دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ليۇ شاۋبونىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن ئۆز تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 2010 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ھەم ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى، ھەم نوبېل كومىتېتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ليۇ شاۋبونىڭ خىتاي دىكتاتور ھاكىمىيىتىگە قارشى باش ئەگمەي كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۇ مۇكاپاتنى قازىنىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە نوبېل كومىتېتىنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردىن بېرىقى خىتاينىڭ بېسىملىرىغا قارىماي، نوبېل نامزاتلىرىنى باھالاشتا مۇستەقىل قارار چىقارغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇلدى.

باياناتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم، بۇ مۇكاپاتنىڭ يالغۇز خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرىگىلا ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرىگىمۇ ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئازاب چېكىۋاتقان نۇرمۇھەممەت ياسىنغا ئوخشاش سىياسىي مەھبۇسلارغىمۇ بىر ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

ئەنقەرەدە ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى رەسمىي باشلاندى. 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۇرغان خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىن مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن مېھمانخانىدىن چىقىۋاتقاندا، ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولغا 10 مېتىر ئۇزاقلىقتا قولىدا كۆكبايراق كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ رەسىمىنى يىرتىپ، رەسىمىگە تۈكۈرۈپ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

سۈرەت، 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش.

ۋېننىڭ ئاپتوموبىلى كېتىۋاتقاندا، مەمەت يۈسۈپ بىلەن ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك كەشىنى ۋېن جياباۋغا قارىتىپ ئاتتى، ئەمما كەش ئاپتوموبىلغا تەگمىدى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتى ئۈچۈن ستوكھولىمغا يېتىپ كەلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى

رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتى ئۈچۈن بۈگۈن، 6 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئەتىگەندە ستوكھولىمغا يىتىپ كەلدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى شۋېتسىيە نارىن نەشرىياتى تەرىپىدىن شىۋېت تىلىدا نەشر قىلىنغان “ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال” ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش.

رابىيە قادىر خانىم بۇ جەرياندا يەنە، شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولىدۇ.

رابىيە قادىر خانىمنى شۋېتسىيىگە نارىن نەشرىياتى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، نارىن نەشرىياتىنىڭ باشلىقى لاش ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنى ئايرودرومدا كۈتۈۋېلىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سورىغان سواللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

لاش ئەپەندى: “مەن ئۆتكەن يىلى بۇ كىتاب ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلاپ كىتابتىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. كىتابنى ئۇقۇپ چىققاندىن كېيىن، شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. شىۋېت خەلقىنىڭ ماڭا ئوخشاش بۇ كىتابقا قىزىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ كىتابتا تەسۋىرلەڭىنى يالغۇز رابىيە قادىرنىڭلا ھاياتى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدۇر. مانا بۇ، كىتابنىڭ كىشىلەردە قىزىقىش قوزغايدىغان مۇھىم تەرىپىدۇر.”

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى ‘ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ھەمكارلىق ئۇچرىشىشى’ پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى يېقىندا “ئۇيغۇر ياشلىرى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئۇچرىشىشى پائالىيىتى” ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى يېقىندا، تۇنجى قېتىم “ئۇيغۇر ياشلىرى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئۇچرىشىشى” نامىدا چوڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۆزۈلىدىغان بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۈسى ۋە يېقىندىن قوللاپ ‏- قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا پىلان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى سۈپىتىدە قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىدە، كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، ياشلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتا ئوينايدىغان رولى ھەمدە كېلەچەك ئەۋلادلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن مەزكۇر كومىتېت، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ سىياسىي، ئىجتىمائىي شۇنىڭدەك يەنە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

تەپسىلاتى...

نورۋېگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

دۇنيا  ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ “ماتەم كۈنى” ھەققىدىكى چاقىرىقى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە    خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە خىتايغانىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان مۇستەملىكە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سائەت 14:00 – 16:00 گىچە ميۇنخېن شەھىرىنىڭ ئاۋات سودا ۋە ساياھەت مەركىزى بولغان مەريەم مەيدانىدا، سائەت 17:00 – 19:00 غىچە خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا ميۇنخېن شەھىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

نامايىش مەيدانلىرى ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن تولغان بولۇپ، نامايىشچىلار سېپىنىڭ ئالدى تەرىپىگە “5 – ئىيۇل ۋەقەسى” دە شېھىت بولغان ۋە “5 – ئىيۇل ۋەقەسى” دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى چاپلانغان تاختايلار رەتلىك تىزىلغان.

سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدە يەنە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدە رادىاتسىيىلىك زەھەرلىنىشلەرگە ئۇچراپ، مېيىپ تۇغۇلغان كىشىلەر ۋە ئاتوم سىناقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل سۈرەتلەرمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

شۋېتسىيىدە 1 – ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللار ستوكھولۇمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ بىرلىكتە خىتاينىڭ 1 – ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى.

گەرچە بۈگۈنكى نامايىش ئىش كۈنىگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىش ئورۇنلىرىدىن ۋە مەكتەپلەردىن رۇخسەت سوراپ كېلىپ نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى. نامايىش يۇقىرى قىزغىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.

تەپسىلاتى...

تۈركسامدا ‘شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى’ تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنلەردە تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىنلار چاقىرىلىشقا باشلىدى. 10 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تۈركسام، يەنى تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە “شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى” تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.

بۇ يىغىنغا تۈركسامنىڭ باشلىقى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى، تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلار شۇنىڭدەك بەزى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا تۈركسام مۇدىرى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى.

در. سىنان ئوگان ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتلىرىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ سايىسىدا قېلىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماتەم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم: ‘بىز ماتەمنى ئەركىنلىككە ئايلاندۇرىمىز!’

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ “1 – ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى” ھارپىسىدا ئىككى مۇھىم بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىرى، ‏ئۆكتەبىر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ شۇندىن بۇيان ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈننى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن “ماتەم كۈنى” دەپ تونۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ھەققىدە چاقىرىق. يەنە بىرى بولسا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ جىددىي چاقىرىقى بىلەن 2011 – يىلى فېۋرالنىڭ بېشىدا “شەرقىي تۈركىستان ‏- ئۇيغۇرىستان خەلقئارالىق مىللىي ئالىي كېڭىشى” ئۆتكۈزۈدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانات.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز رابىيە قادىر خانىمنى ۋاشىڭتوندىكى ئىشخانىسىدىن زىيارەت قىلدۇق.

تەپسىلاتى...