رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى فىنلاندىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى فىنلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ۋە فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئوبۇل قاسىم قاتارلىق كىشىلەر 2-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسىنكى شەھىرىدىكى فىنلاندىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى شۋېتسىيە تۈرك ئىشچىلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2011- 31- يانۋار كۈنى، شۋېتسىيە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك ئىشچى بىرلىكى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

تۈرك ئىشچى بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە تۈرك ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنى تۈرك ئىشچى بىرلىكىنىڭ ستوكھولمدىكى مەركىزىدە كۈتۈۋالدى.

بۇ ئۇچۇرۇشۇشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم ۋە قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت توم تۈرك ئەپەندى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن ۋە ئۇيۇشمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئابدۇل ئەھەد ئەپەندى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئۆمەر ھاجىلار قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى شۋېتسىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا، قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك  بىلەن ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا. 2011- 01- 30- كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمغا يىتىپ كەلدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2011- 30- يانۋار كۈنى، شۋېتسىيە  يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە شۋېتسىيە پارلامېنتتىكى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت شۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت  14:00 باشلىنىپ 15:00  ئاخىرلاشتى.

بۇ ئۇچرىشىشقا، شۋېتسىيە  يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە شۋېتسىيە پارلامېنتتىكى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت توم تۈرك، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر ھاجىلار قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە خانىمنىڭ كېلىشىنى ھاياجان بىلەن كۈتمەكتە

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى

مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى گېرمانىيە.
رابىيە خانىم 2 – ئاينىڭ 4 – كۈنى فىنلاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى مەركىزى ئورگىنى ۋە د ئۇ ق تەركىبىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن ئېتىبارەن جىددىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار جۈمە كۈنى رابىيە خانىمنى ميۇنخېن ئايروپىلان ئىستانسىسىدا كۈتۈۋېلىشقا ھازىرلانماقتا.

رابىيە خانىمنىڭ گېرمانىيدىكى زىيارىتى 2 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ، يەكشەنبە كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر چوڭ زالدا رابىيە خانىمنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇراسىمغا گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز كېلىپ قاتنىشىدۇ، رابىيە خانىم گېرمانىيدىكى زىيارىتى جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى مەسئۇللىرى، خانىم – قىزلار ۋەكىللىرى، ياشلار ۋەكىللىرى ۋە دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچۇرۇشۇپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ، بۇ يىل 5 – ئايدا ئامېرىكىدا چاقىرىلىدىغان “شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى” ھەققىدە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارىدۇ.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا نۇتۇق سۆزلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى

بۈگۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى پايتەخت ئوسلودا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمغا 150 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغاندا زال ئىچى بىردىنلا ھاياجانلىق كەيپىياتىغا چۆمدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى تەشكىلات خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى.

قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر دەۋاسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ۋەتەن ئىچى -سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىرخانىم نورۋېگىيىدە رافتو مۇكاپاتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

ھەيئەت بۇ قېتىملىق نورۋېگىيە زىيارىتىنى رافتو مۇكاپاتى جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن باشلىدى ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋەكىللىرى نورۋېگىيىگە يېتىپ كېلىپ، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ نورۋېگىيىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا پارلامېنتىدا قەشقەر كونفىرىنىسى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

1 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بىلگىنىنىڭ پايتەختى بېريۇسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا قەشقەر قەدىمىي شەھرى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇ ن پ ئو ( خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى )، ياۋروپا پارلامېنتى يېشىلەر پارتىيىسى،  د ئۇ ق  ۋە  بېلگىيە ئۇيغۇر  جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى.يىغىنغا ئۇ ن پ ئو نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئاندرىۋ سىۋان ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى مەمەت توختى بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بېلگىيىدە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋەكىللىرى فرانسىيىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىسسيۇنىدىكى مەسئۇل ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى دوكلات قىلدى.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش بولدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ گوللاندىيىدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى ۋە خىزمىتى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.

گوللاندىيىدىكى مەۋجۇت تەشكىلاتلار ۋە جاماەتلەر ئارىسىدا بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدىكى بىر ھەيئەت تەشكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن گوللاندىيىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىققا خاتىمە بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەيئەت «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى»، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ۋە «ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» قاتارلىق ئۇزۇندىن بىرى مەۋجۇت بولغان ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تاللانغان؛ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، تەپتىش، ئىقتىساد باشقۇرغۇچى ۋە دىنىي يېتەكچىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، 9 كىشىدىن تەركىب تاپتى.

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى فرانسىيىدە زىيارەتتە بولدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى

20 ‏-يانۋار كۈنى باشلانغان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپا زىيارىتى، تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن يەنى 23 ‏- ۋە 24 ‏-يانۋار كۈنلىرى فرانسىيىدە داۋاملاشتى.

تەپسىلاتى...