دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسىنىڭ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» نىڭ ھەربىيلەرگە چىقارغان چاقىرىقى ھەققىدىكى باياناتى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى

خىتاينىڭ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» بۈگۈن ھەربىي قىسىملارغا ئىنتېرنېتتىكى ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك ھەققىدە چاقىرىق چىقاردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ چاقىرىقنامىدىكى خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىنى تەنقىدلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» بۈگۈن ھەربىي قىسىملارغا، ئىنتېرنېتتىكى ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك كېرەك دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى. بۇ، كوممۇنىست پارتىيە دۆلەت رەىسىنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىت يېقىنلىشىۋاتقاندا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا پارتلىغان ھوقۇق تالىشىش جىددىيلەشكەن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئىچىدە ئارمىيىنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئارمىيىسىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسى ھەدەپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىددىي چاقىرىق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغان بىردىن – بىر كۈچ – ھەربىي قىسىملار. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەربىي قىسىملىرىغا چىقارغان بۇ چاقىرىق، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جىددىي توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقاندا ھەربىي قىسىملارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى.

تەپسىلاتى...

ئالماتادا بارىن قوزغىلىڭىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پاالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

4 – ئاپرېل كۈنى ئالماتا شەھىرىدىكى رېستورانلارنىڭ بىرىدە يۇرت – جاماەتچىلىكنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1990 – يىل 5 – ئاپرېل كۈنىدىكى بارىن قوزغىلىڭىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پاالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئالماتا شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى ناھىيىلەردىن ۋەكىللەر قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمدا ئالدى بىلەن بارىن قوزغىلىڭى قۇربانلىرىغا ئاتاپ قۇران ئوقۇلدى. ئاندىن كېيىن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇاۋىن رەىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز دوكلاتىدا بارىن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ – چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى بۈگۈنكى ۋەزىيەتتىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقى پاالىيەتلىرى ھەم ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتاي تەييارلىقلىرىدىن خەۋەردار قىلدى.

تەپسىلاتى...

ئاۋسترالىيىدە 5 – فېۋرال بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش يېغىنى ئىچىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە 5 – فڧئېۋرال بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ دۇا قىلىش سۆھبەت پاالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

تەپسىلاتى...

كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 22 يىللىغىنى خاتىرلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تورونتو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

نامايىشتا كانادا ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ رەىسى رۇقىيە تۇردۇش بارىن ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە بايانات بەردى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقى خاتىرىلەندى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

بۇندىن 22يىل بۇرۇن يەنى – 1990يىلى – 4ئاينىڭ – 5كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن ئىدى.

قوزغىلاڭ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن شىددەتلىك باستۇرۇلۇپ، بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقى قىرغىن قىلىنغان ۋە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تالاي ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئىدى. گەرچە ئارىدىن 22 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئاشۇ قېتىملىق قىرغىندا شېھىت بولغان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئازاپ چىكىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. بولۇپمۇ، چەتەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا بېغىشلاپ ھەر خىل پاالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۈگۈن – 5ئاپىرىل كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرىدۇر.

تەپسىلاتى...

دىلشات رىشىت داىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى،31 – مارت كۈنى خىتاي داىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «چېگرا مۇداپىەسى كۈچەيتىش» يىغىنىنى ھەم رايون ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي داىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قاتار سىياسەتلىرى ھەم تەدبىرلىرىنىڭ، داىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا، داىرىلەرنىڭ بۇلتۇر 7 – ئاي مەزگىلىدە خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى – پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى، بولۇپمۇ بۇ يىل 3 – ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاينىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قاغىلىق ھەم كورلىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىشىنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...

ميۇنخېن شەھىرىدە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى

باشقا رەسىملەرنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى گېرمانىينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىكنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نورۇز بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

گېرمانىينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىغا گېرمانىينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ئەڭىلىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، تۈركلەر ۋە گېرمان پۇقرالىرى ئىشتىراك قىلدى. د ئۇ ق نىڭ سابىق رەىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىمۇ نورۇز تەنتەنىسىگە جۆر بولدى. ئۇيغۇرچە مۇڭلۇق ناخشىلار، گۈزەل ئۇسۇللار، قىزىقارلىق يۇمۇرلار بىلەن تولۇپ تاشقان بۇ پاالىيەت تاماشىبىنلارنى ھاياجانلاندۇردى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيىنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي سېرك ئۆمىكى ئويۇن قويۇۋاتقان زالغا بېسىپ كىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى

ئۇيغۇرلار خىتاي سېرك ئۆمىكىنىڭ تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان «قادىر خاس» يىغىن زالىدا ئويۇن قويۇشىغا قارشى نارازىلىق پاالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پاالىيەتنى قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى قىلغان.

ئۇلار ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىش پاالىيىتىگە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە بۈيۈك شەرق چۈشەنچە جەمىيىتى ۋە ئالپەرەن ئوجاقلىرى جەمىيىتى ئەزالىرىمۇ قاتناشتى. زالنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن د ئۇ ق مۇاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، «بىز سەنەتكە ۋە مەدەنىيەتكە ھەرگىز قارشى ئەمەس، ئەمما بىز خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەرگە كېلىپ تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزىنى بويۇشىغا قارشى تۇرىمىز» دېدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قەشقەر قاتارلىق يۇرتلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ھەركىتىنى تەنقىد قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ھەرىكىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قالايمىقانچىلىققا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قەشقەر ۋە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك چېقىش ھەرىكىتى زور قاراتمىلىققا ۋە ۋە يۇقىرى دەرىجىدە سىياسىيۋىلىققا ئىگە بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى 2009 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىققا تۈرتكە بولغان.

«چەتكە قېقىلىپ ياشاش: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىشى» ناملىق مەزكۇر دوكلاتى جەمىي 89 بەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق يوقىتىلغانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆيلىرى، ئۇيغۇر دۇكانلىرى، دىنىي قۇرۇلۇشلار، ئۇيغۇر ئەنەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەپسىلاتى...

بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار شاد ئابباسوفنى خاتىرىلەپ قۇران ئوقۇتتى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

قىرغىزىستاندا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قەستلەپ قەتلى قىلىنغان مەرھۇم شاد ئابباسوفنىڭ ئۆلۇمىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بېشكەك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇران تىلاۋىتى قىلدى ھەمدە ئۇنى خاتىرىلەپ نەزىر ئۆتكۈزدى.

تەپسىلاتى...