ئابدۇللا ئارىش ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا «تەربىيەلەش مەركىزى» نامى ئاستىدا «جازا لاگېرلىرى» قۇرۇپ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى بۇ يەرلەرگە سولىغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلگەنىدى. نۆۋەتتە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل يوللار بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. بۇلاردىن بىرى ھازىر گېرمانىيەنىڭ شىتۇتتگارت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىدۇر. ئۇ، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن تارتىپ گېرمانىيەنىڭ بېرلىن، شىتۇتتگارت ۋە لۇدۋىگسبۇرگ شەھەرلىرىدە يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ،  خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان بېسىم سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. ئۇ، ھازىر گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك پائالىيەت ئۆتكۈزمەكتە. 

تەپسىلاتى...

ئابلىكىم يۈسۈپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكاغا يېتىپ كەلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2-ئاۋغۇست كۈنى قاتارنىڭ دوھا خەلقئارالىق ئايرودرومىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ۋىدىيولۇق قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغان ئابلىكىم يۈسۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى نەتىجىسىدە ئارىدىن 3 كۈن ئۆتۈپ ئامېرىكا تۇپرىقىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى.

ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ، ئۆزىنىڭ ھامان خىتاينىڭ پاراكەندىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن 31-ئىيۇل كۈنى كەچتە پاكىستاندىن ئايرىلىپ، بوسنىيەگە قاراپ يول ئالغان. ئەپسۇسكى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئابلىكىم بوسنىيە پايتەختى سارايېۋوغا چۈشكەندە، بوسنىيە تەرەپ ئۇنى چېگرادىن كىرگۈزمىگەن ھەمدە قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن قاتار پايتەختى دوھاغا قايتۇرۇلغان. ئۇ دوھا خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە قاتار دائىرىلىرى ئۇنى ئىككىنچى كۈنى، يەنى قاتار ۋاقتى 3-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 11:00 دە قاتار ئايروپىلانى بىلەن بېيجىڭغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، قولىغا ئايروپىلان بېلىتىنى بەرگەن.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

5-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا دېموكرات خىتاي ۋەكىللىرى، خرىستىئان ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

مەزكۇر ئۇچرىشىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇچرىشىش ئەتىگەن سائەت 11 دە باشلىنىپ، بىر سائەت داۋام قىلغان. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت بولغان. 

تەپسىلاتى...

«ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنياۋى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. 8-ئاينىڭ 2-3-4-كۈنلىرى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىشى دەل بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان جامائىتى قاتناشقانلىقى مەلۇم. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن سەككىز كىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالتە كىشىلىك بىر ھەيئەتمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر يىغىنغا يەنە ئەنگلىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، برازىلىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق 37 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان. 

تەپسىلاتى...

بوسنىيەدىن قاتارغا قايتۇرۇلغان ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ تەقدىرى خەۋپ ئاستىدا قالغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ئابلىكىم يۈسۈپ بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن قاتاردىن بوسنىيەگە ئۇچۇپ بارغان. ئەمما بوسنىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئابلىكىمنى ئايروپىلان بىلەن يەنە قاتارغا قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇ دوھا خەلقئارالىق ئايرودرومغا يېتىپ كەلگەندە قاتار دائىرىلىرى ئۇنى تۇتۇپ قالغان ۋە ئىككىنچى كۈنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئابلىكىم دوھا خەلقئارالىق ئايرودرومدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن. خىتاي لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇر كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىتنىڭ تۈركىيەدىكى كۈيئوغلى ئارسلان ھىدايەت دەرھال ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ مۇراجىئىتىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن ئابلىكىمنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان.

تەپسىلاتى...

زاۋا يېزىسىدىكى لاگېرغا قامالغانلاردىن تۇنجى بولۇپ 75 ياشلىق مەتروزى جۈمەنىياز «ئوقۇش» پۈتتۈرگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاتالمىش «تەربىيىلەش» تىكى «90 پىرسەنت كىشىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى» ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدىن «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەن بىر قانچە مىڭ كىشى ئىچىدىن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا تۇنجى بولۇپ بىر كىشىنىڭ لاگېردىن چىققانلىقى ئايدىڭلاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشى زاۋا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ پېنسىيونېرى 75 ياشلىق مەتروزى جۈمەنىياز بولۇپ، ئۇ خىتايچىنى ياخشى ئۆگەنگەنلىكى ۋە يانپاش سۆڭىكىدىن مەسىلە چىقىپ جايىدا ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قولىغا «تەربىيەلەشنى پۈتتۈردى» دەپ گۇۋاھنامە بېرىلگەن ۋە لاگېرىدىن قويۇۋېتىلگەن.

تەپسىلاتى...

خوتەن ۋە قۇمۇلدىكى يەرلىك كادىرلار 90 پىرسەنت كىشىنىڭ لاگېردىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى رەت قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈنۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش» تىكى كىشىلەردىن 90 پىرسەنتىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە خوتەننىڭ بۇزاق يېزا 1-كەنتتىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن 250 كىشىدىن ھازىرغا قەدەر ئوبۇل ياسىن ئىسىملىك بىرلا كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، قۇمۇلدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن لاگېرغا ئەكىتىلگەن 100 چە كىشىدىن پەقەت 3 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ ۋىلايەتتە بىر ئايدا پەقەت 30 ئەتراپىدا كىشىنىڭ لاگېردىن چىقىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

تەپسىلاتى...

«يەركەن قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئابابەكرى مۇھەممەتنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولغان؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2014-يىلىدىكى «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە پەقەتلا 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق مۇستەقىل تاراتقۇلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئابابەكرى مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى «ۋەقە ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان» «چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان ھەمدە ئۇنى تېلېۋىزوردا سۆزلىتىپ، ئۆز «جىنايىتى» گە توۋا قىلدۇرغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

«زىمىستان» تورى: «ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى، زىيالىيلار ۋە سەنئەتكارلار ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بولماقتا.

يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۇ يەردە ئۆلگەنلىكى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىۋاتقان بىر چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ نارازىلىقلىرىغا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ لاگېردىكى 90 پىرسەنت تۇتقۇننى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى 30‏-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماشتەك «قايتا تەربىيەلەش» پروگراممىسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى، رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 30‏-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 90 پىرسەنت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ھەر ئىككى شەخس قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كونكرېت سانىنىڭ قانچە كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

تەپسىلاتى...