ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە يېتىپ باردى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى قاتارلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قاتار پاالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە يېتىپ باردى.

دۈشەنبە كۈنى باشلانماقچى بولغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى قاتارلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى ۋاشىڭتوندىن يولغا چىققان رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن ئاۋسترالىيىگە يېتىپ باردى. سىدنېي ئايرودرومىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىم خىتاينىڭ نارازىلىقلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۆزىگە ۋىزا بەرگەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەم خىتاي باياناتچى جياڭ يۈنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى تەنقىدلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 5-قېتىملىق ئاۋسترالىيە زىيارىتى تۈنۈگۈن باشلاندى. رابىيە خانىمنىڭ تۈنۈگۈنكى سەپىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەت مۇساباي ھەمراھ بولدى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى ھۈسەن ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر رابىيە خانىمنى سىدنېي ئايرودرومىدا كۈتۈۋالدى.

تەپسىلاتى...

5‏-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرى تەربىيىلەش كۇرسى ئاۋسترالىيىدە ئېچىلىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

21-مارت كۈنى باشلىنىدىغان 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرى تەربىيىلەش كۇرسى ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي، ئادىلايت ۋە مىلبورن شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى مەزكۇر يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

تېخى تۈنۈگۈن ئاۋسترالىيە داىرىلىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بىرەر ھەرىكەتتە بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇشىغا، بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ سۆز قىلىپ «رابىيە قادىر خىتاينى پارچىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر بۆلگۈنچى، بىز ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭ خىتاينى پارچىلاش پاالىيەتلىرىگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىگە قەتىي قارشىمىز. مەنچە ئاۋسترالىيىمۇ بىزنىڭ بۇ مەيدانىمىزنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.

رابىيە قادىر خانىم كېلەر ھەپتە ئاۋسترالىيىدە ئېچىلىدىغان دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە مېڭىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىمۇ بېجىرىپ بولغان.

رابىيە خانىم 2009-يىلى ئاۋسترالىيىدىكى مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارماقچى بولغاندا، خىتاي داىرىلىرىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئەمما ئاۋسترالىيە داىرىلىرى خىتاينىڭ شۇنچە بېسىمىغا قارىماي رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرگەن ئىدى. ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئالغان ۋە بۇ خىتاينىڭ دىپلوماتىك سەتچىلىكى بولۇپ قالغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئەنقەرە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەھرىمانى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئىدارىلىرى داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھەر خىل يىغىنلار چاقىرماقتا.

بۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەر ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش بولۇپ، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنقەرەدىكى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەھرىمانى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇزۇن يىل ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ يېنىدا ئىشلىگەن، ھازىر تۈركىيە رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دوكتور ئابدۈلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەھرىمانى ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قىزىقىش ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. دوكتور ئابدۈلخەمىت ئاۋشار ئەپەندىنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دوكلات يىغىنىغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار بەس-بەس بىلەن سوال سوراشتى. يىغىندا دوكلات بەرگۈچىدىن ئەڭ كۆپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا قانداق قارايسىز؟ شەرقىي تۈركىستانلىقلار قاچان ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ؟ ئۇيغۇرلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ دېگەڭە ئوخشاش سواللار سورالدى.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيىدە نورۇز كونسېرتى ئۆتكۈزۈلمەكچى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، مەۋجۇت تەشكىلاتلار ۋە چوڭلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ئىدى.

نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنەنىسىدە داۋاملىشىۋاتقان مىللىي بايرام. بۇ ھەقتە گوللاندىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇر ئىگىلەپ، بۇ ھەقتىكى تەييارلىقلارنىڭ پۈتكەنلىكى ۋە ئالدىمىزدىكى 20-مارتتا گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھەردىكى بىر زالدا چوڭ تىپتىكى نورۇز كونسېرتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق پاالىيەتنىڭ ئالاقىلىشىش مەسۇلى مۇنىردىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

تەپسىلاتى...

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە ئوتتۇرىغا چۈشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى

جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 16-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا بۈگۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چۈشتى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى يانا براندىت خانىم، خەلقئارالىق تىنچلىقچى رادىكال پارتىيىنىڭ نامىدىن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىننىڭ تۈنۈگۈنكى قىسمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدى.

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يەنە، گېرمانىيە ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نۇرەلى ۋە تۇرسۇنجان ھېزىم قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە كېسىلىش ۋەقەسى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇلتۇردىن باشلاپ، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى، تىنچلىقچى رادىكال پارتىيىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ب د ت يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

” ياۋروپادا نورۇز – 2011 ” مەدەنىيەت پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى

د ئۇ ق تەركىبىدىكى ” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتى بىلەن ” گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى ” نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى، ” ياۋروپادا نورۇز – 2011 ” مەدەنىيەت پائالىيىتى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر زالدا ئىنتايىن غەلىبىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

كەچ سائەت 17:00 دە باشلىنىپ، تاكى 23:00 كە قەدەر داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى مول مەزمۇنلۇق نورۇز كېچىلىكىگە، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، شۇنداقلا گوللاندىيە، فرانسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن سەنئەتكارلىرىمىزدىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى نورۇز مەدەنىيەت كېچىلىكى ئىككى چوڭ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى.

بىرىنچى باسقۇچتا، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىكى ماھىر سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ۋە گوللاندىيە، فرانسىيىدىن تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىشىدا مەخسۇس سەھنىدە ئىككى سائەتكە يېقىن ناخشا، ئۇسۇل، ئېپىزوت، مۇزىكا، شېئىر … قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلۇق ۋە كۆپ شەكىللىك سەنئەت نومۇرلىرى تەقدىم قىلىندى.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيىدىكى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللار خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى

2011-يىلى 10-مارت گوللاندىيىدىكى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئاكتىپلىرى توپلىشىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت بىردە دەنھاخ شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۇچراشتى. ھەرقايسى مىللەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم- ئوقۇبەتلىرىنى ئەتراپتىكى ئاممىغا ئاڭلاتتى. گوللاندىيە ئەس پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان بوممىل ئەپەندى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ مەسىلىسىنى لىۋىيە، مىسىر قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى خەلق بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ نۇتۇق سۆزلىدى.

2011-يىلى 10-مارت گوللاندىيىدىكى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئاكتىپلىرى توپلىشىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ئۇ، بۈگۈنكىدەك تىبەت كۈنلىرىدە نامايىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سورىغانلىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ:

10‏-مارت خىتاي كومپارتىيىسى تىبەتلەرنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابىنى قانلىق باستۇرغان بىر كۈن. بۇنداق كۈنلەردە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئەلۋەتتە چوڭ، دېدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سۆز قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، چۈشتىن كىيىن سائەت 3.45 ئۆتكەندە، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما ياردەمچىسى جانا براندت خانىم، ب د ت دە مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان  خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى نامىدىن سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. جانا خانىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يۈكسەك كومىسسارىنىڭ „كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋەزىيىتى“ ھەققىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى مارگارىت سەككاكى خانىمنىڭ خىتاي دۆلىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالى ۋە سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ شىددەت بىلەن بېسىمىغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئاخىردا ب د ت دىن  خىتاي ھۆكۈمىتىڭ پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى توختىتىشقا بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن “ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىلگەنلەر”  يىغىندا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا سۆز ئېلىپ، ،  5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئىلتىجاچىنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغانلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قوغان ئىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. د ئۇ ق بۇ قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بىر-قانچە ئايدىن بۇيان 50 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنتلىرى بىلەن 80 گە يېقىن خەلقئارا تەشكىلات بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ گېرمانچە كۇرسى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، گېرمانىيىدە، جۈملىدىن ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گېرمانچە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، گېرمانچە ئۆگىنىش جەريانىدا چەتئەل تىلىدىكى لۇغەت ۋە كىتابلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان يۇرتداشلىرىمىزغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە، 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ھەر جۈمە كۈنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى ئىشخانىسىدا گېرمانچە ئۆگىنىش كۇرسى ئاچقان ئىدى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ كۇرس قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

كۇرس باشلانغاندىن بۇيان كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز ئاكتىپلىق بىلەن كۇرسقا قاتناشماقتا.

كۇرسقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئايىلە ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن گېرمانچە ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغان خانىملاردىن ئىبارەت.

تەپسىلاتى...