ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر 2016-يىلى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى
ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
2016-يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلار 2016-يىلدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ھەققىدە خۇلاسە-باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2016-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، 2016-يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
29-دېكابىر كۈنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىلەر رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2016-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى.
تەپسىلاتى...