ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى (5)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 20– ئاپرىل

wetinige-qaytqam-roh-5

ۋەتەن ۋە مىللەتكە خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئىنسان ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە خىزمەت قىلىشنىڭ ھەرقانداق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

بىر پەيشەنبە كۈنى ئىدى. سىدنېينىڭ ئوبېن دېگەن رايونىغا باردىم. بۇ يەردە خۇددى ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەھمەد جامەسىگە ئوخشاش ھەيۋەتلىك سېلىنغان بىر تۈرك جامەسى بار ئىدى. كىشىلەر ئۇنى ئوبېن جامەسى دەپ ئاتايتتى. بۇ يەردە تۈرك فېدېراتسىيونى (تۈرك بىرلىكى) دېگەن چوڭ بىر تەشكىلاتنىڭ ئىشخانا بىناسى بار ئىدى. بىنا ئالدىدىكى قاتار بايراق خادىلىرىغا ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى ئېسىقلىق تۇراتتى. ھەر قېتىم بۇ بايراقلارنى كۆرگىنىمدە ئىچىمدە بىر تۈرلۈك ئۈمىد، بىر تۈرلۈك ئۆكۈنۈش ۋە ھەتتا بىر تۈرلۈك ھەسەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان تۇيغۇلار پەيدا بولۇپ، مېنى قىينايتتى. نېمىشقا بىزنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز مۇشۇ بايراقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ، دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قوياتتىم.

تەپسىلاتى...

خىتايدا ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان تېررور تەھدىتى مەۋجۇتمۇ؟

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18 – ئاپرىل

34145021-905b-4eae-beaa-ba0a65d02195

يېقىنقى تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي رەۋىشتە ساقچى ۋە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە، جۈملىدىن تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى زۆرۈر تەدبىرلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررور تەھدىتى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالدىنقى ئايدا سۈرىيەدىكى قوراللىق تېررورچىلار بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قوراللىقلارنىڭ «خىتايدا ئەمدى دەريا كەبى قان ئاققۇزىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى تورلاردا پەيدا بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قوزغايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات» سۈپىتىدە خىتاي باشقۇرۇشىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ تارقاتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرلار دىيارىدا تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي تەشۋىقاتلار دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، بۇنىڭ ئەڭ يېڭى پەللىسى 1-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نىڭ تارقىتىلىشىدا يەكۈنلەندى.

تەپسىلاتى...

8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە كۈنى: مىللىي ئارمىيىگە 72 يىل (2)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14 – ئاپرىل

8ef01efb-d0e4-481f-bfc2-59664cab7b60

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، زامان ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدىكى يەرلىك مىللەتلەردىن تۈزۈلگەن زامانىۋى مۇنتىزىم قوشۇن – مىللىي ئارمىيىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن بەش يىللىق تارىخى مۇساپىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ياد ئېتىلمەكتە.

مەلۇمكى، 1944-يىلى،7-نويابىر كۈنى پارتلىغان غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسى نەتىجىسىدە 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇپ، ئىلگىرىكى پارتىزانلىق ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى مۇنتىزىم ئۇرۇش باسقۇچىغا كىردى.

تەپسىلاتى...

خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكى (2)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 11– ئاپرىل

67e40eb7-1723-4d96-8031-43f133800c76

تۈرلۈك ئۇچۇرلار ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا تېررورلۇق بىلەن باغلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ خىتايدا ھازىر بارغانسېرى ئاشكارا قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ئىشارە قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى دىنىي كىملىكى تورلاردا ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشقا يۈزلەنمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە كۈنى: مىللىي ئارمىيىگە 72 يىل (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10– ئاپرىل

9c78b75a-1b11-4711-bc14-df273525db86

تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىر تارىخى مۇھىم داۋالغۇشلار بىلەن تولدى. 1931-1934-يىللىرى ۋە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. بولۇپمۇ، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تاكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىلىرى ئۇيغۇر تارىخىدا ھازىرقى كۈنلەرگىچە ئەسلىنىپ كېلىنمەكتە.
بۇ يىل 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى، مىللىي ئارمىيە كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھازىرقى كۈندە سانى ئىنتايىن ئاز قاغان سابىق مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە مىللىي ئارمىيىنىڭ كۈرەش مۇساپىلىرىنى ئەسلىمەكتە.

تەپسىلاتى...

ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى (4)

ر ف ئا يازمىسى
2017 – يىلى 5– ئاپرىل

husen-hesen-ependi-germaniye

ئۆزبېكىستاندىن قايتىپ، قورغاس ئېغىزىغا كەلگىنىمدە تاموژنىدىكى خىتاي ساقچىلىرى مېنى غۇلجىغا كىرگۈزمىدى. كەينىمگە قايتىپ ئۇدۇل موسكۋاغا باردىم. ئۇ يەردىكى ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسىدىن خەت ئېلىپ، قايتا خىتاينىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كىردىم. چۈنكى قولۇمدىكى ئاۋسترالىيە پاسپورتىدا خىتاينىڭ ۋىزىسى بار ئىدى. ئۇلار چېگرادىن كىرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم قورغاس ئېغىزىغا كېلىپ چېگرادىكىلەر بىلەن زاكونلاشتىم. ئۇلاردىن موسكۋاغا بېرىپ كېلىشتە كەتكەن يول چىقىملىرىم ئۈچۈن 3000 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. بۇ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋاقىتلار بولغاچقا خىتاي بىرئاز ئېھتىيات قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك. ئاخىرى تەلەپ قىلغان تۆلەمنى بېرىپ، مېنى ئىككىنچى قېتىم چېگرادىن كىرگۈزدى.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : سۆرەلمە سوراقچى

ر ف ئا يازمىسى
2017 – يىلى 5– ئاپرىل

644307bb-1ead-473a-9b1f-1c5db50d00ac

سوراقچىلار بويۇن، قول ۋە پۇتلارنى مىدىر-سىدىر قىلماس قىلىپ چىڭىتىپ قويىدىغان مەخسۇس ئورۇندۇقنى «يولۋاس ئورۇندۇق» دەيدىكەن. سوراق قىلىنغان تارىخىم كۆپ بولغان بولسىمۇ، بۇنداق قاپقارا «يولۋاس ئورۇندۇق» قا بوغۇلۇشۇم تۇنجى قېتىم بولغاچقا خېلى سۈر باستى. بۇ قېتىملىق سوراقنىڭ ئادەتتىكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. مېنى تۇتۇشقا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن كىشى تۆت بولۇپ، ئىككى ئايچە داۋاملاشقان سوراقتا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەن فامىلىلىك بىرى ئىزچىل نازارەت قىلىپ سۆرىلىپ يۈردى. تۇنجى سوراقتا ئۇنىڭ سوغۇق، شۈبھىلىك كۆزلىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «ياخشىمۇ سەن» دېدىم خىتايچە. ئەن كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ قويۇپ ئۈن دېمىدى. جاۋاب كۈتمىگەن ئىدىم، مەقسىتىم پسىخىك ساپادا ئۇنىڭدىن ئاجىز ئەمەسلىكىمنى، ھەر قانداق ھۇجۇمغا تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈش ئىدى.

تەپسىلاتى...

ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى (3)

ر ف ئا يازمىسى
2017 – يىلى 30– مارت

image

1988-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىگە چۈشتۈم. بۇ مېنىڭ ۋەتىنىمدىن ئايرىلىپ، مۇساپىرەتتىكى ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى بولدى.

مەن ۋەتەندىن ئايرىلىدىغان يىلى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى ئۆزىدىن ئاڭلىغان: «ۋەتەن مۇشۇنداق تۇرۇۋەرمەيدۇ. بۇ ۋەتەن ھامان ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئەسلىگە قايتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن-خەلقىمىزنىڭ سىلەردەك ياشلارنىڭ دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا بۇ دەۋانى ئاڭلىتىپ تۇرۇشىغا ئېھتىياجى بار.»

مانا مۇشۇ بىر جۈملە سۆز ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرماقتا. 1980-يىللاردىكى ئون يىللىق ھايات ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سەرخىللىرىغا ئۆزىمىز ھەققىدە، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ئويلىنىش پۇرسىتى بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، مەن ۋە مېنىڭ ئىدىيەممۇ ئەنە ئاشۇ ئويغاق دەۋرنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

ئاۋسترالىيەگە كەلدىم. كېلىپلا بۇ يەردە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا تەمىن ئەتكەن ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، چۈشەندىم. ھوقۇقسىزلىقنىڭ پارلاق ئۆتمۈشى ۋە مىللىي قەدىرىيىتى بولغان بىزدەك بىر مىللەتنى يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە قانداق بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلدىم.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : ساداقەت تايىقى

ر ف ئا يازمىسى
2017 – يىلى 30– مارت

0b6b2502-20a9-4e0a-b55c-b5c87aa2424f

تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدىكى كامېرغا ئەمەتقارى ئەسكەرتكەن بويىچە خىتايچە «دوكلات!» دەپ كىردىم، لېكىن يەنە تاياق يىيىشتىن قۇتۇلالمىدىم، چۈنكى باشنى چاڭگاللاش ئۇنتۇلۇپتۇ. ئىشىك يېنىدا تۇرغان خىتاي «بېشىڭنى تۇتە!» دەپ بولغۇچە بىر ئۇيغۇر كېلىپ ئۇرۇشقا باشلىدى.

قىرىق يىلغا يېقىن ياشاپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنچىلىك كۆپ سەتلىمە، كەمسىتمە ۋە ھاقارەتلىك سۆز-ئىبارىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە ھاقارەت قىلىپ ئۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتىم. قەشقەردىكى گۇندىپايغۇ كەسپى شۇ بولغاچقا ئۇرغاندۇ، مېنى «بۆلگۈنچى»، «تېررورچى» دەپ ئۆچ كۆرگەچكە خورلىغاندۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر جىنايەتچىگە مەن نېمە قىلغان؟

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : قەشقەردىكى تۇنجى كامېرداش

ر ف ئا يازمىسى
2017 – يىلى 22– مارت

abduweli-ayup-305

كامېرغا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ كىرىشنىڭ خەتىرىنى تۇنجى ئەسكەرتكۈچى ئەمەتقارى ئىدى. ئۇ كۈنى سالىمىم ئىلىك ئېلىنمىغان، مېنىڭ تۇنجى كامىردېشىم سالىمىمغا بۇتتەك تۇرۇش بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدى. مېنى تۇتقانلار بولغۇسى كامىردېشىمنى «سىياسىي» دەپ تونۇشتۇرمىغان بولسا ھەيران قالمايتتىم. ئادەتتە «سىياسىي» بولۇپ تۇتۇلىدىغانلار چوقۇم مۇسۇلماننىڭ بوينىدىكى سالام قەرزىنى بىلىدىغان كىشىلەر بولاتتى. ئەمەتقارى مېنى سولىۋەتكەن گۇندىپاي كېتىپ خېلىغىچە ئىشىك تۈۋىدە تىك تۇرغاندىن كېيىن بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇردى.

تەپسىلاتى...