زىيارەتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم مەكتەپتىكى 2000 دىن ئوشۇق ئەسكەر – ئوفىتسېرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. دوكلاتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللار بىلەن ئايرىم ئۇچراشقان. ئۇچرىشىش مۇخبىرلارغا يېپىق شەكىلدە بولغان.

“ۋەست پويىنت” يەنى غەربىي نۇقتا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەكتەپ، ئامېرىكىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە ئوفىتسېر تەربىيىلەيدىغان ھەربىي ئاكادېمىيە بولۇپ، 1802 – يىلى قۇرۇلغان. ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ كونا ھەربىي ئاكادېمىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ ئۇچرىشىشقا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى باشچىلىقىدا 7 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان.

ئۇلار ئالدى بىلەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسادىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان. كېيىن دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدىن كۈتكەن ئۈمىد ۋە تەلەپلىرى ھەققىدە توختالغان.

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا ياپون ئۇيغۇر دوستلۇق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى  ۋە بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەپسىلاتى...

ياپونىيىدە ‘شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى’ ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى توكيودا، “شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى” ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ ئاساسى مەزمۇنى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، ياپونىيىدە يەنە بىر قىسىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر بېرىپ، ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار د ئۇ ق ۋەكىلى ئۈچۈن بىر قىسىم سىياسىي ئۇچۇرۇشۇشلار ھەم يىغىنلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان.

78 – نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق باش كاتىپى، قەلەمكەشلەر يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتى بىلەن قاتناشقاندىن سىرت، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مىللىي مەسىلىسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كېچىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى

ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ‘مەدەنىيەت كۈنلەر’ نامىدا، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەلقلەرنىڭ، ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى، بىر ‏- بىرىنىڭ ئۆرپ ‏- ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشى ئۈچۈن ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

بۇ پائالىيەتكە زەيتىنبۇرنۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 18 ئاممىۋى تەشكىلات ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلاردىن ھەر بىرى ھەر كۈنى نۆۋەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى، ئەنئەنىۋى سەنئەتلىرىنى نامايان قىلىپ پائالىيەت كۆرسەتمەكتە. شۇ جۈملىدىن 2010 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كېچىسى نام ئاستىدا قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت ‏- سەنئەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەت 2010 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى باشلانغان بولۇپ 30 ‏- كۈنىگىچە 18 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

ئۇ پائالىيەتكە، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گۆكخان قاساپ، ئىلياس ساكا، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ‏، قازاقلاردىن ئەر ‏- ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتكە يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى، سائادەت پارتىيىسى، تۈركىيە پارتىيىسى قاتارلىق تۈركىيە سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋەكىللىرى ۋە زەيتىنبۇرنۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 18 ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرىمۇ قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە ئالىي رەھبەرلىرى خەلقئارا مەدەنىيەت فېستىۋالىدىكى ئۇيغۇر كۆرگەزمە بۆلۈمىدە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا ئېچىلغان 7 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى 26 – چېسلا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. بۇ فېستىۋالغا تۈركىيىدىن 23 جەمئىيەت ۋە ۋەقىپ قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ ۋە مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت – سەنئىتىنى نامايان قىلدى.

26 – سېنتەبىر كۈنى ئاخشام تۈركىيىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى سىبەل جان كونسېرت بەردى. كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دۆلەت باھچېلى شەرقىي تۈركىستان ئۆيى نامىدىكى كۆرگەزمە بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدى.

بۇ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەنۋەر دەمىرېل ئەپەندى سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دەۋلەت باغچېلىگە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ “مانا بۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى” دېدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمىگە كىرگەنلەر ئىچىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋە باشقا پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار ئىدى.

داڭلىق ناخشىچى سىبەل جان سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن تۈركىيىدىكى تونۇلغان مودېللەر ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىكى كىيىم – كېچەكلەرنى كۆرسەتتى. بۇ قاتاردا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ كىيىملىرى تونۇشتۇرۇلدى.

تەپسىلاتى...

‘مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى’ قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا دەخلىگە ئۇچرىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

قىرغىز دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى بېشكەكتىكى بىر فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمگە دەخلى قىلغان.

ئەركىن ياۋروپا رادىوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەڭەن “مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى” بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالى — “بىر دۇنيا فېستىۋالى” غا قويۇلغان.

باش شتابى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پراگا شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر فېستىۋال 2007 – يىلىدىن بۇيان بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەر بېشكەكتىكى تارىخ موزىيىدا كۆرسىتىلگەن.

“مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى” كۆرسىتىلىۋاتقان سورۇنغا قىرغىز دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۈسسۈپ كىرگەن ۋە فىلىمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، زالغا ئۈسۈپ كىرگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى، كىنونى توختىشى ھەققىدە ھۆكۈمەت داىرىلىرىنىڭ يازما بۇيرۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇيرۇقنى چىقىرىپ كۆرسەتمىگەن. بىخەتەرلىك خادىملىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن “مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى” يەنە داۋاملاشتۇرۇلغان.

فىلىم فېستىۋالىنى قىرغىزىستاندىكى “دېموكراتىيە ۋە مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت بىرلىكى” ئۇيۇشتۇرغان.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم يۇتا شتاتىدىكى پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۈچ كۈندىن بۇيان، يۇتا شتاتىدىكى پائالىيەتلىرىنى نەتىجىلىك ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، 23 ‏- سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى كەچتە ۋاشىڭتونغا قايتىپ كەلدى.

رابىيە قادىر خانىم يۇتا شتاتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى.

رابىيە خانىم بىلەن بىرگە يۇتا شتاتىدا ئېلىپ بېرىلغان پاالىيەتلەرگە قاتناشقان، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، ۋاشىڭتونغا كېلىش ئالدىدا، يۇتادا تۇرۇپ بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ چارشەنبە كۈنى يۇتادىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلانغان يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقى ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتقان پەيتتە، بىر خىتاي ئوقۇغۇچى رابىيە خانىمدىن سوئال سوراش باھانىسى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، رابىيە خانىمغا “يالغانچى” دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

تەپسىلاتى...