تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قىسىم تۈرك رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

turkiyedikiler-bilen-sohbet-11022017يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتى تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قاتارلىق تۈرك خەلقلەرگە تارتىلدى. مەتبۇئاتلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنى ئىشىد ياكى دائىش دەپ تونۇلغان تەشكىلاتقا چېتىپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تېگىش ئەندىشىسى كۈچىيىشكە باشلىدى.

تۈركلەر راستىنلا ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرۈشكە باشلىدىمۇ؟ بىر تېررورچىنىڭ سەۋەبىدىن بىر خەلقنى ياكى بىر مىللەتنى ئەيىبلەش توغرا بولامدۇ؟ تۈرك رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور مۇرات كوترا ۋە ئىستانبۇلنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيىسى سالاھىدىن ئۆزدەمىر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

فاتىمە تۇنجەر : شەرقىي تۈركىستاندا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟

تۈركىستان ۋاقتى، 2017- يىلى 5- فېۋرال

سىياسىي ساھەدە تەڭپۇڭلۇقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. 15- ئىيۇل(سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى- تەرجىماندىن)دىimg_thumbن كېيىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن ئارىلىقىغا مۇساپە قويغان سىياسىي ئىرادە بۇ كۈنلەردە يۆنىلىشىنى رۇسىيە ۋە خىتايغا بۇرىغان بىر ھالەتتە. سۈرىيە مەسىلىسىدە ئورتاق بىر تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ، ئا ق ش باشچىلىقىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

يېقىنقى مەزگىللەردە، چۇلۋۇرىنى خىتاي تۇتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى بەلگىلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، 2017- يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۈركىيەنىڭ ئۆتەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. لېكىن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقتتا بىز بىر ھەقىقەتكە سەل قاراۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان…خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا، مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈستىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشلەر (3)

تۈركىستان ۋاقتى، 2017- يىلى 3- فېۋرال

img_thumb-3

ياردەمچى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت

ئافغانىستاننى تاللاشنىڭ سەۋەبلىرى

كۆچۈشنىڭ تۇنجى بېكىتى ئافغانىستان بولغان. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئافغانىستان بىلەن چېگرالىناتتى.  كۆچمەنلەر كارۋىنى ھىمالايا تاغلىرى ۋە پامېر ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ ئافغانىستانغا كېلىدۇ. بۇ كۆچمەنلەر توپى شۇ زاماننىڭ قاتناش قورالى بولغان ئات، ئېشەك، تۆگە ۋە قېچىلارغا مىنىپ، بۇنى تاپالمىغانلار بولسا پىيادە مېڭىپ، ئۈچ ئايلىق مۈشكۈل سەپەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن ئافغانىستانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئافغانىستاندا دەسلەپتە كابۇل، خانئابات، بەدەخشان ۋە قۇندۇز قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە ئورۇنلىشىدۇ.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشلەر (2)

تۈركىستان ۋاقتى، 2017- يىلى 3- فېۋرال

img_thumb-2

ياردەمچى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت

1990- يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر كۆچۈش ھەرىكىتى

خىتاي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۇنياغا ئىشكىنى تاقىۋالغان ئىدى. خىتايدا 1976- يىلى ماۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن 1978- يىلىدىن ئىتىبارەن ئېچىۋېتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىنىدۇ. 1980- يىللاردىن كېيىن، يېقىن – يۇرۇقلىرى بۇرۇن چەتئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلايدۇ. 1990- يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك تارىخى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. ئۇيغۇرلار قوشنا دۆلەتلىرى بولغان پاكىستان، ئافغانىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستان، شۇنداقلا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشقا باشلايدۇ. سودا – تىجارەت ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ياشلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كۈچىيىشكە باشلايدۇ.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشلەر (1)

تۈركىستان ۋاقتى، 2017- يىلى 3- فېۋرال

img_thumb-1

ياردەمچى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ پاكىستان ۋە ھىندىستانغا كۆچۈشى 1930- يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلىنىدۇ. بۇلار 1940 تىن 1950- يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ھىندىستان ۋە پاكىستانغا ماسلىشىدۇ، ھەتتا يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ ياردىمىگىمۇ ئېرىشىدۇ. لېكىن، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ئەركىن ھېس قىلالمايدۇ. بۇ سەۋەبلىك، پۈتكۈل ئارزۇسى يىلتىزى ۋە تارىخى ئوخشاش بولغان تۈركىيگە كۆچۈپ بېرىپ، يېڭى ئەۋلادلىرىنى ئۇ يەردە چوڭ قىلىش بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆچۈشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى تۈركىگە كۆچۈش ھەرىكىتى شەكىللەندۈرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن، ھىندىستاندىكى تۈركىيە باش ئەلچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىپ، تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىش تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدۇ. لېكىن، ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ھەم ئەينى ۋاقتتىكى مەسىلىلىرىنى تېخى ھەل قىلىپ بولالمىغان تۈركىيە، يېڭى كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش شارائىتىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك بۇ تەلەپنى رەت قىلىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1950- يىلى فېۋرالدا، بىر تىزىملىك تەييارلىنىپ تۈركىيەنىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى نەبىل باتۇغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىش ئارزۇسى يەتكۈزىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

غۇلجا شېھىتلىرىنى ئەسلەپ

تۈركىستان ۋاقتى، 2017- يىلى 3- فېۋرال

img_thumb

يانۋار ئېيى ئاخىرىلىشىۋاتقان، لېكىن سوغۇقنىڭ تەپتى تېخى بېسىلمىغان، بەزىدە سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان شامىلى ۋە قېلىن قارلىرى بىلەن قىشنىڭ تېخى چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى ئادەمگە ئەسلىتىپ تۇرىدىغان بۇ كۈنلەردە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم بىر كۈننى، مۇھىم بىر ۋەقەنى خاتىرىلەش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى. بۇ كۈن 5- فېۋرال كۈنى بولۇپ، 2017- يىلى 5- فېۋرالغىچە بۇنداق كۈندىن، بۇنداق قىشتىن ئونتوققۇزى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇيغۇر ۋەتىنى ئونتوققۇز قىش، ئونتوققۇز باھار، ئونتوققۇز ياز ۋە ئونتوققۇز كۈزنى باشتىن كەچۈردى. لېكىن ئۇيغۇرنىڭ يۈزى نە ياز، نە باھار كۆرمىدى، كۈز تېخىمۇ ئۇزاقتى ئىدى. ئۇنىڭ بېشىنى بوۋايلارنىڭ چېچىدەك ئاقارتىۋەتكەن قار ئۇچقۇنلىرى كۆپەيسە كۆپەيدىكى ئازلاپ باقمىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق خاتىرە كۈنلىرى كۆپيىۋەردى. 5- فېۋرالدىن كېيىن 5- ئىيۇل، ئۇنىڭغا ئۇلىشپلا 28- ئىيۇل يەنە قانچىلىغان كۈنلەر  ئۇيغۇرنىڭ خاترىسىگە بىر – بىرلەپ پۈتۈلدى. بۇ ئەسلىمىلەر ھەم ئاچچىق ھەم شانلىق ئىدى.

تەپسىلاتى...