سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ سىچۈەنلىك ئىككى ئادۋوكاتىنىڭ سوتتىن ئاۋۋال تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ پەيزىۋاتتىكى تۈرمىدە قايتا سوتلانغانلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ سىچۈەندىن تەكلىپ قىلىنغان ئىككى ئادۋوكاتىنىڭمۇ ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە قەشقەر ئەدلىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىش ئارقىلىق سوتقا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى، ئەمما قەشقەرنىڭ سېكرېتارى لى نىڭمىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئابدۇجېلىلنىڭ قايتىدىن ئەيىبلىگىەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ۋەزىيەتتىن خەقۋەردار كىشىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 17-مارت كۈنى پەيزىۋاتنىڭ قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە سودىگەر ئابدۇجېلىل ھاجىم ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت بىرقانچىلىغان ئادەتتىن تاشقىرى ھادىسىگە سەھنە ۋە تۈرتكە بولغان. دىيىلىشىچە، سىچۈەنلىك ئىككى ئادۋوكات، سوتقا جىددىي تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى سوتتىن بىر كۈن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە چاقىرتىلغان ۋە دېلوغا مەسئۇل خادىملار تەرىپىدىن ئەتىسىدىكى سوتقا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىشكە قىستالغان. ئەھۋالدىن ئەجەبلەنگەن ئادۋوكاتلار بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ئابدۇجېلىل دېلوسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىكەنلىكى ۋە ھۆكۈمنى تالاش-تارتىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. سىچۈەنلىك ئادۋوكاتلار سوتقا قاتنىشىشتا چىڭ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ھەر خىل شەكىلدە تەھدىت سېلىنغان.

تەپسىلاتى...

كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي ياۋروپانىڭ چىشىغا تېگىپ، ئۆزىگە ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكنى قىلدى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

22-مارت كۈنى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارى ۋە بىر بىڭتۈەن ئورگىنىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قوللانغان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكىتى خىتاينىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قاينىتىپ، نەتىجىدە ئۇلارمۇ دەرھال ياۋروپادىكى 10 پارلامېنت ئەزاسى ۋە 4 تەتقىقات ئورگىنىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى.

ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رېينخارد بۇتىكوفېر، مايكېل گاھلېر، رافائىل گلۇكسمان، ئىلخانكيۇچيۇك ۋە مىرىئام لېكسمان قاتارلىق 5 نەپەر ئەزاسى ۋە شۇنداقلا گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى جورىدۋەيمەر، بېلگىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئەزاسىسامۇئىلكوگولاتى، لىتۋاپارلامېنت ئەزاسى دوۋىل ساكالىئېن ھەم شۇنداقلا گېرمانىيە ئالىمى ئادرىئان زېنز ۋە شىۋېتسىيە ئالىمى بىجۆرنجاردېن قاتارلىقلارنى ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي يەنە، ياۋروپا كېڭىشى سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى، گېرمانىيە مېركات تەتقىقات مەركىزى، دانىيە دېموكراتىك ئىتتىپاق فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق 4 ئورۇنغا جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭۋە ئاۋمېنغا كىرىشىنى، ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىگەن.

تەپسىلاتى...

شاھىتلارنىڭ بايانىدىكى لاگېرلار: سىستېمىلىق قىيناق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلاردا مەۋجۇت سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق شەكىللىرى ھەققىدە تەييارلىغان مەزكۇر مەلۇماتىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا مەخسۇس قىز-ئاياللارنىڭ لاگېردا يەنە قانداق ئوخشىمايدىغان قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق توختالماقچىمىز.

قىز ئاياللار، ئانىلار فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك قىيىن-قىستاقلارغا تەڭلا ئۇچرايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىدا، يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان قانۇنسىز ھالدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۇتقۇنلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىيىن-قىستاقلار ھەققىدىكى رادىيومىزدا زىيارەت قىلىنغان ئوندىن ئارتۇق شاھىتلاردىن ئۇلارنىڭ لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇپ ئورۇنلىرىدىكى بېشىدىن كەچۈرگەن زۇلۇملارنى قايتا-قايتا خاتىرىلەپ ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ چىقتۇق.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى ئايال شاھىت سۈپىتىدە 2018-يىلى سېنتەبىردە، ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 29 ياشلىق مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاينىڭ زۇلمەتلىك كامېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى دۇنياغا ئەڭ دەسلەپ ھەمدە تەپسىلىي پاش قىلغانىدى.

تەپسىلاتى...

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى: «ياپونىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا تۇنجى قېتىم بۇنداق كۆپ كىشى قاتناشتى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

20-مارت كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالى توغرىسىدا چوڭ كۆلەملىك مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى 120 كىشىلىك زال تەييارلانغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر كۆپ بولغاچقا، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە ياپونىيەدىكى بەزى ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى، يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى، ئەڭ كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلغان تۇنجى قېتىملىق يىغىن دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن. ئاندىن كېيىن ئوساكا ۋە شۇ ئەتراپتا تۇرۇۋاتقان 6 نەپەر ئۇيغۇر ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتى...

تۈرمىدىكى سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئۈستىدىن قايتا مەخپىي سوت ئېچىلغانلىقى ۋە ئۈستىلەپ گۇناھ ئارتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قانۇن ساھەسىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 2018‏-يىلى 14 يىللىق كېسىلگەن ۋە 2019‏-يىلى نارازىلىق ئەرزى قوبۇل قىلىنغان تۈرمىدىكى سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئۈستىدىن 17‏-مارت كۈنى پەيزىۋات قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە قايتىدىن مەخپىي سوت ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئۈستىلەپ ئېغىر ئاتالمىش «جىنايەت» لەر ئارتىلغان. سوتتا ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ شەخسەن ئۆزى ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلغان «جىنايەت» لەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت خادىملىرى ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە سوت ئېچىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا قانۇن ساھەسىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە 14 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئۈستىدىن ئۆتكەن ھەپتە قايتىدىن سوت ئېچىلغان. سوت پەيزىۋاتتىكى قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە 17-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلانغان. سوتتا ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئۆزىگە ئارتىلغان كونا-يېڭى پۈتكۈل ئەيىبلىمىلەرنى رەت قىلغان. دىيىلىشىچە، ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ سىچۈەنلىك ئىككى ئادۋوكاتىمۇ قاتناشتۇرۇلغان مەزكۇر سوت 2 سائەت داۋام قىلغان ۋە خۇلاسىسىز ئاخىرلاشقان، ھۆكۈم كېيىنگە قالدۇرۇلغان.

تەپسىلاتى...

شاھىتلارنىڭ بايانىدىكى لاگېرلار: سىستېمىلىق قىيناق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

1. ئەرلەر لاگېرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر

زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ۋە سىستېمىلىق بىر تەرىپى كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىدۇر.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى-2016 يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، يەنى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلانغان. دەرۋازىسىغا ئاتالمىش «قايتا تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى»، «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش ئورنى» دېگەندەك ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان، ئەتراپى تىكەنلىك سىم توسۇقلار ۋە ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان، قوراللىق ساقچىلار كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىر قاتار قانۇنسىز يېپىق جازا لاگېرلىرى رەسمي قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا رايوندا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ساقچىخانا، تۇتۇپ تۇرۇش ئوريۇنلىرى، تۈرمە، ئىشلىتىلمىگەن ھۆكۈمەت، مەكتەپ بىنالىرىمۇ توشۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىنى جازالىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن، يەنى 22-مارت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار دۇنياغا بۇنداق قىلمىشلارنىڭ مەيلى ئۇ كىم تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

22-مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رولى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگۇدىن ئىبارەت يەنە ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىدى.

ئوخشاش كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە ۋە كانادا ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا چېتىشلىق بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو، سابىق نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، قوشۇمچە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى جۇ خەيلۇن قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى.

تەپسىلاتى...

كانادا پارلامېنتى: «كانادانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى توسۇش مەجبۇرىيىتى بار»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كانادا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى 12-مارت دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بەرگەن. دوكلاتتا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توسۇش، جاۋابكارلارنى جازالاش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش كانادانىڭ ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا، كانادا ھۆكۈمىتىگە خەلقئارالىق ھەمكارلىق قۇرۇپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئۇچۇر ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاينىڭ كانادادىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاراكەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش، تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كاناداغا قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق 15 خىل تەۋسىيە بېرىلگەن.

تەپسىلاتى...

مۇتەخەسسىسلەر ۋە شاھىتلار: «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەسىرى بىر ئەۋلاد بىلەنلا تۈگىمەيدۇ» (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى قۇرۇپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغان بىر ۋاقىتتا، مىڭلىغان ئائىلىلەر پارچىلاندى، ئاتا-ئانىسى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇپ كېتىلگەن يەنە نەچچە يۈز مىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىمۇ جىق بالىلار مەجبۇرىي تىرىك يېتىملەرگە ئايلاندى. ئىلگىرى رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىدىمۇ، يېتىم ۋە قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيەلەردىمۇ دارىلئېتاملارنى كۆپەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى، بالىلارنىڭ ھەتتا ئۇ جايلارغىمۇ پاتماي، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى پاش بولغانىدى.

ھەتتا دۇنياۋى ئاخباراتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدا، ياتاقلىق مەكتەپ ۋە ياكى دارىلئېتاملاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنىڭ سانىنى 500مىڭ دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىغا ئاساسەن تەخمىنلەنگەن شۇنداقلا ئىككى يىل ئاۋۋالقى بىر سانلىق مەلۇمات.

تەپسىلاتى...

«دېر ستاندارد» گېزىتى: «خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاينى جازالاش»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدىكى «دېر ستاندارد» گېزىتى د ئۇ ق رەئىسىنى زىيارەت قىلىپ، «خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاينى جازالاش» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلدى.

15-مارت گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دېر ستاندارد» گېزىتى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، «خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاينى جازالاش» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى پائالىيەتلىرى، د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندا قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرى، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق زۇلۇم قىلىدىغانلىقى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ شەخسىي كەچمىشلىرى ھەم ئۇنىڭ چەتئەلدە خىتاي تەھدىتىگە يولۇقۇش ئەھۋاللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنلاردا سوئاللار سورالغان ئىدى.

تەپسىلاتى...