گۈلباھار مەھمۇتجان خاتىپھاجى: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتى پۈتۈنلەي يالغان»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

فرانسىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ 24-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى گۈلباھارنىڭ «خىتاي گۇلاگىدا ھايات قالغۇچى» ناملىق ئەسىرىگە قارشى 23-فېۋرال بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا گۈلباھارنى «سېپى ئۆزىدىن بۆلگۈنچى ۋە تېرورچى» دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، گۈلباھار خاتىپھاجىنىڭ يېقىندا نەشىردىن چىققان «خىتاي گۇلاگىدا ھايات قالغۇچى» ناملىق ئەسىرى فرانسىيەدە زور تەسىر قوزغىغان. نۇرغۇنلىغان داڭلىق مەتبۇئاتلار بۇ كىتاب ھەققىدە خەۋەرلەر تارقاتقان ۋە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرغان. گۈلباھارنىڭ لاگېردىكى ھايات كەچمىشلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان جازا لاگېرلىرىدىكى پاجىئەلەرنى جانلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. كىتابنىڭ فرانسىيەدىكى كۈچلۈك تەسىرى خىتاي ئەلچىلىرىنى بىئارام قىلغان.

تەپسىلاتى...

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى – ئەھەت سۇلايماننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان مىليونلىغان كىشىلەر قاتارىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خىزمەتچىلىرىنىڭ 50نەپەردىن دىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى – قۇمۇل شەھەر تەڭرىتاغ ئوقۇتۇش رايونىنىڭ مۇدىرى ئەھەت سۇلايماننىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بۈگۈن دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ2019 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرى تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، چەت ئەلدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئىچىدە ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىغا ئېرىشكەنلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە ئاز ساندىدۇر. بىز ھەققىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ قاماققا ھۆكۈم قىلىشى ئېغىرلاپ كەتكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تورىنىڭ 24-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل جىنايى بەتناملارنى چاپلاپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىش قىلمىشى ئېغىرلاپ كەتكەن. 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بېرى، خىتاي جىنايى ئىشلار سوتى 250 مىڭ ئادەمگە گۇناھ ئارتىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

گەرچە خىتاينىڭ سوت ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئىشلىرى ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتكۈچىلەر 60 قا يېقىن دېلونى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدىمۇ جىنايەت سادىر قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆز تۇرمۇشى ۋە ئېتىقادى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى كىشىلەر ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2017-يىل خىتاي سوتى 99 مىڭ 326 ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولسا، 2018-يىلغا كەلگەندە 133 مىڭ 198 ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان. 2019-يىلدىكى ساننى تېخى ئېلان قىلمىغان. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتكۈچىلەر 2019-يىل 8000 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەن ئىككى يىلنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ساقچى ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان دۆلەت تېرورلۇقى بولۇپ، «خالىغانچە تۇتۇش، خالىغانچە كېسىش، خالىغانچە ئۆلتۈرۈش» ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىكەن. ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ زىيانكەشلىكتىن ئامان قالمىغان.

تەپسىلاتى...

كانادانىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىغا ھەمدە ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە نىسبەتەن قاراشلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

23-فېۋرال كۈنىدىن بۇيان غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كانادا پارلامېنتىدا 22-فېۋرال قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارى مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنگىلىيە باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت پىكىرلەر دىققەتنى تارتماقتا. د ئۇ ق 22-فېۋرال دەرھال ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ بۇ ھادىسىلەرگە قارىتا قاراشلىرى قانداق؟

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تارىخىي بىر ۋەقە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر قارارنىڭ سابىق ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايىك پومپېيو «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى جاكارلىغاندىن كېيىنكى خەلقئارادا بارلىققا كەلگەن يەنە بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەسكىن تەلەپپۇزلاردا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىق مەسىلىسىگە نىسبەتەنمۇ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كانادا پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتاسى 22-فېۋرال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ، ئۇنى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. بۇنىڭ بىلەن كانادا پارلامېنتى دۇنيادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان تۇنجى پارلامېنت، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ بۇ ھەركىتىنى ئامېرىكادىن كېيىن رەسمى «ئىرقىي قىرغىچىلىق» دەپ تونۇغان ئىككىنچى بىر غەرب دۆلەت ئاپپاراتى بولدى.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەكلىپ لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا نۆلگە قارشى 266 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاندى. مەلۇم بولۇشىچە، تەكلىپ لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدىكى كوپچىلىك ئوكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى، شۇنىڭدەك ھاكىمىيەت بېشىدىكى لېبىراللار پارتىيەسىدىن بولغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئانتونى روتا يىغىندا ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى خۇلاسىلاپ، كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

«ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيەلەردىمۇ داۋام قىلماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدە باشلانغان «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيەلەرگىمۇ كېڭەيدى

تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە ئايلاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىگە كېڭەيمەكتە. 16-فېۋرالدىن باشلاپ بۇ نامايىش گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، دورتمۇند، فرانكفۇرت، ستۇتگارت ۋە بېرلىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ كېلىپ قاتناشقان. نامايىش بىر ئاي داۋام قىلىدىكەن. بۇ نامايىشقا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلىپ نۇتۇقلار سۆزلىگەن.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن بىرقانچە كۈنلەردىن بۇيان «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى گېرمانىيەنىڭ دورتمۇند، فرانكفۇرت، ستۇتگارت ۋە بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

«ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى 22-فېۋرالدىن باشلاپ يەنە نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھرىدىمۇ باشلانغان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نورۋېگىيەدىكى بۇ نامايىش ئايلارچە داۋام قىلىدىكەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ 22-فېۋرال ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۈگۈن بۇ نامايىش ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشنى نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە كېڭەيتىش تەشەببۇسىدا بولدى.

تەپسىلاتى...

مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى باقىھاجى خېلىلنىڭ كۈنەس قارا بۇغرا تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مىسىردا ئوقۇپ قايتقان ۋە كېسىلىپ كەتكەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار. 2016-يىلى، قاھىرە.

ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارا بۇغرا تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 26 ياشلىق باقىھاجى ئابدۇخېلىل، تېخى تۆت يىلنىڭ ئالدىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچى ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ مىسىردا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئاتالمىش «جىنايىتى» ۋە يۇرتى ئاتۇشتىكى دائىرىلەرنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغانلىقىدەك «ئىتائەتمەنلىكى» سەۋەبىدىن مەزكۇر جازاغا مۇپتىلا بولغان.

2016‏-يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئالداش ۋە تەھدىت سېلىش، 2017 ‏-يىلىغا كەلگەندە بولسا كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق مىسىردا ئوقۇۋاتقان 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپىنچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى. قايتۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كېسىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە ئۇچۇرلار كۆپ بولسىمۇ، كىملەرنىڭ قانچىلىك كېسىلگەنلىكى ۋە قەيەرلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭ ئەمەس ئىدى. ئىلگىرى بىر مەھەل مىسىردا ياشىغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى يېقىندا ۋەتەندىكى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئەينى چاغدا مىسىردا ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئوقۇغىچلاردىن ئابدۇغاپپار، باقىھاجى خېلىل، مەمەتجان ئابدۇشۈكۈر، ئادىلجان ئەركىن، ئابدۇسالام ۋەلى، ئېلىجان قارى قاتارلىق 6 نەپەر ياشنىڭ 7 يىللىقتىن 12 يىللىققا قەدەر كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئۇ ئالغان ئۇچۇرلار ئارىسىدا 26 ياشلىق باقىھاجى خېلىلنىڭ 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە كۈنەستىكى قارا بۇغرا تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، باقىھاجىنىڭ يۇرتى ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر رايوندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلانغان» لىقىنى كۈچەپ بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە دوكلاتتا رايوندىكى 15 ياش ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بالىلارنىڭ 16 پىرسەنتىدە كەم قانلىق ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ نىسبەت، پۈتۈن خىتايغا سېلىشتۇرغاندىمۇ 23 پىرسەنت يۇقىرى ئىكەن. گەرچە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى كەم قان كېسەللىكىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالىلاردا 0. 11 پىرسەنت ئاشقان.

ئوزۇقلۇق سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى، تەدرىجىي ھالدا قىزىل قان دانچىسى كېمىيىپ كېتىش، قىزىل قان دانچىلىرى فۇنكسىيەسىنى يوقىتىش ئالامەتلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان كەم قان كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن.

دوكلاتنىڭ بىرىنى چاڭشا شەھىرىگە جايلاشقان جوڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شياڭيا دوختۇرخانىسىنىڭ پروفېسسورى سۇن خوڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەييارلىغان.

ئۇ، ئۆز تەتقىقاتىغا ئاساسەن: «ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئۇ يەردىكى چوڭلار ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈنگە كەلگەن.

ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى بۇ يىل فېۋرال «ساغلاملىق يۇمشاق ئىلمى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

BBC نىڭ «ھەقىقىي ھېكايىلەر» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

3-فېۋرال BBC قانىلىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي خورلاشلارغا دائىر ئېلان قىلغان خەۋىرى دۇنيانى لەرزىگە سالغان ئىدى. ئارقىدىن 8-فېۋرال ئەنگلىيەدىكى ئېسسېكىس ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى (Essex Court Chambers) نىڭ نوپۇزلۇق ئادۋوكاتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قانۇنىي ئىسپاتلارنى ئېلان قىلدى. ئىزچىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنىي ئىسپاتلارنىمۇ يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە داڭلىق رىياسەتچى رىتۇلا شاھ BBC رادىيو قانىلىنىڭ داڭلىق پروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان «ھەقىقىي ھېكايىلەر» پروگراممىسىدا «ئۇيغۇر رايونىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، بېيجىڭنىڭ يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا قانداق پىلانلىرى بار؟» دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا مەخسۇس توختالغان.

مۇنازىرىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم، خەلقئارالىق ئادۋوكات، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق قانۇن مەسلىھەتچىسى جون بېللىنگىر ئەپەندى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتېتى ئېللىئوت خەلقئارا ئىشلار ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس ئەپەندى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، ژۇرنالىست ۋە رىياسەتچى ئىسابىل خىلتون خانىم قاتارلىق تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە بېيجىڭدىكى «خىتاي ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى» ناملىق ئەقىل ئامبىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋىكتور گاۋ قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق 9 نەپەر جازا لاگېرى شاھىتىغا «جاسارەت مۇكاپاتى» بەردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

13-فېۋرال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا 9 نەپەر لاگېر شاھىتىغا «جاسارەت مۇكاپاتى» بېرىلدى.

د ئۇ ق 6-فېۋرال كۈنى تور ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىپ، 3 يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى بەرگەندىن كېيىن، 13-فېۋرال كۈنى داۋاملاشقان يىغىندا خىتاينىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە قورقۇتۇشىغا قارىماستىن جازا لاگېرلىرىدا بېشىغا كەلگەن ۋە كۆرگەن كۈلپەتلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتقان 9 نەپەر لاگېر شاھىتىغا «جاسارەت مۇكاپاتى» تارقىتىپ بېرىلدى. د ئۇ ق رەھبەرلىرى د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى، قۇرۇلتايغا ئەزا تەشكىلاتلار بىلەن قۇرۇلتاينى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، لاگېر شاھىتلىرى، د ئۇ ق نىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ 20 دۆلەتتىن 220 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان 13-فېۋرال كۈنىدىكى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا شاھىتلارغا ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن، ئاستىغا «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دۆلىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا كۆرسەتكەن جاسارىتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن خەت يېزىلغان لوڭقا بىلەن پۇل بېرىلدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا ئالدى بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ھازىرغىچە خەلقئارادا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلغان 9 نەپەر شاھىتقا، بۇ ھەقتە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن «جاسارەت مۇكاپاتى» نى بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...