دۇنياۋى سورۇنلاردىكى ئۇيغۇرغا ھەمدەملىك ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان جاۋابلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تۇتقۇندا مىليونلارچە كىشىنىڭ بىر كېچىدىلا مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىق دۇنيا ئاخباراتىغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن دوكلاتلار ۋە خەۋەر ماقالىلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما بۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان لاگېر قۇرمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ لاگېرلارغا قامالمىغانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىدى.

ھالبۇكى، خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئىنكار قىلىشى بىلەنلا توختاپ قالمىدى. بولۇپمۇ بىر قىسىم خەلقئارالىق ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىنىڭ تەكىتلىنىشى دەسلەپكى ۋاسىتىلىك سۆزلىشىشتىن تەدرىجىي ھالدا ئۇدۇل ھەمدە بىۋاسىتە سوئال قويۇش باسقۇچىغا كۆتۈرۈلدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار تۈرلۈك دوكلاتلارنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭدەك خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە كۆپلەپ ئىسپاتلىق گۇۋاھلىق بەردى. بولۇپمۇ 2019-يىلى جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان ب د ت يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالاھىدە سۆز قىلىپ، بۇ ھەقتىكى خەلقئارانىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تەرىقىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى. ئۇ سۆزىدە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جايلارنىڭ قانداقتۇر لاگېر ئەمەس، ئەكسىچە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىلىدىغان مەكتەپلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە «يۇقۇملىنىپ قالغان بىمارلار» نى داۋالاپ ساقايتىشنى مەقسەت قىلغان مۇئەسسەلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي لوپنۇردا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت بولۇۋاتقان، ھەممە دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالغان بۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەخپىي يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ لوپنۇر يادرو سىنىقى بازىسىدا كۆپ قېتىم ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتىغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. رادىيومىزنىڭ 2005-يىلى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» سەھىپىسىگە بېرىلگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 1964-يىلدىن باشلاپ لوپنۇردا ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرىدا يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە ۋە يادرو سىنىقىغا قاتناشقان ھەربىي خادىملار بولۇپ، جەمئىي 750 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. خىتاي 1997-يىلغىچە بۇ جايدا 47 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇ سىناق جەريانىدا تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئاتوم رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەر خىل غەيرىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.

تەپسىلاتى...

لاگېر سايىسىدىكى ئاڭلانماس پەريادلار ۋە دۇنيانىڭ سۈكۈتلۈك چۇقانلىرى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى تۈرلۈك خەۋەرلەر غەرب ئاخبارات ساھەسىدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە يەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ ھەقتە كىشىلەر ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىچە خەۋەرلەر ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يىلى ئاپرېل ئايلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى مىڭلاپ تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەنلىكى، بۇ كىشىلەرنىڭ «سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى ھەربىيچە باشقۇرۇلىدىغان مۇئەسسەلەرگە قامىلىۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەشىق بازىلىرى» ۋە «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» بەرپا قىلىۋاتقانلىقى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇ ۋاقىتتىكى تۇتقۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلاردىن زۇمرەت داۋۇت ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى:

دۇنيا دەسلەپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا بۇنىڭدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە گۇمان قىلدى. چۈنكى بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىللەت ئەزالىرىنى مىڭلاپ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىتلېر گېرمانىيەسىدە بىر قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيانقى 70 يىل جەريانىدا دۇنيا بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان ئىدى. دۇنيامۇ «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن شوئارنىڭ رېئاللىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەلگەنىدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قاتلىمى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (2)

ئىلاۋە

3 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن تۇتقۇنلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ خىتاي دائىرىلىرى بۇلارنى قانداق بىر ئېھتىياج ياكى مۇددىئا بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىدى؟ ئۇلار ئانا يۇرتىدىن مىڭلارچە كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي يات بىر ئەلنىڭ زېمىنىدا كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب سۈپىتىدە «لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

لاگېردىكىلەردىن «جىنايىتى» ئېغىر بولغان بىر بۆلىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (1)

ئىلاۋە:

خىتاي دائىرىلىرى «تەربىيەلەش» مەركىزىدىكىلەرنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەر ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىكى بوشلۇق تېخى تولغىنى يوق؛ ئاقسۇ، خوتەن ۋە تۇرپاننىڭ مەھەللە-كوچىلىرىدىكى چۆلدەرەش تېخى تۈگىگىنى يوق؛ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن بازارلىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىق تېخى ئەسلىگە كەلگىنى يوق؛ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ نەدىلىكىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز. مانا بۇ ئەھۋال، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدا لاگېرغا سولانغانلارنىڭ بۈگۈنكى يەنى لاگېر قۇرۇلۇپ 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە سوئاللار تۇغدۇرماقتا.

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب سۈپىتىدە لاگېرلار ھەققىدە ھازىرغىچە ئىشلەنگەن پروگراممىلىرىمىزغا ئاساسەن، «لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» دېگەن تېمىدا چاتما تەپسىلات سۇنماقچىمىز. تۆۋەندە بۇ چاتمىنىڭ بىرىنچى قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

خىتاي تۈرمىسىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇر ساقچىمۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن قۇتۇلالمىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

14-ئاپرېل كۈنى كانادا دۆلەتلىك رادىيوسىدا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە كانادادا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ زىيارەت قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان ئېرى ۋە يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

بىز ئېنىقلاشلار داۋامىدا گۈلشەن ھاجى ئىسىملىك بۇ خانىمنىڭ 2016-يىلى كاناداغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكى، نۆۋەتتە كانادانىڭ ۋانكوۋىر شەھىرىدە بىر قىزى بىلەن تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي تۈرمىسىدە ئىشلەيدىغان ئېرى ئادىل ياقۇپنىڭ 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.

گۈلشەن ھاجى خانىم 15-ئاپرېل رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 22 يىل تۈرمە ساقچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئېرى ئادىل ياقۇپنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامىلىشتەك قىسمەتتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

نوپۇس يۆتكىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئائىلە ئايالى ئايگۈل تۇراخان 10 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاشكارىلىنىشىچە، تېكەس ناھىيەسىدىن نوپۇسىنى يۆتكىگەنلىكى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان ئائىلە ئايالى ئايگۈل تۇراخان تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا «قول تېلېفونى ئارقىلىق دىنىي مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى باشقىلارغا تارقاتقانلىقى بايقالغان» لىقى ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەن. دەلىللىنىشىچە، ئۇ نۆۋەتتە غۇلجا شەھەر بايكۆلدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تېكەس ناھىيىسىدە قاسساپلىق قىلىۋاتقان مەمەتئەلى ئابدۇرىشىت تىجارىتىنى غۇلجا شەھىرىدە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 2010‏-يىللارنىڭ بېشىدا ئايالى ئايگۈل تۇراخۇن ۋە ئوغلى شىرئەلىلەر بىلەن بىرلىكتە غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارغا ئادەم توپلاش باشلانغاندا كۆچمە نوپۇستىكىلەر ئاساسلىق بىر نىشان بولغان. نەتىجىدە مەمەتئەلى ئابدۇرىشىت ئايالى بىلەن بىرلىكتە لاگېرغا ئەكېتىلگەن. لاگېردىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش» ۋە تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا ئايگۈل تۇراخۇننىڭ قول تېلېفونى ئارقىلىق ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» مەزمۇندىكى بىر ماتېرىيالنى بىر قانچە تونۇشلىرىغا يوللىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ قىلمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» دەپ قارالغان. دائىرىلەر سوتسىز چىقىرىلغان بىر ھۆكۈم ئارقىلىق ئايگۈل تۇراخۇننى 2019‏-يىلنىڭ بېشىدا 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەر خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى بىلەن قاپلانماقچى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە مائارىپ ساھەسىنىڭمۇ تەرەققىياتى زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىندا «شىنجاڭ گېزىتى» 2020-يىلى-9 ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 2020-يىللىق 1-تۈركۈمدىكى مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى مەجبۇرىي مائارىپى مەكتەپلىرى، تولۇق كۇرس ۋە ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان ئالتە مەخسۇس تۈرگە جەمئىي 986 مىليون يۈەن ئاجراتقان. خىتاي دۆلەت خامچوتىدىن ئاجرىتىلغان بۇ زور مەبلەغ سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە نىشانى ھەققىدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرى قاتارلىق مەنبەلەردىن بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش مۇمكىن.

«خەلق تورى» نىڭ بۇلتۇر 3-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 2-ئاپرېل «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» نى تارقاتقان بولۇپ، توققۇز تۈرلۈك ئاساسلىق تەدبىر ئارقىلىق، تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۇچۇر ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

تەپسىلاتى...

«قانۇنسىز» دىنىي زاتنى ماشىنىسىدا ئېلىپ ماڭغان تاكسى شوپۇرى 16 يىل 8 ئايلىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىنكاس قىلىنىشىچە، غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تاكسى شوپۇرى شىرئەلى مەمەتئېلى 2018-يىلى 11-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 6 ئايدىن كېيىن 16 يىل 8 ئايلىق كېسىۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ مەلۇم بىر ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي زاتنى ماشىنىسىدا ئېلىپ ماڭغانلىقى ۋە ئۆزىمۇ بۇ زاتتىن دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن 16 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە شىخۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.

غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسىدا تاكسىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان شىرئەلى مەمەتئېلى 2018-يىلى 11-ئايدا غۇلجا شەھەر ئىچىدە تاكسى ھەيدەۋاتقان مەزگىلىدە، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن؛ ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ قايسى قاماقخانىدا ياكى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىدىن ئۇنىڭ 16 يىل8 ئايلىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئېغىزاكى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان. خادىملار، بۇ ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزۈش داۋامىدا، ئۇنىڭ قانۇنسىز دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ۋە قانۇنسىز توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى يەتكۈزگەن.

تەپسىلاتى...

«چوڭ شاھمات تاختىسى» نىڭ تەرجىمانى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن «بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

7-ئاپرېل كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رادىيومىزدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرمەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن يەنە بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئامېرىكالىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى زىبىگنيېۋ برىزېنىنسكىي‏ تەرىپىدىن يېزىلغان «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قېتىم سوراققا تارتىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەھۋالىدىن يېقىندىن خەۋەردار بولغان ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ 2017‏-يىلنىڭ بېشىدا بىر تۈركۈم تەرجىمە كىتابلىرى سەۋەبلىك ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن بىر قېتىم سوراققا تارتىلغان.

تور ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن ئامېرىكالىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى زىبىگنيېۋ برىزېنىنسكىي تەرىپىدىن يېزىلغان «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابى، يەنە ئامېرىكالىق ئاپتورلاردىن مەشھۇر مىلياردېر بىل گەيتىسنىڭ «بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن» ناملىق كىتابى ۋە ستېۋېن كوۋېينىڭ «ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» ناملىق كىتابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن.

تەپسىلاتى...