كۆزەتكۈچىلەر: خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ئۇيغۇرلارنى قارشىلىققا مەجبۇرلايدۇ!

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 1– ئىيۇل

بۇ يىلقى رامزان مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلغان رامىزانغا دائىر پائالىيەتلەرنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرى بۇ خىلدىكى «ئىسلام ۋەھىمىسى» ئاساسىدا ئىجرا قىلىنغان دىنىي سىياسەتلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسى ئارىسىدا قارشىلىقتىن باشقا نەرسە پەيدا قىلالمايدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى ۋە رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى بۇ يىلقى رامزان ئېيى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن رامىزانلىق پائالىيەتلەرنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

تەپسىلاتى...

1988-يىلى 15-ئىيۇندىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشىدىن ئەسلىمىلەر (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 30– ئىيۇن

1988-يىلى 15-ئىيۇندىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان زور ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ يىل مەزكۇر نامايىشقا توپ-توغرا 29 يىل بولدى.

1980-يىللار ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا ستۇدېنتلار ھەرىكىتى ئەڭ جانلانغان، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە مىللىي ھەق-ھوقۇقلارغا بولغان تەلىپى ئەڭ كۈچەيگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللىق بۇرۇقتۇملۇقتىن كېيىن پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن مىللىي ئويغىنىشنىڭ ئۇپۇقىنى كۈتۈۋالغان يىللار بولدى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ شەرمەندىلىكى: «ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق زۇلۇم قىلمىدۇق»

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 30– ئىيۇن

يېقىندا، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى خىتايدىن كەلگەن تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ قاتنشىشى بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنلارنىڭ ئەھۋالى» تېمىسىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان. ساباھ تورى(Daily Sabah) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاكادېمىك دوڭ مەنيۈەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭ رايونىدا زۇلۇم بار دېگەن قاراشلار توغرا ئەمەس، تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رايوندا دىن، جەمئىيەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن كەڭچىلىكلەرنى باشقا ھەر قانداق كىشىگە قارىغاندا ياخشى بىلىدۇ، چۈنكى شىنجاڭ ئىزچىل ھەممە كىشى ئىجىل، ئىناق ياشايدىغان جاي بولۇپ كەلدى ھەم رەئىس ئەردوغان بارلىق زىيارەتلىرىدە بۇلارنى بىۋاستە ھېس قىلىدۇ.» دېگەن.

تەپسىلاتى...

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (8): تاغام ئەبەيدۇللا تۈركىستانى كىم ئىدى؟

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 28– ئىيۇن

1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تاكى 1950-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغا قەدەر مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى لاداق بىلەن سىرىناگار شەھىرىگە توپلىنىدۇ. ياش غۇلامىدىن پاختا تاغىسى ئەبەيدۇللا تۈركىستانى سەۋەبلىك ھىندىستان چېگرا ساقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق سوئال-سوراقلىرىغا ئۇچرايدۇ.

چۈنكى كەشمىرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئەبەيدۇللا تۈركىستانى پاختا جەمەتى ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇ «11 بىتىم» نىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن كىشى ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھىندىستان چېگرا ساقچىلىرى ئەبەيدۇللا تۈركىستانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەردە قورال-ياراغ بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ زۇلۇم قىلىچى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنىڭ بېشىدا پۇلاڭلاۋاتقاندا قازاقىستاننىڭ بۇ ھەقتەسۆزلەيدىغان سۆزى يوقمۇ؟

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 27– ئىيۇن

بۇ ماقالىنى تۈركچە يېزىپ ئۇيغۇرنېت تورىدا ئېلان قىلدىم. بىر قانچە گېزىت ۋە تورلار كۆچۈرۈپ باستى. قازاق دىپلومات ۋە مۇناسىۋەتلىك قازاق قېرىنداشلارنىڭ ماقالىنى ئوقۇغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بىراق تۈركچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تەلىپىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم.

مەھمەتىمىن ھەزرەت

خىتاي ھاكىمىيىتى كېيىنكى 25 يىلدىن بېرى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش، بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى يىلسېرى چىڭىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، قازاقلارنى بۇ بېسىم ۋە زۇلۇملاردىن خالى تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىم ھوقۇقلىرىنى خىتايلار قازاقلارغا بۆلۈپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى يەكلەش ۋە باستۇرۇشتا ئۇلارنى ئىشلىتىش تاكتىكىسىنى قوللاندى.

خىتايلار يۇرتىمىزدا قازاقلارنىڭ يايلاقلىرىنى ئەڭ كۆپ تارتىۋېلىپ سانائەت شەرھەرلىرىنى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنى، كانچىلىق رايونلىرىنى بەرپا قىلىپ مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈردى.  نەتىجىدە 1.5 مىليون قازاق خەلقى يايلاقسىز قالدى. بىراق سىياسى جەھەتتە قازاقلارغا كەڭ قول بولدى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 25 يىل ئىچىدە قازاقىستان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 1 مىليون قازاقنى قازاقىستانغا يەرلەشتۈردى ۋە قازاق پۇقرالىغىنى بەردى. شەرقى تۈركىستاندىن [1]قازاقىستانغا كېتىپ قازاق پۇخراسى بولغان قازاقلارنىڭ سانى 200 مىڭ. قازاقىستان يېشىل كارتا ئالغانلار 300 مىڭ. يېشىل كارت ئالغانلار خالىغان ۋاقىتتا قازاقىستانغا ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ، خالىغان ۋاقىتقىچە قازاقىستاندا قالالايدۇ.بىراق قازاقىستان ھۆكۈمىتى، خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ بۇ دۆلەتكە چىقىپ قالغان ھەتتا، بۇ دۆلەتتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن قوغدىنىش كارتىسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىمۇ تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى. خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ تۈرۈپ، غەرب دۇنيا جامائىتىنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي ھەر قېتىم قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى تەكرار، تەكرار خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۆزىدىن قان، بىر كۆزىدىن ياش ئېقىۋاتسا، قازاق قېرىنداشلىرىمىز «خۇدايىم بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتمىغانغا شۈكرى قىلايلى.» دىيىشىپ بەخىرامان يۈرۈشتى. قاچانغىچە؟ 2017- يىلى 1- ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ [2]«دىنى ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش» قانۇنى ئىجرا قىلىنغۇچە. 1- ئاپرېلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى ئۇچۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيەت قېلىچى قازاقلارنىڭ بېشىدىمۇ پۇلاڭلاشقا باشلىدى.

تەپسىلاتى...

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (7): كۆكئارت بىلەن لاداق ئارىلىقىدىكى ئۇنتۇلماس قىسمەتلەر

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 21– ئىيۇن

1949-يىلىنىڭ كەچ كۈز ئايلىرىدىن تاكى 1950-يىلىنىڭ ئەتىياز كۈنلىرىگە قەدەر داۋاملاشقان ھىمالايا تاغلىرىدىكى چوڭ ھىجرەت سەپىرىگە نۇرغۇن تارىخىي سىرلار ياندىشىدۇ.

شۇ قېتىملىق چوڭ ھىجرەتنىڭ بۈگۈنكى ھايات شاھىتلىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر باشچىلىقىدا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كەلگەن ھىجرەتچىلەر توپى نېمە ئۈچۈن يەكەن ۋە قاغىلىقتا بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالىدۇ؟

غۇلامىدىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كەشمىردە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

«قەشقەرگە توپلانغان گومىنداڭ ئارمىيەسى ئىچىدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئەل بولۇشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم گېنېراللار شۇ مەزگىللەردە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن مەخپىي سۆزلىشىدۇ. ئۇلار، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرگە تەكلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېزدىن جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلاردىن مۇسۇلمانلار قوشۇنى تەشكىل قىلىشىنى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىشنى شۇنداقلا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھالبۇكى، جەنۇبىي شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە قەشقەردە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ دېۋىزىيە كوماندىرى جاۋ شىگۋاڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك گارنىزونىنىڭ باش قوماندانى تاۋ سىيۆ بىلەن مەخپىي كېلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەل بولىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ئۈمىدى ئۈزۈلگەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر قىش كېلىپ قالغىنىغا قارىماي ھىجرەت توپىنى باشلاپ ھىندىستان سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.»

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : «خۇدا ئۇلۇغمۇ، كومپارتىيەمۇ»

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 21– ئىيۇن

قاماقخانىدا كۆزىتىشىمچە كامېردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار كۆپىنچە سىياسىيغا ۋە چېكىملىككە باغلىنىپ قامالغانلار ئىكەن. كامېردا ئەڭ ئېچىنىشلىق قىينىلىدىغىنىمۇ مۇشۇلار ئىكەن. بەڭگە مەھبۇسلارنى كامېردا خۇمار قىينىسا، سىياسىي مەھبۇسلارنى سوراقخانىدا ساقچى، كامېردا مەھبۇس ۋە گۇندىپاي تەڭلا قىينايدىكەن. خىروئىنكەشلەرنىڭ كۈندە بىرەر قېتىم بەدىنى قىچىشىپ، قول-پۇتى تىترەپ تېنى قىيناققا چۈشسە، سىياسىي مەھبۇسنىڭ روھى ۋە تېنى ھەر مىنۇتتا، ھەر يەردە تەڭلا قىسماققا ئېلىنىدىكەن.

قاماقخانىلاردا گۇندىپايلار يېڭى كىرگەن مەھبۇسلارنى ھەپتىدە بىر ئىنچىكە سوراشتۇرۇپ، خاتىرە قالدۇرۇپ چىقاتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن تەرجىمانلىق قىلغاچ ئۆزۈم خالىمىغان بەزى سوئال-سوراقلارغا گۇۋاھچى بولۇپ قالاتتىم. بىر كۈنى يېڭى كىرگەن ئىككى مەھبۇستىن ئەھۋال ئىگىلەنگەن بولۇپ، بىرى خىروئىن يەنە بىرى ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي كىتاب» ساقلاپ تۇتۇلغان ئىكەن.

خىروئىنكەشنى سوراق قىلىش جەريانىدا گۇندىپاي قانداقتۇر بىر قانۇنىيەتنى بايقىغاندەك ماڭا قاراپ: – بىلەمسەن ئۇيغۇرلارنى ئىككى نەرسە خاراب قىلىدۇ. بىرى زەھەر، يەنە بىرى دىن. بولۇپمۇ ئەڭ يامىنى دىن، دىن دېگەن ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىيلەشتۈرىدىغان زەھەر بولماي نېمە! ماركس دىننى ئەپىيۇن دېگەن ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھازىر ئەپىيۇن چېكىپ خاراب بولغان بىر توپ بەڭگىلەردىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. قارا، بۇ ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇسنى! ئىككىلىسى زەھەرلەنگەن، بىرى دىندىن، يەنە بىرى زەھەرلىك چېكىملىكتىن. بولۇپمۇ دىندىن زەھەرلەنگەن ماۋۇ دارازا ئۆزى زەھەرلەنگەننى ئاز دەپ باشقىلارنىمۇ زەھەرلىمەكچى بولغان تېخى،- دېدى.

تەپسىلاتى...

غۇلامىدىن پاختىنىڭ ھاياتى (6): كەشمىر يولىدا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇن

1949-يىلىنىڭ كەچ كۈز كۈنلىرىدە جاي-جايلاردىن قەشقەر شەھىرىگە توپلانغان كارۋانلار توپى ھىمالايا تېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىككى يول – يەنى تاشقورغان پامىر يولى ياكى قاغىلىق كۆكيار يولى ئارقىلىق كەشمىرگە سەپەر قىلىشقا باشلايدۇ.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قەشقەرگە يېتىپ كېلىشنىڭ ھارپىسىدا ۋەتەننى تەرك ئېتىپ يات ئەللەرگە ھىجرەت قىلغان بۇ كارۋانلار توپى ئارىسىدا ياش غۇلامىدىن پاختا ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى.

ئارىدىن 68 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قار-مۇز قاپلىغان ھىمالايا تاغلىرىنى 29 كۈندە كېسىپ ئۆتۈپ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : لاياقەتلىك مەھبۇس

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇن

مەشىق كامېرىدىن ئاخىرى قۇتۇلدۇم. خىتايچە يېزىقچىلىق سەۋىيەم زامىن بولمىغان بولسا ئۇنچە ئۇزۇن قالمىغان، مەھبۇسلۇق مەشىقى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خورلاشلارغا، سوراقتا يۈرگۈزۈلىدىغان قىيناشلارغا ھەمىشە شاھىت بولمىغان بولاتتىم. تەرجىمانلىقتىن خەۋىرىم بولمىغان بولسا، كامېردىكى كاتىپ، سوراقچى ۋە كامېر باشلىقىنىڭ پەرمانى بىلەن «سوراق خاتىرە» سى يېزىپ قەلبىمدە كۈلپەت ئارخىپى تۇرغۇزمىغان، پاجىئەلەر ئالدىدا كۆزى ئوچۇق قارىغۇ، قولى بار چولاقتەك ئامالسىز قالمىغان بولاتتىم.

بىر كۈنى سوراقتىن كىرىۋاتسام بىرسى «ھوي، گۈلەن ئاكامغۇ!» دەپ قالدى. تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا تۇنجى قېتىم ھۆرمەتلىنىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. توغرا، مەن ئەسلى خىتايچە «ئابۇ» دەپ چاقىرىلىدىغان چۈپرەندە مەھبۇس ئەمەس، «گۈلەن ئاكا، گۈلەن مۇئەللىم» دەپ چاقىرىلىدىغان ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى ئىدىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەشىق كامېرى بولغان 2-2 دىن ئادەتتىكى كامېر بولغان 2-6 گە ئالماشتۇرۇلدۇم. ئىشىك تۈۋىدە سوزۇلۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ياتقان كامېر باشلىقى تامغا قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويدى. قاچانغىچە تۇرىدىغانلىقىمنىمۇ دېمىدى. تامغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم، تىرناق بىلەن «مەنزىرە» دېگەن ئىسىم بەك كۆپ يېزىلغان ئىدى. قارىغاندا، مەنزىرە ئىسىملىك مەشۇقىنى سېغىنغان بىر ئاشىقنىڭ ھېكايىسى تامغا ئويۇلغاندەك قىلاتتى. تامغا قاراپ تۇرۇۋەرمەي دەپ «تاماق يەۋالسام بولامدۇ؟» دېدىم. قارامۇتۇق كەلگەن بىر بالا كېلىپ قولۇمغا ئىككى موما، بىر قاچا قايناقسۇ تۇتقۇزۇپ قويدى.

كامېر يۆتكىلىشنىڭ خەتىرىنى كېيىنكى قاماق ھاياتىمدا قايتا قايتا ھېس قىلدىم. چۈنكى ھەر بىر كامېرنىڭ قائىدىسى ئوخشىمايتتى. ھەر قېتىم ئالماشقاندا يېڭى قائىدىلەرنى يادلاشقا توغرا كەلگەندىن باشقا، كۆپىنچە يېزىقسىز يۈرگۈزۈلىدىغان ماددىلارغا خىلاپلىق قىلىپ ئازار يەيدىغان ئىش چىقاتتى. بۇ كامېردىمۇ شۇنداق بولدى. ئىشنى دەسمال قاتلاشنى ئۆگىنىشتىن باشلىدىم. كامېردا يەر، ھاجەتخانا ۋە ئوچاقنى سۈرتىدىغان دەسماللار ئايرىم بولۇپ، قاتلاش شەكلى ۋە قويۇلىدىغان ئورنىمۇ پەرقلىق ئىدى. بۇيرۇق بويىچە ھاجەتخانىنى سۈرتۈپ بولۇپ قاتلىغان دەسمال كامېر باشلىقىغا يارىماي تېپىك يېدىم. شۇئان يېنىمغا تۇنجى كۈنى ماڭا تاماق سۇنغان دىلمۇرات كېلىپ قاتلىشىپ بەردى. يېڭى كامېردىكى تۇنجى يېگەن تېپىك ئېغىر كېلىپ دەسمال قاتلاۋاتقان قوللىرىم تىترەپ تېخىمۇ قولاشمايتتى. مەن بىر دەسمالنى قاتلاپ بولغۇچە دىلمۇرات دەسماللارنىڭ ھەممىنى قىر چىقىرىپ تەلەپتە ئېيتىلغان «دۇفۇ پارچىسى» دەك قاتلاپ جايى جايىغا تىزىپ بولدى. رەھمەت ئېيتىۋېدىم، سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ نېرى كەتتى.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : كامېردىكى ئەمەلدارلار

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 7– ئىيۇن

ئادەتتە كامېردا بىر باشلىق، بىر مۇئاۋىن، بىر كاتىپ، بىر سوراقچى، ئىككى ئاشپەز بولاتتى. بۇلار ئەمەلدارلار قاتلىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، تاماق تارقىتىشتىن ھاجەت قىلىشقىچە بارلىق پائالىيەت شۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولاتتى. بۇ ئەمەلدارلىق پىرامىداسىنىڭ چوققىسىدا كامېر باشلىقى، ئۇلىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار تۇراتتى. كامېر باشلىقى كەچ ۋە ئەتىگەندە سان ئالاتتى. تازىلىق، كېچىلىك نۆۋەتچىلىك ۋە كۈندىلىك مەشغۇلاتقا نازارەتچىلىك قىلاتتى. كۈندىلىك مەشغۇلات دېگەندە ئەتىگەن سائەت 6:30 ناشتا قىلىپ بولۇپ مەھبۇسلۇق مەشىقى قىلىش، سائەت 8 دىن باشلاپ 12 گىچە ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 5 كېچە دىققەتتە قېتىپ ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. سائەت بەشتىن كېيىن ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتى بولۇپ ئوندا چىراغ ئۆچۈرۈلگۈچە مەركىزىي تېلېۋىزىيىنىڭ بىرلا قانىلىدا تەشۋىقىي پروگراممىلار كۆرسىتىلەتتى. ئىسمى ئىختىيارى پائالىيەت بولغان بىلەن كىمنىڭ قايسى ئورۇندا قانداق پائالىيەت قىلىشىغا قائىدە بېكىتىلگەن ئىدى. كامېردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىر قائىدە بار بولۇپ ھەر بىر مەھبۇس، ھەر مىنۇتتا بىر قائىدىنىڭ ۋە بىر كىشىنىڭ باشقۇرۇشىدا ۋە كامېر باشلىقىنىڭ نازارىتىدە بولاتتى. نەپەسلىنىش ۋە خىيال سۈرۈشتىن باشقا ھەممە ئىشتا بىرىدىن رۇخسەت ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. ھەتتا ھاجەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تازىلىق قەغەزنىمۇ مەخسۇس بىر كىشى باشقۇراتتى.

يۇقىرى قاتلامغا مەنسۇپ ئەمەلدارلار كېچىلىك نۆۋەتچىلىك، كۈندىلىك تازىلىق، ھەپتىلىك چوڭ تازىلىق قاتارلىق ئىشلارغا يېقىن يولىمايتتى. ھاجەتخانىدىن يىراق، ئىشىككە يېقىن، كامېرغا شامال كىرىدىغان يەردە ئۇخلايتتى ۋە تاماقلىناتتى. كامېر باشلىقى ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا خالىسا ئولتۇرۇپ خالىسا ياتاتتى، بەزىدە ئۇنى بۇنى باشقۇرغان بولۇپ ئىچ پۇشۇقى قىلاتتى. ئۇنىڭ مۇئاۋىنى مەھبۇسلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ غوجىسىغا ئېگىلدۈرەتتى. كاتىپ ئۈچىنچى قول باشلىق بولۇپ كامېرغا كىرگەن-چىققان مەھبۇسلارنى خاتىرىلەش، كۈندۈزلۈك ۋە كېچىلىك نۆۋەتچىلىك ئەھۋالىدىن دوكلات يېزىش، كادىرلار تامىقى دېيىلىدىغان پۇللۇق ئالاھىدە تاماقنى بۇيرۇتۇش قاتارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. ئاشپەز قاچا يۇيۇشقا، تاماق تەقسىملەشكە، يېمەكلىك باشقۇرۇشقا ئىگە ئىدى. كامېر باشلىقىنىڭ يۈزىنى، پۇتىنى يۇيىدىغان سۇ، داس، لۆڭگىلەرنىمۇ ئاشپەز تەييار قىلاتتى. بۇلار باشقا مەھبۇسلارنىڭ پۇلىغا كادىر تامىقى بۇيرۇتۇپ يەيتتى. كامېردا قىلىدىغان ئىشى كۆپ، ئەمما ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئارىسىدا سىقىلىشتىن باشقا «پايدا» كۆرمەيدىغان ئەمەل تەرجىمانلىق ئىدى. تارتىدىغان خورلۇقىدىن بۆلەك ھېچ بىر خوۋلۇقى بولمىغان تەرجىماننىڭ كامېردا پەقەت ھوقۇقى يوق ئىدى. ئەپسۇسكى، 15 ئايلىق قاماق ھاياتىمدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ئىزچىل تەرجىمانلىققا زورلاندىم.

تەپسىلاتى...