تاتارىستان ئالىي سوتى شەھرىزات شاۋكەتكە سىياسىي پاناھلىق بېرىشتىن يەنە باش تارتقان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا رۇسىيە تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە تۇرۇپ، سىياسىي پاناھلىق ئالالمايۋاتقان قوش كېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بىرى شەھرىزات شاۋكەتكە تاتارىستان ئالىي سوتى ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتقان. ئالىي سوت ئۆتكەن يىلى كۈزدە قازان شەھىرى ئاۋايىستروىتېل ناھىيەلىك سوتىنىڭ بۇ ھەقتىكى پاناھلىقنى رەت قىلىش قارارىنى كۈچىدە قالدۇرغان بولۇپ، ئەمدى ئۇ خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ «ئىدېل رېالىى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «تاتارىستان ئالىي سوتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن تاتارغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتتى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، شەھرىزات شاۋكەتنىڭ ئادۋوكاتلىرى خىتايغا قايتۇرغان تەقدىردە ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنى سەۋەب قىلىپ، قاچاقلار قانۇنى ئاساسىدا ئۇنى رۇسىيەدە قالدۇرۇش توغرىلىق ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، سوت ئۇلارنىڭ بۇ سەۋەبلىرىنى مۇھىم دەپ قارىمىغان. ئادۋوكات رۇسلان ناگىيېف ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە يەنە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەندە ئالىي سوت قوش كېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ يەنە بىرى شاھدىيار شاۋكەتكىمۇ شۇنداقلا قارار چىقارغانىكەن.

تەپسىلاتى...

غايىب ئاكا-ئۇكا سەرتىراچ مۇرتىزا بىلەن مەھمۇتنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان زەيتۇنە مەمەت يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئانىسى ئايتۇرەم خۇدەشنىڭ بىر يىل لاگېردا يېتىپ چىققانلىقى، ئاكىسى مۇرتىزا مەمەت بىلەن ئىنىسى مەھمۇت مەمەتنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مۇرتىزا بىلەن مەھمۇتنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ۋە ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ ئۆز جايلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى بازارغا سالغان ئىدى. ئەمما لاگېرلاردىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇتقۇنلارنىڭ تېخى ئۆيىگە قايتمىغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ كېسىلىپ تۈرمىلەرگە، بىر قىسمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن زاۋۇت-فابرىكالارغا يوللانغانلىقى، يەنە زور بىر قىسمىنىڭ تېخىچە لاگېردا ئىكەنلىكى ئۇيغۇر رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدىنمۇ ئاشكارىلانماقتا.

2015‏-يىلى توي قىلىپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن زەيتۇنە مەمەت 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ يۇرتى ئۇچتۇرپان ئاقياردىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇ 2018‏-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بىر يىلغا يېقىن داۋام قىلغان ھەر خىل قاناللار بىلەن سۈرۈشتە قىلىش نەتىجىسىدە ئانىسى ئايتۇرەم خۇدەشنىڭ بىر يىر لاگېردا يېتىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ ئانىسى بىلەن تېلېفوندا بىر كۆرۈشۈشنىڭ يولىنى قىلىۋاتقان مەزگىلىدە شۇنىڭغىچە ئىز-دېرىكى بولماي كېلىۋاتقان ئاكىسى مۇرتىزا مەمەت بىلەن ئىنىسى مەھمۇت مەمەتنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكىنىڭ شەپىسىنى ئالغان.

تەپسىلاتى...

چاقىلىقتىكى ساقچى خادىمى: «چاقىلىقتا لاگېر يوق، لاگېردىكىلەر كورلادىكى تۈرمىگە ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلدى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كورلا تەۋەسىدە بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ ياكى مەھبۇس سىياقىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ ناھىيەدە نۆۋەتتە لاگېر يوقلۇقى، لاگېردىكىلەرنىڭ كورلادىكى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىگە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەدىكى بىر تەتقىقات ئورنى كورلا پويىز ئىستانسىسىغا ئائىت بولغان بىر سۈرەتنى تارقاتقان ئىدى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق تارتىلغان بۇ سۈرەتتە چاچلىرى چۈشۈرىۋېتىلگەن، پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالەتتە زوڭزايتىپ ئولتۇرغۇزۇلغان ۋە ھەر بىرى ئىككىدىن ساقچى تەرىپىدىن يالانغان 500-600 چە مەھبۇسنىڭ يۆتكەپ مېڭىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەدىن نەگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئېنىق مەلۇم بولمىغان، پەقەت سۈرەتتىكى بەزى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ قەشقەردىن يۆتكەلگەنلىكى پەرەز قىلىنغان ئىدى.

تۆنۈگۈن تىك-توك تورىدا تارقالغان بىر ئۇچۇردا يەنە بايىنغولىن ئوبلاستىغا ئائىت لوزۇنكىلار ئېسىلغان بىر مەيداندا ئوخشاش كىيىنگەن نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ماسكا تاقىغان ھالەتتە تىزىلىپ تۇرغان كۆرۈنىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسلارغا چىقىۋاتقان ھالىتى خەۋەر قىلىندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ كۆرۈنۈشلەردىكى كىشىلەرنىڭ تۈرمە ياكى فابرىكالارغا يۆتكىلىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

تەپسىلاتى...

ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىگە 4 يىل كېچىكتۈرۈلۈپ 2 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

رادىيومىز يېقىندا قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالدى.

ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرىنىڭ 12-مارت كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى 3-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ ئائىلىسىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان دادىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئۈستىدىن 2-ئاينىڭ ئاخىرى قەشقەردە سوت ئېچىلغان.

تاھىر مۇتەللەپ قاھىرىنىڭ خىتاي تونۇشلىرىنىڭ 8-مارت كۈنى تېلېفوندا ئۇنىڭغا يەتكۈزىشىچە، قەشقەردە ئېچىلغان سوتتا دادىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىگە 2 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. ئەمما سوتتا ئۇنىڭغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى 4 يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان.
تاھىر مۇتەللىپ يەنە مەزكۇر ئۇچۇرنى ئېلىشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرشىچە، دادىسى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇرغان. دادىسى قەشقەردىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇنىڭ گېرمانىيەدە سىياسىي پائالىيەتلەردە بولماسلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. ئەمما دادىسى 7-مارت كۈنى ئۇنىڭ گېرمانىيەدىن قىلغان تېلېفونىغا قىسقىلا سالام بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان. ئاندىن تېلېفوننى ئاپىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا سۆزلىشىشنى رەت قىلغان. دادىسىنىڭ تېلېفوندىكى سوغۇق ۋە ئۈمىدسىز كەيپىياتى ئۇنى ئەنسىرەتكەن. تاھىر مۇتەللىپ 8-مارت كۈنى خىتاي تونۇشلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق دادىسىنىڭ سوتقا چاقىرتىلىپ، بۇ غەلىتە سوت ھۆكۈمىنى ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

تەپسىلاتى...

نۇرگۈل خانىم ئۈچ يىل بۇرۇن ۋەتەنگە قايتقان ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى كۈتمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئاياللار خاتىرە كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەر خىل شەكىللەردىكى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن خاتىرىلەندى. بىراق ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ۋە سىياسىي زىددىيەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسى تۈپەيلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىنتايىن پاجىئەلىك قىسمەتتە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

نۇرگۈل غاپپار مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولۇپ، ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن. نۇرگۈل خانىم ھازىر كىچىك ئوغلى بىلەن تۈركىيەدە ياشىماقتا. ئۇ ئۈچ يىلدىن بېرى ۋەتەنگە پاسپورت يېڭىلاش ئۈچۈن قايتقان بالىسىنىڭ خەۋىرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىكەن.

ئۇنىڭ ئوغلى ئادىلجان راھمان 1999-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 21 ياشتا ئىكەن. ئۇ 2012-يىلى 12-ئايدا ئانىسى نۇرگۈل بىلەن مىسىرغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. ئالتە ئايدىن كىيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

ئادىلجان راھمان 2016-يىلى 5-ئايدا ۋەتەنگە قايتقان بولۇپ، شۇ يىلى 11-ئايدا مىسىرغا تەكرار قايتىپ كەلگەن. مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا پاسپورتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان، بىراق مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى پاسپورتىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ يېڭىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئادىلجان راھمان ئامالسىز 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەتەنگە پاسپورتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن قايتقان. بۇ نۇرگۈل غاپپارنىڭ چوڭ ئوغلىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن بولغان ئالاقىسى شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى نۇرگۈل خانىم قوشنىسىدىن بالىسى ئادىلجاننىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان.

تەپسىلاتى...

قەدرىيە غوپۇرنىڭ توقسۇدىكى ئانىسى ھاجىرە روزىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئانىسى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش گۇۋاھلىق باياناتلىرى بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان نورۋېگىيەدىكى قەدرىيە غوپۇر ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدا ئانىسىنىڭ 10 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە توقسۇ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ھاجىرە روزىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن دەلىللەندى. قەدىرىيە ئۆزىنىڭ تەسىرات باياناتىدا گۇۋاھلىق باياناتلىرىنىڭ ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

نورۋېگىيەدىكى قەدىرىيە غوپۇرنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ توقسۇ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بوغالتىرى ئىكەنلىكى ۋە 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. توقسۇ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى خادىملىرى دەسلەپتە بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى. ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق مەھكۇملارنىڭ كىملىكىنى ئەستە تۇتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. قەدىرىيە غوپۇر ئانىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئالغانلىقىنى، ئەمما مەنبەنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ھاجىرە روزىنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتە ئىككىلەندى. ئۇ ئارقىدىن بۇ سوئالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ھاجىرە روزىنىڭ كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلمىدى.

قەدىرىيە غوپۇرنىڭ بىر گۇۋاھلىق باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئۇ ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيەدە ئوقۇغان ۋە ياشىغان 6 يىل داۋامىدا خىتايغا قارشى ھېچقانداق بىر سۆز ھەرىكەتلەردە بولمىغان. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى بۇ ئېھتىياتچانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقى ۋە بۇ پۇشايماندىن چوڭ بىر دەرس ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

نورۋېگىيە سودا ئەخلاقىي كېڭىشى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋىرىمىز بار»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھېلسىنكى كومىتېتى، فرافتۇ فوندى جەمئىيىتى، نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 6 تەشكىلات 11‏-مارت كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى پېنسىيە فۇندىنىڭ خەيكاڭ دىگىتال ۋە داخۇا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىككى شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونىدىكى نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇمىي يۈزلۈك دىگىتال تەقىبلەشنى يولغا قويۇشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

ئوچۇق خەتتە تەكىتلىشىچە، نورۋېگىيە ھۆكۈمەت پېنسىيە فوندىنىڭ بۇ ئىككى شىركەتكە مەبلەغ سېلىشى ب د ت نىڭ ئالاقىدار سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە مەزكۇر فۇندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆز قائىدە نىزاملىرىغا خىلاپ ئىكەن. ئوچۇق خەتتە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا دىنىي، ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشتا ئىشلەتكەنلىكى، بۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «پېنسىيە فۇندىنىڭ مەبلەغ سېلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا بۇنىڭدىنمۇ قەبىھ بولغان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەنبەسى بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن 11-مارت كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جىم مەكگوۋېرىن سۆز ئالدى. ئۇ 2020-يىللىق يېڭى دوكلات سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېغىشلانغان دوكلاتنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، تاجسىمان ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى زور بىر قاباھەت سۈپىتىدە سايە تاشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى «سېپى ئۆزىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر،» دەپ كۆرسەتتى.

تەپسىلاتى...

رەيھانگۈل خانىم: خىتاينىڭ خەلقئاراغا «لاگېر ئوقۇغۇچىلىرى» دەپ كۆرسەتكەنلىرى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرىدۇر

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۈرۈمچىدىن يېڭى چىققان ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان رەيھانگۈل خانىم ۋەزىيەت ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى جايلاردا چەتئەللىك تەكشۈرگۈچىلەرگە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە مەركىزى» دىكى ئوقۇغۇچىلار دەپ كۆرسەتكەن كىشىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇ جايدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتمۇ خىتاينىڭ بىر قېتىم تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە ساختا سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن بىر لاگېر تۇتقۇنىنىڭ ئۆيىدىكى مۇراسىم كىيىمىنى ئەكەلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

3 ئاينىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكاغا چىققان رەيھانگۈل خانىم سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم شەخسىي كەچمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ساختا ئىجرائاتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاشكارا چەكلەۋاتقان ۋە ھاياتىدىكى كىچىككىنە دىنىي تۈس ۋە مەزمۇن ئۈچۈنمۇ كىشىلەرنى ئېغىر جازالاۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خەلقئارا جامائەتچىلىككە كۆرسەتمىلىك ئۈچۈن ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان ۋە ئۇلارغىمۇ مەخسۇس مەسچىتكە كىرىش رۇخسەتنامىسى تارقىتىپ بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن بىر تۈركۈم خەلقئارا ئاخبارات ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن رايوندا ھەر خىل ساختا ئىجرائاتلارنى ئېلىپ بارغان. رەيھانگۈلنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى ئارىسىدىكى ئۈرۈمچىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىن ئاڭلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىر قېتىملىق خەلقئارالىق تەكشۈرۈش داۋامىدا يېزىدىكى ئاھالىلەرنى مەسچىتكە كىرىشكە بۇيرۇغان. ئەمما ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇغانلىق سەۋەبلىك لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە كېسىلگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، مەسچىتكە بېرىشنى رەت قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد يوھۇ: «شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىن»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى تەد يوھۇ 12-مارت كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەد يوھۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ مەركىزى ئاسىيا رايونى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ يۈز نەچچە يىل ئاۋۋال خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ كېيىن كومپارتىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «يېڭى زېمىن» دېگەن مەنىدىكى «شىنجاڭ»، دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تەد يوھۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن «جوڭخۇا مىللىتىنىڭ پارچىسى» دېگەننى كۈچلۈك تەرغىپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بۇ بىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە سۇئال قويۇپ، بۇ زېمىننىڭ بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشىدۇر.

تەپسىلاتى...