ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات 3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات خانىم. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات 2017-يىلى 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىسى شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-قاماقخانىدا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باققان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە سەييارەنىڭ نەدىلىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. بۇ ئەھۋالدىن تېخى يېقىندا خەۋەر تاپقان سەييارەنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى رادىيومىزغا بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا سەييارە ئىشلىگەن دوختۇرخانا ۋە ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىمۇ سەييارە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
2014-يىلى شىخەنزە مېدىتسىنا ئونۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن سەييارە نىجات ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ 3 يىل ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر قاتارىدا ئۇنىڭمۇ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەنلەرنىڭ لاگېرغا ئەكىتىلگەندىن كېيىن بىر قىسمىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى، بىر قىسمىنىڭ زاۋۇت-فابرىكىلارغا مەجبۇرىي ئىشچىلىققا يوللانغانلىقى ھەققىدە ئائىلىسىگە ئاغزاكى ياكى يازما ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە زور بىر قىسمىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئەنە شۇ تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان غايىپلاردىن بىرى سەييارەنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن رەخى ھاجىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، سەييارەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تۇتقۇندىن كېيىن ئىز-دېرىكى يوقالغانلىقى ھەققىدە چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۇچۇر بېرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ خادىمى بۇ دوختۇرخانىدا سەييارە نىجات ئىسىملىك بىر دوختۇرنىڭ بار ياكى يوقلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، سەييارە ھەققىدە ئالاقىدار بۆلۈملەردىن ئۇچۇر ئېلىپ بېرىشنىمۇ رەت قىلدى.
تەپسىلاتى...