د ئۇ ق: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ھەققىدىكى قارارىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

ياۋروپا پارلامېنتى بۈگۈن يەنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىتراسبۇرگدىكى ئومۇمى يىغىنىدا  قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ۋەيران قېلىنىپ، چىقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قەشقەرنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە مەخسۇس قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئۈنچىسى دەپ قارالغان، 2000 يىلدىن بۇيان تارىخى يىپەك يولىنىڭ مەركىزى بولۇش بىلەن ھەر خىل دىن، مەدەنىيەت ۋە تىجارەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تۆگىنى بولۇپ دۇنيا ۋە ئىنسانلىق مەدەنىيىتىگە ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە قوشقان بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ 2 يىلدىن بۇيان سىياسىي كامپانىيىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ۋەيران قېلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ قەدىمىي شەھەرنى يوق قېلىش پىلانىنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر قارار لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن 18 پارلامېنت ئەزاسى مەخسۇس سوز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق،  سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى  قىرغىنچىلىقلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ قارارنامە بىلەن خىتاي دۆلىتىگە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك سىگنال يوللانغان بولدى. 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن، رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا  جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى بىلەن، 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ۋېستېر ۋېلل: ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا بىرلىكى نامىدىن ئوتتۇرىغا قويىمىز

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 16-نۆۋەتلىك يىغىنى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى جەنۋەدە باشلانغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ياۋروپا بىرلىكى نامىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

جەنۋەگە سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەييارلىق قىلىش جەريانى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە د ئۇ ق نىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ 50دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە يۈزلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىشكە تىرىشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى فولكېربەك ئەپەندى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېستېر ۋېلل ئەپەندىگە ئالاھىدە خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېستېر ۋېلل ئەپەندى د ئۇ ق غا مەخسۇس خەت يوللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 16-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا بىرلىكى نامىدىن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان د ئۇ ق ھەيىتىنى قوبۇل قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تەپتىش ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنى قوبۇل قىلدى.

تۈركىيىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت 6 دا، تۈركىيە خەزىنە ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئىشخانىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنى قوبۇل قىلدى. قوبۇلدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، مىنىستىرنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

سېيىت تۈمتۈرك 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا چاغلايان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھېسداشلىقى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى د ئۇ ق رەىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايانغا ئۇيغۇر تۇمىقى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر خانىم» ناملىق كىتابنىڭ تۈركچىسىنى سوۋغات قىلدى.

كېيىن دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ قېتىم خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچىدە تۈركىيە سانائەت رايونى قۇرۇش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمپىكىر بولغانلىقىنى، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىسلام كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى

فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 4-5-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام ئېكىسپو-2 كۆرگەزمىسى» دەپ ئاتالغان كۆرگەزمە پاالىيىتىگە قاتناشتى.

30 ئەتراپىدا ئىسلامى ئاممىۋى تەشكىلات قاتناشقان بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا فىنلاندىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ماتتى ۋانھانەن قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە ياۋروپا ئىسلام فېدېراتسىيىسىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنىڭدەك ئەڭلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان مەزكۇر ئىسلام كۆرگەزمىسىدە فىنلاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 30 ئەتراپىدا ئىسلامى ئاممىۋى تەشكىلات ئايرىم بۆلۈم ئېچىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان. كۆرگەزمىدە فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىمۇ مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە چەتئەلدە نەشر قىلىنغان كىتاب ۋە ژۇرناللار، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى ھەم ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تونۇشتۇرغان. بىز بۇ كۆرگەزمە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسۇلى مەمەت ئېمىن ئەپەندى ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان كىشىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان خەلقئارا يىغىندا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى

8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئاينىڭ 5-6-كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ ئالانيا شەھىرىدە «تۈرك دۇنياسىدىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ خەلقئارا يىغىنغا ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماكادونىيە، تۈركمەنىستان، موڭغۇلىستان، ئىران، ئىراق ۋە تاتارىستاندىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتى مەسۇلى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. يىغىنغا يەنە تۈرك دۇنياسى ئاياللىرى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەىسى، پارلامېنت ئەزاسى شەنول بال خانىم، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى رەىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

يىغىندا تۈرك دۇنياسىدىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

رابىيە ئىلكتۈرك خانىم سۆزلىگەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى» تېمىسىدىكى نۇتقىدا 1949-يىلىدىن بۈگۈڭىچە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى سۈرەتلىك ئىسپاتلار بىلەن ئاڭلاتقان. ئۇنىڭ قىلغان سۆزى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇلغارىيە، كوسوۋو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئايال ئىنسان ھەقلىرى پاالىيەتچىلىرى رابىيە ئىلكتۈرك خانىمنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئۆز دۆلەتلىرىگە تەكلىپ قىلغان.

تەپسىلاتى...

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى 8‏-مارتنى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى

8‏-مارت ئاياللار بايرىمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە قىزغىن تەبرىكلىنىدىغان مۇھىم بايراملارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەپ كەلمەكتە. قىرغىزىستاندا بۇ يىلقى 8‏- مارت ئاياللار بايرىمى تۈنۈگۈن تەبرىكلەندى. شۇ كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 150 دەك ئۇيغۇر ئايال بېشكەك شەھىرىدىكى بىر پائالىيەت ئورنىدا يىغىلىپ، بايرام ئۆتكۈزدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-ئۈمى

5-مارت كۈنى ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ھەم خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم ژۇرنالىستلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى جانلانماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى مەسۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدىكى ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى 5-مارت كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى 400 كىشىلىك ئولىمپىك مەركىزى زالىدا بىرلەشمە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە پاالىيەتنىڭ مەقسىتى، ياپونىيە جاماەتچىلىكىگە ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىسى خادا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتلىك مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان غەيرەت نىياز قاتارلىق ژۇرنالىستلار، دىلشات پەرھات قاتارلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ھەم ھېلىغىچە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 2010- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شىياۋبونى قويۇپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەن.

تەپسىلاتى...

«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

«ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ناملىق كىتابنى ئاساسىي تېما قىلىپ 2-مارت كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» تېمىسىدا يىغىن چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ناملىق كىتاب تۈركىيىدە نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈچەيمەكتە. ئىستانبۇلنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ساكاريا ۋىلايىتىدىكى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر كىتابنى ئاساسىي تېما قىلغان ھالدا 3-ئاينىڭ 2-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» تېمىسىدا يىغىن چاقىردى.

بۇ يىغىننى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا مەريەم چېلىك رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چىقىپ كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئاڭلاتتى. سەلما ئالماس ئىسىملىك ئوقۇغۇچى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى» تېمىسىدا، مۇنەۋۋەر گۈلچە خانىم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ۋە فەيزا شىشكو خانىم بولسا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

تەپسىلاتى...

ۋىرگىنىيىدە شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

27-فېۋرال ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شىمالىي ۋىرگىنىيە ئىنستىتۇتىدا يىغىن چاقىرىپ، بۇ يىل مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىن ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە چىقتى ۋە يېقىندا ياۋروپادا ئېلىپ بارغان 7 دۆلەت زىيارىتى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، بۇ يىل ماينىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە كېلىدىغان ۋەكىللەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

يىغىندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاكتىپلىق بىلەن ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتى.

يىغىن ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايونى، ۋىرگىنىيە ۋە مارىلاند شتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان.

تەپسىلاتى...

ئەنقەرەدە تۈركىيىدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پائالىيىتى داۋام قىلماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى

تۈركىيە جامائەتچىلىكى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەرمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۆبىسى تۈركىيىدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرگە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلات 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 2-قېتىملىق پائالىيىتىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرىغا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيە» تېمىسىدا دوكلات بەردى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئىنسان بولغاچقا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ، مۇسۇلمان بولغاچقا ئىسلام دۇنياسىنىڭ، تۈركىي مىللەت بولغاچقا تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھايرۇللا ئەفەندىگىل سۆزىدە يەنە تۈركىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...