ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قاينىمىغا كىرگەن ئىككى ئۇيغۇر كاپىتان (2)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇل

ئۇلاردىكى ئورتاقلىق: قورقۇمسىزلىق ۋە باتۇرلۇق

20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلىرىدىن سوپاخۇن سوۋۇروف ۋە مىرزىگۇل ناسىروف ھەققىدە يېزىلغان ئەسلىمىلىلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ كوماندىرلىقىدا ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان سابىق جەڭچىلەرنىڭ ئەسلىشىچە، سوپاخۇن سوۋۇروپ ۋە مىرزىگۇل ناسىروف ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 1944-1949-يىللاردىكى مىللى ئازادلىق ئىنقىلابى تارىخى، بولۇپمۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىككى مەشھۇر ئىسىمدۇر.

بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئوفىتسېر ئەسلىدە ئوخشىمىغان ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، مىرزىگۇل ناسىروف مەيلى ئۆز دۆلىتى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن بولسۇن ۋە سوپاخۇن سوۋۇروف گومىنداڭ تەرەپتىن يۈز ئۆرۈپ، ئىلى ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئۆتكەن بولسۇن، بەرىبىر ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىلا، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ئارمىيەسى سېپىدە ئورتاق دۈشمەنگە قارشى، ئازادلىق كۈرىشىگە قاتنىشىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى.

مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ ئالماتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئوغلى، ئالماتا چىش كېسەللىكلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىرشېكەر ناسىروفنىڭ ئېيتىشىچە، مىرزىگۇل ناسىروف 1920-يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالماتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تۈگمەن يېزىسىدا 1881-1882-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى دىيارىدىن كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 1942-1944-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى سۈپىتىدە گىتلېر فاشىست ئارمىيىسىگە قارشى كۆپلىگەن جەڭلەرگە قاتنىشىپ تاۋلانغان. ئۇ جەڭ مەيدانىدىن چاقىرتىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غۇلجىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن شۇنىڭدەك تاكى 1946-يىلى، 7-ئايدا بۇيرۇق بويىچە ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكۈچە مىلى ئارمىيەنىڭ ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى بولغان.

تەپسىلاتى...

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قاينىمىغا كىرگەن ئىككى ئۇيغۇر كاپىتان (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇل

1949-1944-يىللاردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئاساس قىلغان كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى جەريانىدا قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيە تەركىبىدە ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىدىن يېتىشىپ چىققان قابىل ئوفىتسېرلار مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنقىلابقا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقانلىقى ئۇيغۇر تارىخى شاھىتلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.

سابىق مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ 1946-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى توختى ئىبراھىم ۋە زاھىر ساۋدانوف قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇساپىلىرى ھەققىدە يازغان ئەسلىمىلىرىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر،قازاق، قىرغىز، تاتار، رۇس، ئۆزبېك، تۇڭگان، شىبە، موڭغۇل ئوفىتسېرلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئىككى نەپەر جەڭگىۋار ئوفىتسېرى سوپاخۇن سوۋۇروپ بىلەن مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ نامى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا دائىم ئىپتىخار ۋە قايىللىق تۇيغۇلىرى بىلەن ئەسلىنىدۇ.

مەزكۇر ئىككى ئوفىتسېرنىڭ بىرى سوپاخۇن سوۋۇروپ ئۆزى ھايات ئەسلىمىسىنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسى 2010-يىلى نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاۋالىسىگە سۇنۇلدى.

ئەمما مىرزىگۈل ناسىروف ئۆزى ئەسلىمە يازمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەققىدە قازاقىستاندا بىر قاتار كىتابلار،ئەسلىمىلەر، فىلىم ۋە باشقا مەزمۇندىكى ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلار (2)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇل

«ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشكەن خىتاي شىركەت-كانلىرى، بۇلغانغان مۇھىت ۋە يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار(2)

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، 20 يىلدىن بۇيان «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋە 2010-يىلىدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان بىرقانچە قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنلىرى» دىن بۇيان «19 ئۆلكىنىڭ ياردىمى» بىلەن رايوندا يېڭىدىن ئېچىلغان كان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە نەپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپەيدى. خىتاي شىركەت-كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپلەپ يەرلىشىشى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىنىڭ يېزىلاردىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى مەدھىيەلەندى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلار (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇل

ئۇيغۇر ئېلىغا «ياردەم» نامىدا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر (1)

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە «ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈۋاتقان خىتاي شىركەت-كارخانىلىرى» ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپەيدى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، 20 يىلدىن بۇيان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە «ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈۋاتقان خىتاي شىركەت-كارخانىلىرى» ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپەيدى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۆتكىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى نېمە مەقسەتتە يەرلەشتۈرۈلدى؟

تەپسىلاتى...

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (10): بومبايدا ئۆتكەن بىر يىلىم

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– ئىيۇل

1950-يىلىنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدىن تاكى 1951-يىلىنىڭ كەچكۈز ئايلىرىغىچە بولغان جەرياندا ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونى نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار بىلەن تولىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەھلىكىسىدىن قېچىپ، ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ئاشۇ مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئارىسىدا ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش غۇلامىدىن پاختامۇ بار ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن بىللە كەشمىردە يېرىم يىلدىن كۆپرەك تۇرغانلىقىنى ھەمدە بۇ جەرياندىكى ئاجايىپ كەچمىشلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، كەشمىرگە توپلانغان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇساپىرلار كېيىنچە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بېرىپ ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۇلى ۋە يولى بارلىرى ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىدۇ. ئىقتىسادىي ئىمكانى بولمىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇساپىرلار مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا تۈركىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىش يولىنى تاللايدۇ. يەنە بىر قىسىم مۇساپىرلار ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولغاندا ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن كەشمىردە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىپ داۋاملىق پۇرسەت كۈتمەكچى بولىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا كەشمىردىكى يېرىم يىللىق مۇساپىرەتتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى دادىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋىزا رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋە تۈركىيەگە كېتىش ئۈچۈن بومبايغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، 1950-يىلىدىن كېيىن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تەيۋەنگە چېكىنگەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتىنى تونۇمايدۇ. قولىدا تېخىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتى بولغان غۇلامىدىن پاختا ئامالسىز قېلىپ، بومبايدا بىر يىلدەك تۇرۇپ قالىدۇ.

تەپسىلاتى...

1988-يىلى 15-ئىيۇندىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشىدىن ئەسلىمىلەر (2)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 11– ئىيۇل

1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زور نامايىشىغا 29 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى شاھىتلار بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى ۋە ئاشۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ نەتىجىسى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەمدە نامايىش يېتەكچىلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر نامايىشنىڭ 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئۇنتۇلماس بىر سەھىپىسى بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاشۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ۋە نامايىشتىن كېيىن مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغان، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇكېرىم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غەزەپ دېڭىزىدا ھالاك بولۇشتىن قۇتۇلالامدۇ؟

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى
2017 – يىلى 11– ئىيۇل

مەھمەتىمىن ھەزرەت

بىرىنچى خەۋەر: گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 3000 ئەتىراپىدا. بۈگۈن نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سانى 30 ئەتىراپىدا. نىدا رادىيوسى- 2017- يىلى 5- ئىيۇل  كۈنى، گوللاندىيەدىكى خىتايغا قارشى نامايىش توغرۇلۇق نەخ مەيدان ئاڭلىتىشتىن -ئابدۇسالام نىياز

ئىككىنچى خەۋەر: قاھىرە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار تاماق يەيدىغان ئاشخانىلار ۋە ئۆيلەردىن ھەمدە قاھىرە ئايرودرومىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار تىزىملىكىدىكىلەر سانى 50 دىن ئاشتى ۋە بۈگۈنگىچە بۇلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. – ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى -گۈلچېھرە خەۋىرى

ئۈچىنچى خەۋەر: خوتەن شەھىرى ھەمدە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى ئاساسىي قاتلاملاردا پارتىيە ۋە خەلق قوراللىق قىسىملىرىدا رەھبىرىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئون نەپەر ئۇيغۇر كادىر «ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشتىكى تىپىك دېلو» سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. – ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى. مۇخبىر ئەزىزنىڭ خەۋىرى

يۇقىرىدىكى 3 مىسالدا ئورتاق بىر پسىخولوگىيىلىك ھادىسە بار: خىتاي ۋەھىمىسى ئىچىدە ئۆز سايىسىدىنمۇ ئۈركۈپ ياشاپ، خىتاينىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلالماسلىق. مىساللار بەك كۆپ. ئانالىزىمىزغا مەركەزلىشىش ئۈچۈن بۇ 3 مىسال بىزگە كۇپايە.

تەپسىلاتى...

پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 5– ئىيۇل

«ئىلھام توختى مېنىڭ يېقىم دوستۇم ئىدى!»

ئامېرىكىدىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلغان تىبەتشۇناس پروفېسسورى ئېلليوت سپېرلىڭ ھايات ۋاقتىدا خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى تاڭ دەنخوڭ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان. يېقىندا تاڭ دەنخوڭ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەمدە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇرلارغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان «ئېلليوت سپېرلىڭ» دېگەن ئىسىم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈرۈمچىدە مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئىلھام توختىنى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز ھەمدە كۈچ قوشتى. ئىلھام توختىغا «مارتىن ئەننالس مۇكاپاتى» بېرىلگەندىن كېيىن بولسا خەلقئارادىكى ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : خروئىندىكى «خىسلەت»

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 5– ئىيۇل

تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا مەن ئۇچراتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىران يىگىتلەر ئىدى. خروئىن سەۋەبلىك تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا يېشى ھەر خىل بولۇپ، خروئىن ئۇلارنىڭ ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە قاتىللىققا ئوخشاش جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

مەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قامالغان 2-2 ۋە 2-6 دېگەن ئىككى كامېردا باشلىقلار خروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن تۇتۇلغان خىتايلار، قولچوماقلار بولسا پارچە ساتقۇچى ۋە چەككۈچى ئۇيغۇر، تۇڭگانلار ئىدى. خروئىنكەشلەر بىر پاراڭلىشىپ كەتسە قايسى خىتاي، قايسى ئۇيغۇر، قايسى تۇڭگان ئايرىغىلىمۇ بولمايتتى. دېيىشىچە، ئۇلار خېرىدار ئازلىغان ھامان كىچىك بالىنىڭ ۋېلىسىپىتى چاغلىق نەرسىنى ئوغرىلاپ قاماققا كىرىدىكەن ۋە بىر توپ خېرىدارلار بىلەن تونۇشۇپ تىجارىتىنى داۋام قىلىدىكەن. قاماقخانا ئۇلارنىڭ كېيىنكى تىجارەت پىلانى ئۈچۈن ئادەم ۋە ئەقىل توپلايدىغان غايىۋىي بازا ئىكەن.

سىياسىي مەھبۇسلارغا تاپشۇرۇپ ئالالمىسىمۇ، ئائىلىسىدىن پۇل، كىيىم ۋە خالتا كىرىپ تۇراتتى. كارغا كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئۇلارغا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىناتتى. خروئىنكەش بالىلارغا بولسا ئۆيىدىن پۇل كىرمەيتتى. كىيىم-كېچەك، خالتا دېگەندەك تەسەللىلەردىمۇ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى يوق ئىدى. ئۇلارغا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىنمايتتى. ھەتتا سوتقا چىققاندىمۇ ئۇلار ئائىلىسىدىن ھېچكىمنىڭ كەلمىگەنلىكلىرىدىن ئاغرىنىپ قايتىپ كېلىشەتتى.

تەپسىلاتى...

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (9)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 5– ئىيۇل

كەشمىر ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشقا ئىگە بىر جاي شۇنداقلا تارىم ئويمانلىقى بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاغلىق رايون. 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 1950-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندىكى چوڭ ھىجرەتنى باشتىن كۆچۈرگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار كەشمىردىكى كۈنلىرىنى ئەسلا ئۇنتالمايدۇ.

ئەنە ئاشۇ قېتىملىق ھىجرەتنىڭ ھايات شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى كەشمىرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىن بولغان سىرىناگاردىكى سافاكادال مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزگەن ھاياتىنى ھېلىھەم تولۇقى بىلەن ئەسلەيدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تاغىسى ئەبەيدۇللا تۈركىستانى، يەنى كەشمىردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىدىن ئاڭلىغانلىرىغا قارىغاندا، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەھلىكىسىدىن قېچىپ، كەشمىرگە توپلانغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تۇڭگان مۇھاجىرلارنىڭ سانى 11500 ئەتراپىدا بولغان ئىكەن.

تەپسىلاتى...