ئابدۇۋەلى ئايۇپ : ئۇيغۇر سادام

ر ف ئا يازمىسى
2017 – يىلى 15 – مارت

abduweli-ayup-305

90-يىللاردىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى بولغان مەزگىل ئىدى. مەھەللە دوقمۇشلىرىدا، كىشىلەر يىغىلغان سورۇندا سادامنىڭ باتۇرلۇقى، «كاپىرلار» بىلەن تىز پۈكمەي جەڭ قىلىۋاتقانلىقى ھېكايە قىلىناتتى. ئازراق دىنىي ساۋاتى بولغانلار ۋە گەپدانلار بۇ ھېكايىگە ئايەت-ھەدىسلەرنى قوشۇپ جانلاندۇراتتى. قۇلاق موللىسى بولۇپ كۆنگەن جامائەت ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلىق تالىشىش، كۈچ سىنىشىش ۋە تاجاۋۇزچىلىق تىپىدىكى ئۇرۇشنى ئاددىيلا قىلىپ «مۇسۇلمان» ۋە «كاپىر» لارنىڭ قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ئۇرۇشلىرىنىڭ بىرى دەپ خۇلاسىلىشەتتى. شۇڭلاشقا سادام تەبىئىيلا مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىپ تەرىپلىنەتتى. ھەتتا بالىلارغا «سادام» دەپ ئىسىممۇ قويۇلغان ئىدى. شۇ يىلى ناھىيىدىكى بەزى جامائەت ئىراققا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاشلىق توپلىغان بولۇپ يەرلىك ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئالالماي ئەۋەتەلمىگەن ئىكەن. شۇ يىللاردا ناھىيىدىكى ئازنا مەسچىتتە پار يوق ئىدى. (ھازىرغىچە يوق ئىكەن). ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان تالىپ قۇرداشلار دائىم ئۆپكىسىگە سوغۇق تەگكۈزىۋالامدۇ، قىشىچە ئۇلارنىڭ ھەر جۈمە بەس-بەستە يۆتەلگىنىنى ئاڭلايتتىم. مەسچىتكە ئوت قالانمىغاچ جۈمە خۇتبىسىدە پۇتلار مۇزلاپ كېتەتتى. شۇ سوغۇقنىڭ ئاچچىقىغا پايلىماي سادامغا ئاشلىق يىغقاندىن مەسچىتكە كۆمۈر يىغساقچۇ، دەپ غۇدۇرىغىنىم ئېسىمدە.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: جىم تۇرۇۋېلىش تاكتىكىسى

ر ف ئا يازمىسى
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

abduweli-ayup-305

2016-يىلى داڭلىق يازغۇچى ۋە تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن، تور يازغۇچىسى تۇرسۇنجان مۇھەممەت مارشال، يازغۇچى تۇنىياز ئوسمان، تور ساھىبى ئادىل رىشىت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەد، ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار قولغا ئېلىندى. بۇلاردىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ۋە تۇرسۇنجان مۇھەممەت مارشال ھەققىدە ئايرىم خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، قالغانلارغا ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلار ھېلىمۇ مەتبۇئاتتىن مەخپىي تۇتۇلماقتا ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خەۋەرنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە چاقىرىقلارمۇ ئېقىپ يۈرمەكتە.

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن بىللە تۇتۇلغان، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا «كىملىكى ئېنىقلانمىدى» دېيىلگەن، بوزقىر تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئىسمى ئادىل رىشىت بولۇپ مائارىپ نازارىتىدە ئىشلەيتتى. بوزقىر تورى، قاماقتىن چىققىنىمنى تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلغان، يازمىلىرىمنى توختىماي ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. مەن يۇقىرىقى زىيالىيلارنىڭ رەسىملىرىنى، ئەسەرلىرىنى، نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى، نەگە قامالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. ئەمما ماڭا يەتكۈزگۈچىلەر جاھانغا يەتكۈزۈشۈمگە رۇخسەت قىلىشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرنىڭ پىچاق بىلەن قىلىۋاتقان قارشىلىقى ئالەمگە ئايان بولۇپ، قەلەم بىلەن قىلىۋاتقان كۈرىشى ئەركىن ئاخباراتتىن مەھرۇم، يىراق بوزقىرلارغا كۆمۈلگەن پېتى قالدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى» ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلمىغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10 – مارت

5d11030f-e47f-4f11-a3d8-7dcbcaab28ad

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئىككى قۇرۇلتىيىغا ئائىت خەۋەرلەردە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن مەزكۇر ئىستراتېگىيىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا بۇنى رەت قىلىپ، بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەتكە قېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۈشەنبە كۈنى «يولنىڭ ئاخىرى : بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادتا چەتكە قېقىلىشىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ مېڭىشى» ناملىق بىر يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات دەل بېيجىڭدا چاقىرىلىۋاتقان ئىككى يىغىنىدا خىتاي رەھبەرلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قاتتىق تەكىتلەۋاتقان، شۇنداقلا قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نىڭ ئۆزلىرىگە ئەپ كېلىدىغان پايدىسىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: كەمسىتىلگەن كەسىپ ۋە «ئۇلۇغ» بېقىندىلىق (2)

ر ف ئا يازمىسى
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

31e12165-2bc2-4946-b1c0-17889a713a46

ئەزھەردىكى ئۇيغۇر تالىپلارغا ئىلاھى ئىلىم ئىگىلەشنى نىشان قىلىش بىلەنلا قالماي، كۈندىلىك پىلان تۈزۈپ ياشاش ۋە جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان بىر كەسىپ ئۆگىنىش ھەققىدە لېكسىيە قىلدىم. بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبەم بويىچە مۇساپىرەتتىكى ھاياتتا مەندەك ئەدەبىيات، تارىخ ۋە تىلشۇناسلىق بىلىدىغان بىر ئادەمگە قارىغاندا تامچىلىق، بېزەكچىلىك، كومپىيوتىرچىلىق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ بەكرەك ياخشى كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر ئوقۇش ھاياتىمدىن پۇشايمان قىلىشقا توغرا كەلسە بىر كەسىپنى قوشۇپ ئۆگىنىپ قويمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىمنى دېدىم. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بۇ گېپىمگە رەددىيە بېرىپ، دىن ئوقۇشىنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، مىسىرغا جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان كەسىپ ئۆگىنىشكە كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ:كەمسىتىلگەن كەسىپ ۋە «ئۇلۇغ» بېقىندىلىق (1)

ر ف ئا يازمىسى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى

4f994a25-9431-4ddb-b681-33cb4f4041ab

پات-پات غايىلىك، تىرىشچان، ئىستىقباللىق ئىنى-سىڭىللارنىڭ خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالىمەن. ئۇلار كۆپىنچە نەدە ئوقۇش ۋە نېمە ئوقۇش ھەققىدە مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇلارغا يارىغۇدەك مەسلىھەت بېرەلىسەم ئۇتۇق قازانغاندەك ھېس قىلىپ ھاياجانلىنىمەن.

تۈنۈگۈن تۈركىيەدىكى بىر ئىنىمىز ياردەم سوراپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا: «ھازىر تورلاردا، خۇتبىلەردە ۋە سۆھبەتلەردە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر ھەققىدە ھەمىشە بىر بىرىنى ئەيىبلەشلەر، شوئارلار، باھانىلەر كۆپ، لېكىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە بىرەر تىرىشچانلىق، ھەرىكەت ياكى ئەمەلىي پىلان يوق. مەن ئالدىنقى سەپتىمۇ، خەتەرلىك سەپەردىمۇ بولۇپ باقتىم. ئەمما ئەقىدىگە لايىق بىر ئەمەلگە، نەتىجىلىك ئېلىنغان بىر قەدەمگە شاھىت بولالمىدىم. مۇھاجىرلىرىمىز ئېتىقادلىق بولغان بىلەن بىلىمسىز، ئىقتىدارسىز بولغاچ ئىقتىسادتا خەقنىڭ قولىغا قاراشلىقكەن. ئۇلار بەرىكەتسىز ئىستانبۇلدا پۇلسىز، ئاچ-توق يۈرۈۋاتىدۇ. ھازىر مەن قانداق قىلىپ ئۈممەتنى قۇتقۇزارمەن، قانداق قىلىپ ئاللانىڭ رىزالىقىنى ئالارمەن، دەپ كاللام قاتتى، بىرەر پىلان تۈزۈپ بېرەرسىزمۇ؟»، دەپتۇ.

تەپسىلاتى...

ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ ھاياتى (2)

ر ف ئا يازمىسى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى

0f7c064f-7075-4ade-8f18-877326d21c63

ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى ئەيسا ئەپەندىنىڭ ۋەتەن دەۋاسىغا بولغان بەدىلى سەۋەبلىك غۇربەتچىلىك، موھتاجلىق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە ئۆتكەن.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۆزى دۇنياغا كەلگەن خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان لەنجۇ شەھىرىدە 9 يېشىغىچە ھايات كۆچۈرىدۇ.

باشلانغۇچ تەربىيىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى شۇ يەردە باسىدۇ. دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ چاغدا ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەشەببۇسى ھەمدە بۇ زىيالىيلارنىڭ شۇ زاماندىكى مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئەرزلەر سۇنۇشى نەتىجىسىدە، خىتاي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مۇجادىلىسىنى داۋام قىلدۇرىدۇ.

تەپسىلاتى...

يۈجەل تاناي: «مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسىمەن»

ر ف ئا يازمىسى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى

c1d09044-4531-45be-b1c2-c3a5e5b49317

تۈركىيەگە تور كىرگەن 1993-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە يېزىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى ژۇرنالىست يۈجەل تاناي ئەپەندى، كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بېرى، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەر ھەپتىدە بىر پارچە ماقالە يېزىۋاتماقتا. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر تەتقىقاتچى ژۇرنالىست بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بېرى ھەر قايسى گېزىت، ژۇرناللار، تور گېزىتلىرىدە كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن دىققەت بىلەن ئوقۇلماقتا.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۈجەل تاناي ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە تور كەلگەندىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە يېزىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالە سانى ناھايىتى كۆپ. تور تۈركىيەگە كىرگەندىن بېرى بۇ ھەقتە ماقالە يېزىۋاتىمەن. يەنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن بېرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن. ئۇ، يىللاردا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇدۇم، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلدىم. ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىمنى ساناپ باقمىدىم، ئەمما پەرىزىمچە يۈز پارچە ئەتراپىدا ماقالە يازدىم.»

تەپسىلاتى...

ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ ھاياتى (1)

ر ف ئا يازمىسى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى

a4733dca-729d-4469-a74f-75ce08be1086

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان سىياسىي ئەرباب ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ھايات مۇساپىسىنىڭ 80-يىلىغا قاراپ قەدەم باسماقتا.

50 يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى يولىدىكى كۈرەشلەرگە سەرپ قىلغان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاخىرقى 70 يىللىق تارىخىنىڭ ھايات شاھىتى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى 1939-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم لىدېرى، تۈرك دۇنياسىنىڭ پەخرى سانالغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەسلى تۇغۇلغان ۋاقتى 1937-يىلى بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن پاسپورتتىكى يېشى 39-يىلى بولۇپ يېزىلىپ قالغان. ئەركىن ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ سايلىق، ساغان ۋە قازانچى ئېرىق يېزىلىرىدىن بولۇپ، ئاتا ۋە ئانا تەرەپتىن بولغان چوڭ دادىلىرىدىن شەيخ ھەزرىتىم، سادى ئىشقىبەگ ۋە نىياز بەگلەر 19-ئەسىردە مانجۇ-خىتايلارغا قارشى ئۇرۇشلاردا شېھىت بولغان. ئانا تەرەپ چوڭ دادىلىرىدىن ھۈسەيىن بەگ بولسا 1930-يىللىرى شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە مىللەتچىلىكتە ئەيىبلىنىپ قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن. تاغىسى ئابدۇكېرىم بولسا «ئەيسانىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن جاسۇسى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 60-يىللىرى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. مەرھۇم لىدېر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 95 يىللىق ئۆمرىنىڭ 70 يىلىنى ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن بەخش ئېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، تۈرك خەلقىگىمۇ سىر ئەمەس. ئەركىن ئالىپتېكىن مانا مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئەركىن ئالىپ

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: قۇتۇلۇش قەدەملىرى (2)

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

abduweli-ayup-gulen

قاماقتىن تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويۇلغىنىمدا شام ۋاقتى بولغان ئىدى. ئۆرە تۇرۇپلا ئىشارەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىمدا زۇلمەتتە قالغان قېرىنداشلارغا ئاسانلىق، سەبىر ۋە سالامەتلىك تىلىدىم. زۇلۇم قىلغانلارغا بۇزۇق تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرى دەپ قاراپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىدىم.زالىم تۈزۈمدىن باشقا ھەممىنى كەچۈرۈۋەتتىم. ھەتتا مېنى قەشقەردە تۇتۇپ قاماپ قويغان، كىيىملىرىمنىڭ سالدۇرۇلۇشىغا، نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئالدىدا قىپ يالىڭغاچ مايمۇندەك سەكرىتىشلەرگە، ئېشەكتەك تۆت پۇتلۇق قىلىشلارغا قاراپ تۇرغان ساقچىلارنىمۇ ئەپۇ قىلدىم.

ئۇلار ئەرتىسى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭغاندا ماڭا قىلىنغان خورلۇققا ئەپسۇسلانغاندەك بىر گەپلەرنى دېيىشكەن ئىدى. ئۇلاردىن بىرى «ھەي بىر كۈنلەردە زامان بىز خورلىغان مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىغا ئۆتسە، بىزنىمۇ مايمۇندەك سەكرىتىپ، ئېشەكتەك دوڭغايتىۋىتەرمۇ؟» دېدى. ئىچىمدە ئۇلارنىڭ زالىملىقنىڭ گۇم بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىگە ئاپىرىن ئېيتتىم ۋە ئويلىدىم، «ئاللاھ ساقلىسۇن، بۇنداق زۇلۇم قىلىش سىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار بىلەن قوشۇلۇپ كۈل بولسۇنكى، بىزگە مىراس قالمىسۇن. سىلەر قىلغاننى بىزمۇ قىلساق، بىزنىڭ سىلەردىن پەرقىمىز قالامدۇ؟ زالىملىق ئىنسانلىق ئەمەس، ھايۋانلىقتۇر. ئۇنىڭ تەبىئىتى چىشلەش، پاچىقى چىشلەنگەن بىر ئىنساننىڭ شۇ ئاچچىقىدا يەنە بىر ئىنساننى ياكى ھايۋاننى چىشلىگىنى نەدە بار؟» تۈرمىدىن چىققان كۈنىدىكى شام نامىزىمدا شۇلارنى ئويلىغىنىم ۋە بارلىق غەزەپلىرىمنى تۈرمىنىڭ بەتبۇي خېيىنى تاشلىغاندەك ئەخلەتكە تاشلىۋەتكىنىم ئېسىمدە.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: قۇتۇلۇش قەدەملىرى (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

abduweli-ayup-gulen

قەدەم ساناپ باققانلار كۆپ ئەمەس، بەلكىم ساناپ بېقىش ھەققىدىكى ئويمۇ غەلىتە تۇيۇلار. ئەمما ماڭالايدىغان تۇرۇپ ھەرىكىتى چەكلەنگەنلەر، ماڭالماس بولۇپ ھەرىكەتكە زار بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇلار ئالالىغان قەدەملىرىنى ساناشقا مەجبۇر. مەنمۇ ھەرىكىتىم يىگىرمە كۋادرات مېتىرلىق كامىرىدا چەكلەنگەن چاغلاردا، مەھبۇسلۇق دەملىرىدە ساناپ باققان، كۈندە بەش مىڭ قەدەم ماڭاتتىم، يۈزنى قورساق قاتلايتتىم. گۇندىپايلار ساراڭ دېسىمۇ، زۇلۇم قىلسىمۇ، ھاجەتخانا يۇيغۇزسىمۇ، كېچىدە ئۇخلاتماي قوش نۆۋەتتە تۇرغۇزسىمۇ جاھىللارچە مېڭىشنى داۋام قىلاتتىم. ئۇ زەي، سېسىق تارچۇقتا، مەن قىلىشقا شارائىت تاپقان، مېنى ساغلام قىلىدىغان بىردىن بىر تەنھەرىكەت شۇ سانالغان قەدەملەر ئىدى. مەن ئۇ قەدەملىرىمنى قۇتۇلۇش قەدەملىرى دەپ ئاتىۋالغان ئىدىم، شۇنداق تىنىمسىز ماڭغانچە ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. 15 ئايلىق 15-مىڭ يىللىق ئايرىلىشقا چىدىغان قەدىردانلىرىم : «ھېچنېمە بولماپسەن!» دېدى. ئۇلارغا جاۋابەن: «بىزنى ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم نابۇت قىلالمايدىكەن! ئاقىلانە تەپەككۇر ۋە تىنىمسىز ھەرىكەت بىزنى قۇتقۇزىدىكەن. بىسمىللا دەپ بىر ماڭغانچە قۇتۇلدۇم» دېگەن ئىدىم.

قۇتۇلۇش قەدەملىرىمدە ماڭا ھەقكە بولغان ئىمان، ئۇيغۇرنىڭ ھەققانىي داۋاسىغا بولغان ساداقەت ۋە بۇ يولدا يالغۇز ئەمەسلىكىمگە بولغان ئىشەنچ ئىزچىل ھەمراھ بولغان ئىدى. مەن مەيلى قاماقتا بولاي ياكى شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ نۇتۇق سۆزلەي، ۋە ياكى تورلارغا كىرىپ يازما يازاي ئىزچىل ئادالەتنى، ئىلمىيلىقنى، سەمىمىيلىكنى ياقىلىدىم، زۇلۇمغا، فاشىستلىققا، نادانلىققا قارشى تۇردۇم. بۇنداق ھەقتە چىڭ تۇرغانلارنىڭ جازالىنىشى مەيلى نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن، ياكى بۈگۈنكى مۇستەبىت شەرقتە بولسۇن، ھېچبىر توختاپ باققان ئەمەس. ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بېرى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ھەنەفى مەزھىپىنىڭ باشچىسى ئەبۇ ھەنىفە، ھەقىقەت ۋە ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى كۆرەشتە ھاكىمىيەت ۋە ھاكىمغا يان باسماستىن، ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بۇنىڭ بەدىلىگە تۈرمىگە كىرىپ ۋاپات بولغان. ئۇيغۇرغا قۇتۇلۇشنىڭ مەشئىلىنى تۇتقۇزغان مەمتىلى ئەپەندى، قۇتلۇق شەۋقى، نىزامىدىن ئەپەندىلەر قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بۇ تارىخلارنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن يالغۇز ئەمەستىم، دۇنيا مېنىڭلا بېشىمغا دۈم كۆمتۈرۈلگەندەك ئۈمىدسىزلىنىپمۇ كەتمىدىم.

تەپسىلاتى...