پەيزىۋاتتا قۇرئانى كەرىمنىڭ 2012‏-يىلدىن ئاۋۋالقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يىغىۋېلىنغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 11– ماي

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىككى كەنت سېكرىتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەر ئاتالمىش  3 قانۇنسىز بۇيۇمنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا قۇرئانى كەرىمنىڭ 2012 ‏-يىلدىن ئاۋۋالقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يىغىۋېلىشنى بۇيرىغان. بۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىش داۋامىدا، بەزى جايلاردا يالغۇز2012 ‏-يىلدىن ئاۋۋالقىسىلا ئەمەس، كېيىنكىسىمۇ يىغىۋېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەسەبىيلىك ئالامەتلىرى بار دەپ قارالغان بۇ كىتابلار نۆۋەتتە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كېرەكسىز بۇيۇملارنى قويىدىغان ئامبارلىرىدا ساقلانماقتا.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلپ، قۇرئانى كەرىمنىڭ قايسى تەرجىمە نۇسقىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئەمەلدارلار ئەمەس، بەلكى مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن مۇستەقىل ئۆلىمىلار باھا بېرىشى ۋە بېكىتىشى  كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىىدا ئاڭلىغىنىڭلار، پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىككى كەنت سېكرىتارىنىڭ بايانلىرى. بۇ بايانلاردىن  خىتاي دائىرىلىرىنىڭ  ئۇيغۇر رايونىدا قۇرئانى كەرىمنىڭ 2012 ‏-يىلدىن ئاۋۋالقى تەرجىمىسىنى ئوقۇشنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم. ئەمما، بۇ چەكلىمىنىڭ رايوننىڭ قايسى جايلىرىدا، قايسى دەرىجىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت  پىكىر بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

بىر ئۇيغۇر قىزى تورغا ئاللاھ مەدھىيىلەنگەن رەسىم چىقارغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 11– ماي

كورلا شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر قىز ئىنتېرنېت تورىغا «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇندىكى رەسىملەرنى چىقارغان» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۈندىداردىكى رەسمىي سەھىپىسىدە بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ج خ ئىدارىسى ئۇنى 4-ماي كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 249-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان. خەۋەردە ئۇنىڭ ئىسمى پا. خ دەپ قىسقارتىپ ئېلىنغان ۋە جىنسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار بىرى، ئىستانسىمىز مۇخبىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ يېشىنىڭ تېخى كىچىكلىكىنى، ئۇنىڭ تورغا پەقەت ئاللاھنى مەدھىيىلەيدىغان رەسىم چىقارغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك ئەترىتىگە تېلېفون قىلغان. تېلېفونغا چىققان خادىم ۋەقەنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ خادىم مۇخبىرىمىزغا قايتۇرغان جاۋابىدا تورغا ئاللاھ مەدھىيىلەنگەن،«قۇرئانى كەرىم» مەدھىيىلەنگەن، ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەسىملەرنى چىقارسا ھەم ئۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلسىمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەپسىلاتى...

چەتئەللەردە ئوقۇغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» غا مەجبۇرىي تەشكىللەنمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10– ماي

تۇرپان دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ياكى ساياھەتكە بارغانلارنى تىزىملاۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنى بىر جايغا توپلاپ «ئۈچ خىل ئۆگىنىش» كە تەشكىللەۋاتقانلىقى يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مەلۇم بولغان ئىدى.

بۇ ھەقتە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن يېڭى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، قايتىپ كەلگەنلەرنى ۋە قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، كەنتلەردە ئېچىلغان ئاتالمىش «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» غا يىغىپ، ئىككى ھەپتە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت «ئۈچ خىل ئۆگىنىش» كە مەجبۇرىي تەشكىللەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىش نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلى باشلىغان تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىياسىي ھەرىكىتى ھېلىھەم جىددىي داۋام قىلماقتا، بۇ نۇقتا ھەتتا خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيەسىدىمۇ ئېنىق خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئۇيغۇر رايونىدا 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جاي-جايلاردا دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مەزكۇر يېڭى نىزامنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ خىل ئۆگىنىشلەر ئارقىلىق دائىرىلەرنىڭ «مۇقىملىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنداقلا خەۋەردىن يەنە، بۇ خىل تەربىيىلەش سىنىپلىرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىشقا ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۈپ خىل مەزمۇن ۋە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

تەپسىلاتى...

خىتاي كومپارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭ بيۇروسى» قۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10– ماي

خىتاي كومپارتىيەسى 4‏-ماي «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل يېڭى ئورگان تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار ئىستىخبارات توپلاش ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ 9‏-ئىدارە، دەپ ئاتالغان بۇ ئورگىنىنىڭ ئاچقۇچلۇق خىزمەت فۇنكسىيىسى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە مەسلىھەت بېرىش ۋە سىياسەت تۈزۈشتۇر.

خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ 4‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، 9‏-ئىدارىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، سىياسەتنى تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەركەزنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار ھەر خىل قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىجرا قىلىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سۈرۈشكەن.

بۇ ئورگان، چېن چۈەنگونىڭ سېكرىتارلىقىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا ئامانلىق تەدبىرى مىسلىسىز كۈچەيتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە، ھىجاپ، ساقال، روزا -رامزان، ئىسلامى تىندىنسىيەسى كۈچلۈك ئىسىملار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق چەكلىمە قويۇلۇپ، مەيدانى «دېلىغۇل» كادىرلار باستۇرۇلۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. شۇڭا، بۇ ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى دىققەت قوزغاپ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇ ئورگانغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟» دېگەن سوئال پەيدا قىلدى.

تەپسىلاتى...

«خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامازغا ئالاقىدار 7 نۇقتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى»

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تۈركىستان ۋاقتى

  • خوتەن ۋىلايىتى بويىچە نامازدا ئوقۇلۇدىغان قۇرئان(سۈرە، ئايەتلەر)نى بىرلىككە كەلتۈرۈش

«قۇرئان»دا بەلگىلەنگەن 1- پارىنىڭ 1- سۈرىسى بىلەن 30- پارىدىن 9 سۈرە(94- سۈرە، 95- سۈرە، 97- سۈرە، 99- سۈرە، 103- سۈرە، 106- سۈرە، 107- سۈرە، 110- سۈرە، 113- سۈرە) تاللىنىپ، جەمئىي 10 سۈرە نامازلاردا ئوقۇلىدۇ.

  • خوتەن ۋىلايىتى بويىچە جۈمە نامىزىدا قىلىنىدىغان تەبلىغ مەزمۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش

2017- يىلى جۈمە نامىزىدا تەبلىغ قىلىنىدىغان مەزمۇنلار ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەرگە تارقىتىلدى. نۆۋەتتە پۈتكۈل ۋىلايەت مىقياسىدىكى جۈمە ئوقۇلىدىغان مەسچىتلەردە بىر تۇتاش تارقىتىلغان مۇندەرىجە ۋە مەزمۇن بويىچە تەبلىغ ۋە تەپسىر قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ۋيلايىتى بويىچە جۈمە نامىزىدا ئوقۇلۇدىغان خۇتبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش

2017- يىلى جۈمە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان بەش پارچە ئەرەبچە خۇتبە مەزمۇنى ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەرگە تارقىتىشقا تەييار بولدى. بۇندىن كېيىن پۈتكۈل ۋىلايەت مىقياسىدىكى جۈمە ئوقۇلىدىغان مەسچىتلەردە بىر تۇتاش تارقىتىلغان بەش پارچە ئەرەبچە خۇتبە مەزمۇنىغا ئاساسەن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. (دىنىي زاتلار پەقەت ئەرەبچىلا ئوقۇيدۇ)

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېچىۋېتىشى لازىم

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى
2017 – يىلى 6– ماي

2017- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات چەكلىمىلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

2017- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى (UHRP) خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا دۇچ كەلگەن ئاتالمىش مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ئىسپاتلاشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئاخبارات خادىملىرىنىڭ توسالغۇسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋا قىلىۋاتقان ئاتالمىش مۇقىمسىزلىقنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى باھالىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارىدا قونالغۇ خېرىدارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ساقچىخانىلارغا ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 4– ماي

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مېھمانخانا خېرىدارلارنىڭ كىملىك ۋە پاسپورت ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك ھالدا ساقچىخانىلارغا يوللاش ئومۇملاشقان. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلاردا مۇسۇلمانلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە سېلىشتۇرغاندا قاتتىقلىقى ئاشكارىلاندى. مېھمانخانا خادىملىرى بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنى، مۇقىملىقنى قوغداش ئېھتىياجى، دەپ ئىزاھلىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مېھمانخانىلاردا بىخەتەرلىك ئېھتىياجى نامىدا، مېھمانخانا خېرىدارلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى يەرلىك ساقچىخانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ چەتئەل پاسپورتلىرى بىلەن يۇرتىغا تۇغقان يوقلاش ياكى ساياھەت ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىرقانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا مېھمانخانىلارغا چۈشمەكچى بولغان خېرىدارلارغا قارىتا كىملىك ۋە پاسپورت نومۇرلىرىنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خېرىدارغا دائىر شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

تەپسىلاتى...

پەيزىۋات بارىندا قېينى مومىسىنىڭ نەزىرىگە بارمىغان ماھمۇتجان ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن قاماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 4– ماي

مۇخبىرىمىزنىڭ چەتئەلدىن قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى سېكرېتار ۋە ساقچى خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى داۋامىدا، بارىننىڭ 1-كەنتىدىنلا 7 كىشىنىڭ تۈرمىدە ۋە 10 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى، تۇتقۇنلاردىن 25 ياشلىق ماھمۇتجان ئابدۇرېھىمنىڭ ۋاپات بولغان قېينى مومىسىنىڭ نەزىرىگە بارمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، تۈرمىدىكىلەردىن 22 ياشلىق پاتىمە تۇرسۇن پاكىستانچە كىيىنگەنلىكى ئۈچۈن ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىلنىڭ ئالدىدا 7 يىللىق كېسىلگەن.

تەپسىلاتى...

يەرلىك كادىرلار: چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشتە ھۆججەت بار

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 4– ماي

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىككى كەنت سېكرېتارى ۋە بىر نەپەر ساقچى خادىمى نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش ئۈچۈن ئائىلە زىيارىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بارىن يېزا 1- كەنتتىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان 5 ئوقۇغۇچىدىن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىككىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى، ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۈچىنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن5 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 27– ئاپرىل

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ يىللىق دوكلاتىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينى بۇ يىل يەنە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى دىققەت قىلىنىدىغان ئالاھىدە دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى.
بۇ، مەزكۇر كومىتېتىنىڭ خىتاينى 1999‏-يىلدىن بېرى ئۇدا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلىشىدۇر.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئوز دوكلاتىدا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى شەرھلەپ، 2016‏-يىلى خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، بۇددىست تىبەت، فالۇنگوڭ ۋە ئائىلە خرىستىئان چېركاۋلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ «دۆلەتكە تەھدىت، دەپ قارالغان ھەرقانداق دىندار، ئادۋوكات، پائالىيەتچى ۋە باشقا ئىجتىمائىي گۇرۇھ ئەزالىرىنى باستۇرغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەربىيە بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەق-ھوقۇقلىرىغا چەكلىمە قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...