يوللانغان ۋاقتى:2021-01-07| سەھىپە: ئۇيغۇر خەۋەرلىرى جازا لاگېرلىرى خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستان خەۋىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قەلبىنۇر سىدىقنىڭ سابىق ئېرى تۇرسۇن ئىسمائىل بىلەن ۋىدېودا كۆرۈشكەن كۆرۈنۈشى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا 3 مىليونغا يېقىن بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولىغاندىن باشلاپ، لاگېردىن تىرىك قۇتۇلۇپ چەتئەللەرگە چىقالىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا قارىماي، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق نازارەت ۋە سىياسەت ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرى پاش قىلىپ كەلمەكتە.
بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ دۇنيا ئاخباراتى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ھەمدە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا ئۆزىنىڭ جازالاش لاگېرلىرىدا ئۇچرىغان زۇلۇملارنى پاكىتلىق ئاڭلىتىشى، خەلقئارادا خىتاينى «قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەش ئاۋازىنىڭ كۈچىيىشىدە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلدى. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چەتئەللەردە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار ئىلگىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت، ياش پائالىيەتچىلىرىدىن فۇرقەت جەۋدەت ۋە ئەرەفات ئەركىن قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇلارغا قارشى سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تاراتقۇلارغا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە رەددىيە بەرگۈزۈپ، مەخسۇس خەۋەرلەر تارقاتقانىدى.
گوللاندىيەدە پاناھلانغان لاگېر شاھىتى، سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغانچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ ئەمدى قەلبىنۇر سىدىقنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر 2-ئايدا، ئۆزىنىڭ قەلبىنۇر بىلەن ئاجراشقانلىقىنى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ ئالاقىسىنى ئۈزگەن ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئېرى، تەڭرىتاغ رايونلۇق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تارماق شىركىتىدىكى تۇرسۇن ئىسمائىل، بۇ يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىش ھەققىدە ئۇچۇر ئەۋەتكەن. تۇرسۇن ئىسمائىلنىڭ «مېنى ئويلىمىساڭمۇ قېرىنداشلىرىڭنى ئويلاپ قوي. . .» دېگەندەك تەھدىتلىرى تەسىرىدە، قېرىنداشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىگەن قەلبىنۇر ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا ۋېدىئولۇق كۆرۈشكەن. تۇرسۇن ئىسمائىل ئۇنىڭغا شەھەرلىك تارماقلارنىڭ مەھەللە ساقچىلىرى بىلەن 2020-يىلى 19-دېكابىر كەچ سائەت 8 دىن 12 غىچە مەخسۇس ۋېدىئوغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
تەپسىلاتى...