ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى سادالار كۈچەيمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى چاپچال ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ 2019‏-يىلى چۈشۈرگەن ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-كەنت پۇقرالىرىغا «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى كومپارتىيەگە، شۇنداقلا زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ تۈزۈمىگە ئىتائەتمەن ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ھۆججەتتە، چاپچال ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگە سان چۈشۈرۈپ، بۇ ناھىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن چوقۇم زاۋۇت كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلىشى، ئىشلەشنى رەت قىلغان ئائىلىلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ھۆججەتتە، «كەسپىي تەربىيە» ئارقىلىق يەرلىك پۇقرالاردىكى «چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ھورۇنلۇق، بىپەرۋالىق، بوشاڭلىق، باشباشتاقلىق، شەخسىيەتچىلىك خاھىشلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ شىركەت قائىدە-تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىدىغان شەخسلەرگە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى كەڭ كۆلەملىك خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ «كەسپىي تەربىيە» ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى ۋە «ئەسەبىيلىك» ئىدىيەسىدىن خالى قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۈزلەندۈرۈپ، خەلقئارادا «لاگېرلار تاقالدى» دېگەن تەسىرات يارىتىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ، بىر خىل مۇقىملىق تەدبىرى بولۇپ، خىتاينىڭ پىلانى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا زاۋۇت-كارخانىلارغا بەنت قىلىش، ئۇلارنى بۇ ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇش ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسى ئارقىلىق باقىتئەلى ياتقان لاگېرنىڭ ئورنىنى تېپىپ چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باقىتئەلى نۇر ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 2018-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چاپچالدىكى لاگېردا ۋە كېيىن مەخسۇس كېسەل تۇتقۇنلار قامىلىدىغان ئاغرىقلار لاگېرىدا ياتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ 2019-يىلى 8-ئايدا قازاقىستانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سالامەتلىكىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

باقىتئەلى ئۆزى تۇرغان لاگېرنىڭ ئەسلى ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەنلىكى، 2015-يىللىرى چاپچال ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ مەكتەپنىڭ ئورنىنى ناھىيەدىكى ئۇيغۇر بايلاردىن مەخمۇت قوناخۇن سېتىۋېلىپ، شوپۇرلۇق كەسپىي مەكتىپى ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ئورۇننىڭ كېيىنچە دائىرىلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ، لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى، ھەتتا مەكتەپنىڭ ئىگىسى بولغان مەخمۇت قوناخۇننىڭمۇ شۇ لاگېرغا قامالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

تۈركىيەدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئاڭلىغۇچىمىز باقىتئەلىنىڭ ئېيتقانلىرىغا كومپيۇتېر تېخنىكىلىرىغا تايىنىپ ئوخشىمىغان سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىلەردىكى ئىزدەش نەتىجىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىدىكى چاپچال ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ لاگېرغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئۇنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن مۇلاھىزىسىدە سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىلىرىدىن بايقىغانلىرىغا ئاساسىدا مۇنداق يەكۈنلەر ئوتتۇرىغا قويغان. «ئوخشىمىغان 5 پارچە سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىكى ئىزدەش نەتىجىسى ئەسلىدىكى چاپچال ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ لاگېرغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ لاگېردا 700 ئەتراپىدا كامېر بار بولۇپ، 8500 دىن ئارتۇق يەرلىك (ئۇيغۇر ۋە قازاق) تۇتقۇنلار قامالگغان ئىكەن. كۆلىمى 100 مو كېلىدىكەن. لاگېر ئەتراپى ئېگىز تام بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغاندىن باشقا يەنە 6 يەردە كۆزىتىش ئۆيى بار ئىكەن.»

تەپسىلاتى...

«زىمىستان» تورى كۆپ ساندىكى تۇڭگانلارنىڭمۇ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى تۇڭگان ئەرلىرى لاگېرلارغا قامىلىپ، ئاياللار ۋە قېرىلارنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشى قىيىنلاشقان.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇم سېلىپلا قالماي، بەلكى تۇڭگانلارنىمۇ لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قىيىن ۋەزىيەتتە قويغان.

«زىمىستان» تورى 5-يانۋار «شىنجاڭنىڭ تۇڭگان يېزىسىدىكى ئەرلەر لاگېرلارغا قامالدى، ئاياللار ۋە قېرىلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن قىيىنلاشتى ۋە ئۇلار ‹ئۆگىنىش› كە مەجبۇرلانماقتا» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى بىر تۇڭگان يېزىسىدا كۆپلىگەن تۇڭگان ئەرلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئاياللىرى، بالىلىرى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتا زور قىيىنچىلىققا يولۇقۇپلا قالماي، ھەر كۈنى كەچتە «ئۆگىنىش» كە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپلەردە كەمسىتىلىپ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى ۋە مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىتى باختئەلىنىڭ پاجىئەلىك كەچمىشى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2015-يىلىدىن باشلاپ ئانچە-مۇنچە چېگرا سودىسى قىلىپ ئائىلىسىنى قامداپ كېلىۋاتقان چاپچاللىق قازاق دېھقان باختئەلى نۇر 2017-يىلى، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قازاقىستاندىن قورغاس چېگراسى ئارقىلىق يۇرتىغا قايتقىنىدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ چاپچالدىكى لاگېر ۋە مەخسۇس كېسەل تۇتقۇنلار قامىلىدىغان ئاغرىقلار لاگېرىدا جەمئىي بىر يىل سەككىز ئاي زۇلۇم ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارنى كۆرۈپ، ئاخىرى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يېرىم جان ھالدا قويۇپ بېرىلگەن. 2019-يىلى، 8-ئايدا قازاقىستانغا كەلگەن بولۇپ تا ھازىرغىچە داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ ھېلىھەم سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلەلمەيۋاتقان ئىكەن. يېقىندا ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن جەم بولۇپ خاتىرجەم بولغان بەختئەلى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش بىگۇناھ مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ چاپچالدىكى لاگېردا كۆرۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن يېقىندا قازاقىستاندىكى «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» ئارقىلىق رادىيومىز بىلەن ئالاقىلاشتى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتىدۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدىكى داڭلىق رادىئو قاناللىرىدىن «غەربىي جەنۇب رادىئوسى» 30-دېكابىر «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتىدۇ؟ شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ناملىق خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەجىملىك بىر پروگرامما تارقاتتى.

مەزكۇر پروگراممىنى كىرىستېنى ئادېلھارد (Christine Adelhadt)، فىلىپ ئېكشىتايىن (Philipp Eckstein)، جان لۇكاس شىتروزىك (Jan lukas Strozyk)، بېنېدىكىت شىترۇنىس (Benedikt Strunz) قاتارلىق 4 مۇخبىر بىرلىكتە ھازىرلىغان بولۇپ، 28 مىنۇتلۇق بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مۇخبىرلار بۇ پروگرامما ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنى، مەشھۇر سىياسەتچىلەردىن گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مارگېرېتا بائۇسېنى، گېرمانىيەدىكى بىرقانچە ئۇيغۇرنى ھەم مەركىزى بېرلىندىكى «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىنى زىيارەت قىلغان.

پروگراممىنىڭ كىرىش سۆزىگە «خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەققىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قانداق بۇيرۇق بەرگەنلىكى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن جۈملە يېزىلغان.

تەپسىلاتى...

ئەر-ئايال قازاق شاھىت: «بىز قازاق بولغىنىمىز ئۈچۈن خىتايدىن قۇتۇلۇپ چىقالىدۇق، ئۇيغۇرلارغا مۇمكىن ئەمەس»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىلىنىڭ چاپچال ناھىيەسىدىكى لاگېردا 1 يىل 8 ئاي تۇرۇش جەريانىدا، سالامەتلىكى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن باختئەلى نۇر، يېرىم جان ھالدا بۇ يىل-8 ئايدا بىر قىزى بىلەن قازاقستانغا كەلگەن، 3 ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ چاپچالدا قالغان ئايالى گۇلنار ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئامان-ئىسەن قازاقىستاندا جەم بولغان. 30-دېكابىر ئالمۇتىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇلار يەنە ئەڭ ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلارنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز قازاق بولۇپ قالغىنىمىز ئۈچۈن خىتايدىن قۇتۇلۇپ چىقالىدۇق، ئۇيغۇرلارغا مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ. تەپسىلاتىنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، غۇلجىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان بۇ ئىككى قازاق شاھىت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىن ئاڭلايلى.

50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان باختئەلى نۇر 3 بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇ ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان. ئۇ ئەسلى دېھقان بولۇپ، 2015-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن كۆكتات ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قازاقىستانغا توپ ئۆتكۈزۈپ چېگرا سودىسىنى باشلىغان، ئەمما ئۇ، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قورغاس چېگراسىدا ئىككى كۈنلۈك سودىسىنى تۈگىتىپ قايتقىنىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر كۈن كېچە كۈندۈز قاتتىق سوراق قىلىنغاندىن كېيىن چاپچالدىكى تەربىيەلەپئۆزگەرتىش مەركىزى دەپ لوزۇنكا ئېسىلغان لاگېرغا قوللىرى كىشەنلىك ھالدا ئېلىپ كېلىنگەن.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى بولغان CGTN قانىلى «StillNoInfo#» ھەرىكىتىنى قارىلاشقا ئۇرۇنماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان CGTN قانىلى، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» ئۆزىنىڭ يۇۋتۇب ۋە تىۋىتتىردىكى ھېسابلىرى ئارقىلىق قىسقا ۋىدىيولارنى تارقىتىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 2-3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى قىلالمايۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ۋىدىيولاردا يېقىندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىشلىتىۋاتقان «StillNoInfo#» يەنى «تېخىچە ئۇچۇر يوق» ھەرىكىتى ئاساسلىق نىشان قىلىنىپ تۇرۇپ: «تېخىچە ئۇچۇر يوق خەشتەگ ھەرىكىتىگە زەربە، بىز ئۇنى تاپتۇق»، «تېخىچە ئۇچۇر يوق، كىم يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» قاتارلىق تېمىلاردا ۋىدىيو تارقاتقان.

CGTN قانىلى 26-دېكابىر كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ۋىدىيودا ئۆزىنى مۇخبىر دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئايال تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ: «يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى تور بەتلەردە خىتايدىكى يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەش ھەرىكىتى قوزغالدى. بۇ شەخسلەر ۋە ئورگانلار تېخىچە ئۇچۇر يوق، دېگەن خەشتەگنى قوللىنىپ تۇرۇپ چىقارغان ئۇچۇرلىرىدا تەربىيەلەشنى تۈگەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. CGTN شىنجاڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئاتالمىش يوقاپ كەتكۈچىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى» دەيدۇ.

تەپسىلاتى...

قازاقستاندىكى لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نۆۋەتتە قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2018-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە خىتاينىڭ غۇلجادىكى لاگېرىدا 15 ئاي ياتقان. كېيىن غۇلجادىكى مەلۇم لاگېر ئىچىگە قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى 2019-يىلى ئەتىياز مەزگىلىدىن باشلاپ يوتۇب، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىغان ئىدى.

گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى يېقىندا ۋاتسئاپ تورىدا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ يېڭى يىلدىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە جامائەتچىلىكتىن ياردەم سورىغان.

26-دېكابىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈلزىرە خانىم 2019- يىلى 19- دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ يېڭى يىلدىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاندىن قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئادەملەر تىزىملىكىدىن خەۋىرى بار مەلۇم بىر خادىمدىن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

پائالىيەتچىلەر «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئاتالمىش ‹يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار› نورمال ياشاۋاتىدۇ، ‹#تېخىچە ئۇچۇر يوق› سەپسەتەسىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ تاشلاندى» سەرلەۋھەلىك ماقالىنىڭ باشلىنىشىدىلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن پائالىيەتچىلەر قوزغىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىنغان.

ماقالىدە «چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلار ‹خىتايدا يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى ئىزدەش› نامىدا تور ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىتىنى قارىلايدىغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار توردا ئۇچۇر تارقىتىپ، 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنغان ‹ئىلگىرى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى› ھەققىدىكى باياناتقا قارشى ھالدا ‹بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتتى› دېگەن يالغان تەشۋىقاتنى ئېلىپ بارماقتا،» دېيىلگەن.

تەپسىلاتى...

قاشتېشى سودىگىرى ئەلى خوراز (ئابدۇللا) نىڭ جەمەتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن 52 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

رادىيومىز قولغا چۈشۈرگەن خوتەنگە ئائىت بىر سوت ھۆكۈمنامىسىدە قاشتېشى سودىگىرى ئېلى ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ 3 قېرىندىشى ۋە بىر قېينىئىنىسىنىڭمۇ 20 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئەلى ئابدۇللانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە شىركىتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى قاتقاندا جەمئىي 48 كىشىنىڭ كېسىلگەنلىكى ۋە 4 كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

بۇنىڭدىن يەتتە ئاي ئىلگىرى سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ گۇمادىكى قاماقخانىدىن خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاماقخانىسىغا يۆتكەلگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قاماقخانىدا ئىلگىرى ئەلى ئابدۇللانىڭ دېلوسىغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ياتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

قولىمىزغا چۈشكەن سوت ھۆكۈمنامىسىدىمۇ ئەلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگىنىدىن باشقا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن‏ مەمتىمىن ئابدۇللا ۋە ئىبراھىم ئابدۇللانىڭ 20 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ۋە بىر مىليون 150 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقى، قېينىئىنىسى ئابلىز ئىسلامنىڭمۇ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

تەپسىلاتى...