خىتاينىڭ يېڭى ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» ناملىق 137 بەتلىك مەخپىي ھۆججەت خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق بوستان ئىجتىمائىي رايونىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توپلىغان ئارخىپى بولۇپ، مەزكۇر ئارخىپ بۇ تەۋەلىكتىكى 650 دىن ئارتۇق ئائىلە ۋە ئۇنىڭدىكى 300 دەك ئۇيغۇر پۇقراسىغا چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدا بۇ تەۋەلىكتىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، يۈرۈش-تۇرۇشى، ئىپادىسى، خاراكتېرى، كىملىك نومۇرى، كەسپىي، چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسمى، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان ۋە كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسمى، قامىلىش ھەم كېسىلىش، لاگېرلارغا قايتا ئەۋەتىلىش سەۋەبى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسىلاتلار خاتىرىلەنگەن.

ئۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا يوللانغانلىقى ياكى كېسىلگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا، «گۇمانلىق ۋە ئىشەنچسىز» دەپ قارالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى، تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى، ساقال قويغانلىقى، ھىجابلانغانلىقى، پاسپورت ئالغانلىقى، چەتئەلگە چىققانلىقى ۋە دىنىي يۈزلىنىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ خاھىشلارنىڭ ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشى ياكى كېسىلىشىنىڭ يېتەرلىك «جىنايى دەلىلى» دەپ قارالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ھۆججەت 17‏-فېۋرال كۈنى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم زور غۇلغۇلا قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلار دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، بۇ ھۆججەت كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىغا دائىر مۇھىم دەلىل بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇ، 18‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز، بۇ ھۆججەتتىن بىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئېلىپ بارغان بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلىرىمىزنى مۇھىم دەلىل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆردۇق. بىرلەشمە جەڭ سۇپىسىغا ئوخشاش تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ قاچان، قەيەردە، قايسى رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشىدەك قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇ، كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش-قىلماسلىققا قارار قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەزكۇر ھۆججەت ئىنتايىن مۇھىم دەلىل بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىش جەھەتتىكى كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھۆججەتنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تەمىنلىگەن بولۇپ، نوپۇزلۇق ژۇرنالىستلار ۋە غەربلىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ مەزكۇر ھۆججەتنى تەكشۈرۈشى، تەتقىق قىلىشى ئارقىسىدا ئۇنىڭ چىنلىقى مۇقەررەرلەشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى ئۇلار ئىگىلىگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن بۇ ھۆججەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قانچە ئەزالىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى. مەن ئۆزۈم بۇ ھۆججەتنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يېزىلغانلار بىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ كىشىلەرنى نازارەت ۋە تەقىب قىلىش ساقچى يۇمتالى، دېگەنلەر. شۇڭا، بۇ ھۆججەتنى بىز ئېرىشكەن باشقا ھۆججەتلەر بىلەن سېلىشتۇرساق ئۇنىڭ پۈتۈنلەي چىنلىقىنى ئېيتالايمىز. كىشىلەرنىڭ بۇ ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىگە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.»

ساراھ كۇك بۇ سۆزلەرنى 18‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دە ئۇنىڭدىكى كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى ئاشكارىلانغان. ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «سىز بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولغان يەنە بىر مەسىلە، بۇ ھۆجەتتىكى باھالاشتا كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. مېنىڭچە سىز ئۇنىڭدىن شۇ نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيسىز، ئۇنىڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق خاھىشى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئەكسىچە ئۇنىڭدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار، ناماز ئوقۇغانلار، چەتئەلگە چىققانلار، پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغانلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. دېمەك ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن خاھىشلار زوراۋانلىق ئەمەس.»

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر مەزكۇر ھۆججەتنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ 18‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھۆججەت خىتاينىڭ «بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇلاردىكى رادىكاللىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تەربىيەلەۋاتىمىز، دېگەن يالغان گېپىنى ئاغدۇرۇۋەتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئاسىيە ئۇيغۇر ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئاشكارىلىغان لاگېرلار ھەققىدىكى 20 نەچچە بەتلىك مەخپىي ھۆججەت دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. ئۇ، ئۆتكەن قېتىمقى ھۆججەت بىلەن بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانماقتىكەن. ئۇ، باشقا دۆلەتلەرگە قويۇلغاندەك خىتايغىمۇ ئوخشاش ئۆلچەم قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇ، باشقا دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلسا قويىدىغان ئۆلچەم ئوخشاشلا خىتايغىمۇ قويۇلۇشى كېرەك. دۇنيانىڭ ئىنكاسىنى قويۇپ تۇرۇپ، شۇنى ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ئامېرىكا بىر مىليون مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلغان بولسا قانداق بولاتتى؟ گېرمانىيە، ياپونىيە، مېكسىكىچۇ؟ بىز ھازىرغىچە بۇ ئىشتا جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ، جازالاشنى ئەمەس، تېخىچە بۇ ئىش بولدىمۇ-بولمىدىمۇ، دېگەننى مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز. چۈنكى، خىتاي خەلقئارا سىستېمىدا بەك كۈچلۈك. ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز مۈشكۈلگە توختاۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇنى ھۆكۈمەتلەر قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلۇشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ قويۇشى كېرەك.»

مەزكۇر ھۆججەت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى. ۋاڭ يى ئۆتكەن جۈمە كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكۇ مائاس بىلەن ميۇنخېندا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جازا لاگېرى ۋە بىر مىليون ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي «ئۆسەك سۆز» ھەم «ساختا خەۋەر» دېگەن.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: مېنى قەستلەپ بىرلىرى ئۆيۈمگە ئوت قويغان بولۇشى مۇمكىن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قازاقىستاندىكى «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» گۇرۇپپىسىدىن 15-فېۋرال بىر جىددىي ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدۇق. قازاق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرىكجاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 14-فېۋرال جۈمە كۈنى يېرىم كېچىدە، لاگېر شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ قورۇسىدىكى قوتانغا ئوت كەتكەن. بۇ پەيتتە ئۆيدە تۇرسۇنئاي ۋە ئۇنىڭ يولدىشى خالمىرزا خالىقتىن باشقا خالمىرزانىڭ سىڭلىسى بىلەن جىيەنىمۇ ئۇلار بىلەن شۇ ئۆيدە ئىكەن.

بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىنى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئۆزىدىن ئاڭلىغاندا، ئۇ، بۇ ۋەقەنىڭ ئاددىيغىنا بىر ئوت ۋەقەسى ئەمەسلىكى، ئۆزىنىڭ بۇنى قەستەن قويۇپ بېرىلگەن ئوت دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇرسۇنئاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ چېلەكتىكى بۇ ئۆيىگە ئوت كەتكەن پەيتتە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى قاتتىق ئۇيقۇدا ئىكەن، ئىشىك سىرتتىن ئارغامچا بىلەن ئاچالماس قىلىپ باغلىۋېتىلگەنىكەن. يولدىشىنىڭ قاتتىق بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىشى بىلەن ئۇلار قوتاندا ئوت كۆيۈۋاتقانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە دەرھال ئويغىنىپ، سىرتقا قېچىشقا تەمشەلگەن بولسىمۇ ئىشىك ئېچىلمىغان، چۈنكى ئىشىك سىرتتىن باغلىۋېتىلگەن. ئوت بارغانچە ئۆيگە يېقىنلاپ تۇتۇشۇپ ماڭغانچە ئۇلارنى قورقۇنۇچ باسقان. تۇرسۇنئاينىڭ ئېرى ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن پىچاق ۋە قايچىلار بىلەن ئارغامچىنى كېسىپ جان قۇتقۇزۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدىگەن، قېيىن سىڭلىسى بىرلىرىدىن ياردەم ئىزدەش ئۈچۈن تەمتىرەپ تېلېفون بىلەن ئالدىراش بولغان.

تەپسىلاتى...

پەيزىۋاتتىكى كەنت كادىرى: «قامال سەۋەبلىك ‹تەربىيەلەش› تىن كېسەل چىققان ئابلىز ياسىننىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇم بولۇشىچە، پەيزىۋاتتىكى بىر لاگېردا بوينىغا قورقۇنچلۇق بىر ئۆسمە چىقىپ قېلىپ، 3 ئاينىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن ئابلىز ياسىن دوختۇرخانىغا بېرىپ-كېلىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك كوچىلار قامال قىلىنىپ، دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئامالسىز قالغان ۋە داۋالىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ بوينىدىكى ئۆسمە كۈندىن‏-كۈنگە يوغىناپ، نەپەس ئېلىش ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولغان. ئۇ ئولتۇرۇشلۇق شاپتۇل يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ھاياتى نۆۋەتتە ئېغىر خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتىكەن

ئىنكاس قىلىنىشىچە،» ۋۇخەن ۋىرۇسى «سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان جىددىي ھالەت، يەنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي قاماققا ئېلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» قاپلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دا بايان قىلىنغان جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار كەڭ ئورۇن ئالدى.

17-فېۋرال كۈنى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دا «ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» ناملىق زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغانىدى. 18-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدىكى بارلىق داڭلىق گېزىتلەر، تېلېۋىزىيەلەر ۋە تورلارنى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ مەزمۇنى ھەم جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلار قاپلىدى.

18-فېۋرال كۈنى «NTV» تېلېۋىزىيە قانىلى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالاشتىكى دائىملىق ئادەتلىرى»، جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى: ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ يېڭى دەلىللىرى»، «فوكۇس» تېلېۋىزىيە قانىلى «ساقال ۋە ئىبادەت شۈبھىلىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك. مەخپىي ھۆججەت خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ قانداقلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى» ھەمدە «تۇتقۇنلارنىڭ مەخپىي تىزىملىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەقسەتلىك باستۇرۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى»، دۆلەتنىڭ 1-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «ARD» قانىلى «ئىبادەت، ساقال ياكى يۈزىنى ئوراش خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب بولىدۇ» دېگەن ماۋزۇلاردا خەۋەرلەر ئېلان قىلدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل بولۇش نىسبىتى 96 پىرسەنتكە يەتكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدە نەشىر قىلىدىغان «دۇنيا گېزىتى» ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

16-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا گېزىتى» گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ «كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىدارىسى» نى زىيارەت قىلىپ، 2019-يىلىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتايلارنىڭ پاناھلىق تىلەش مەسىلىسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 16-فەۋرال «دۇنيا گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ ئىشلىگەن «گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلىگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلى بىر ھەسسە ئاشتى» ناملىق  خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2018-يىلى گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي پۇخرالىقىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتايلارنىڭ ئومۇمى سانى 447 كىشى ئىكەن. 2019- يىلى بىر ھەسسە كۆپىيىپ، 962 كىشىگە ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 193 كىشىگە يەتكەن. 2018-يىلى گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاران 68 كىشى بولغان.

تەپسىلاتى...

ب د ت دا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

جەنۋەدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت، قۇرۇلتاينىڭ ئىشخانا مۇدىرى زۇمرەت ئۇيغۇر، قۇرۇلتاينىڭ بېرلىندىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئېۋا خانىم ھەمدە قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ياشار قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت دا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى توغرىسىدا ب د ت خادىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۇ زىيارىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىشقا ئىككى ھەپتە قالغان بىر پەيتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

تەپسىلاتى...

چاۋۇشوغلۇ: «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشتۇق»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 56-نۆۋەتلىك خەۋپسىزلىك يىغىنى جەريانىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ تۈركىيەدىكى «ئا خەۋەر» تېلېۋىزيەسىگە بەرگەن باياناتىدا ۋاڭ يى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. دۆلەت رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيەدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېيجىڭغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقراسى، ئۇلارنىڭ خىتايدا بارلىق كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە پاراۋان ياشىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭ تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ 15-فېۋرال كۈنى ميۇنخېندە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي رەئىسى تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلغانىدى. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 3-يىغىنىدىمۇ ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىمىز بۇنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاي بىزدىن بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلغانىدى. بىز بېرىپ قەيەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى ھەققىدە تەلەپلىرىمىزنى تەييار قىلدۇق. ئەگەر بۇ تەلەپلىرىمىزنى خىتاي قوبۇل قىلسا بارىمىز، بولمىسا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.»

تەپسىلاتى...

ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزدىن باشقا تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئورتاق دەۋاسى بولۇشى كېرەك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭمۇ دەۋاسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ زېمىن خىتايلارنىڭ زېمىنى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ زېمىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ مەسىلىمىزدۇر. بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشى بىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە تۈركىيەدىكى بەزى گۇرۇھلارنىڭ «بۇ ئامېرىكانىڭ ئويۇنىدۇر، ئامېرىكا تەرەپ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن ‹ئۇيغۇر كوزىرى› نى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتىن يىراق بىر گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان تارىخ 1884-يىلى ئىدى. ئامېرىكىلىقلار ۋە غەربلىكلەر ئۇ يەردە يوق ۋاقىتتا بۇ مەسىلە بار ئىدى. بۇ مەسىلە بۈگۈن ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەسىلە ئەمەس. يەنى بۇ مەسىلە ئامېرىكا قوللانغان بىر مەسىلە ئەمەس. بىراق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى غەربتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز زۆرۈر. چۈنكى باشقا دۆلەتلەردە بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق. بىز 1998-يىلىدىن كېيىن بۇ دەۋانىڭ مەركىزىنى تۈركىيەدىن غەربكە يۆتكىدۇق. چۈنكى غەربنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلان دەپ قارىدۇق.»

تەپسىلاتى...

مىرئادىل كارانتىن قىلىنغان ئاتۇشتىكى «6‏-رايون» نىڭ لاگېرغا يېقىن ئورۇن ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

10-يانۋاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئاتۇشتا مىرئادىل نۇرئەخمەت ئىسىملىك بىر ياشنىڭ بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى گۇمانى بىلەن «6‏-رايون» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا «6‏-رايون» نىڭ ئىلگىرى لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. خەۋەر ئارخىپلىرىمىزنى ئاختۇرۇشىمىز جەريانىدا ئاتۇشتا جەمئىي بەش لاگېر بارلىقى، بۇ بەش لاگېرنىڭ بىرى ئوتتۇرىدا، قالغانلىرى ئۇنى چۆرىدىگەن ھالدا يېقىن ئەتراپتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

بىز ئاتۇشتا مىرئادىل نۇرئەخمەت ئىسىملىك بىر ياشنىڭ «6‏-رايون» دېگەن جايدا كارانتىن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ ئورۇننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە نېمە ئىش قىلىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالاقىدار خادىملاردىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (كورونا ۋىرۇسى) نىڭ لاگېرغا تارقىلىش خەۋپى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئادىلجان قاتارلىق بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئوسلودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق نورۋېگىيەدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈچلەرنى، يەنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلارنى نازارەت قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە يەرلىك خەلقلەرنىمۇ تەقىب قىلىۋاتقانلىق مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان.

تەپسىلاتى...