كەنت سېكرىتارى: «‹قوشماق تۇغقان› لىرىمىز ئۆزىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى بىزدىن يوشۇرىدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىز خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ ئىجرائاتلىرىنى ئېنىقلىشى داۋامىدا ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لاردىن خىتاي تەرەپنىڭ ئۆز كىملىك مەلۇماتلىرىنى قارشى تەرەپتىن يوشۇرىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. خوتەندىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆزىنى ئىككى يىلدىن بۇيان يوقلاپ تۇرۇۋاتقان خىتاي تۇغقىنىنىڭ پەقەتلا ئىسمىنى بىلىدىغانلىقى، ئەمما نەدە ئىشلەيدىغانلىقى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر رايونىدىن يېقىندا چىققان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتمۇ ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «قوشماق تۇغقان» لىرىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى سورىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ غەلىتە تەرەپلىرى كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لاردىن خىتاي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى ئۇيغۇر تۇغقىنىدىن مەخپىي تۇتۇدىكەن. شۇنداق بولغاچقا خوتەندىكى مەلۇم بىر كەنت سېكرىتارى ئۆزىنى 2 يىلدىن بۇيان يوقلاپ تۇرۇۋاتقان خىتاي تەرەپنىڭ نەدە ئىشلەيدىغانلىقىنى تا ھازىرغىچە بىلەلمىگەن.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ «Hikvision» شىركىتىنىڭ نازارەت كامېرالىرىنى «ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە» دەپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خەيكاڭ يەنى «Hikvision» شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «دىجىتال تەقىبلەش» سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بويىچە نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەش ئىشلىرىغا يېقىندىن ھەمكارلىشىش بىلەن تونۇلغان ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ بىرى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىنىڭ نازارەت كامېرالىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا «ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ» دەپ تۇرۇپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

11-نويابىر كۈنى، ئامېرىكادىكى پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات تور بېتى بولغان «IPVM» نىڭ تور خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، «Hikvision» شىركىتى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تور بېتىدە DS-2CD7A2XYZ-JM/RX تىپلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدا «بۇ كامېرالار مىللەت پەرقىنى ئايرىيالايدۇ، مەسىلەن، ئۇيغۇر، خىتاي دېگەندەك. . . توغرىلىق نىسبىتى 90 پىرسەنتكە يېتىپ بارىدۇ» دېگەن جۈملىلەرنى ئىشلەتكەن. بۇ يۇقىرىدىكى تېخنىكا خەۋەرلىرى تورى بولغان «ئىپۋم» نىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، خەيكاڭ شىركىتى دەرھال بۇ ئېلاننى تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن. بىز بۇ شىركەتنىڭ تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ باققان بولساقمۇ، تېلېفونغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە سەپىرىدە غايىب بولغان يوپۇرغۇلۇق تىجارەتچى ئىبراھىم قۇرباننىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدىكى يوپۇرغۇلۇق مۇھاجىرلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2016-يىلى 5-ئايدا يوپۇرغىدىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققان تىجارەتچى ئىبراھىم قۇربان ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى غايىب بولغان. ئايروپىلان بېلىتى ئېلىنىپ بولغان ئىبراھىم قۇرباننىڭ ئايروپىلان ئۇچۇشقا ئىككى كۈن قالغاندا ئىز-دېرىكى غايىب بولۇشى ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى دوستلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇلار، ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئىبراھىم قۇرباننىڭ يوپۇرغىدا قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكىدىن 2 يىل كېيىن خەۋەر تاپقان. مۇخبىرىمىزنىڭ يوپۇرغىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئىبراھىم قۇرباننىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى.

ئەسلىدە يوپۇرغىنىڭ تېرىم يېزىسىدىن بولغان ۋە ئۈرۈمچىدە ئابلىز سودا سارىيىدا دۇكان ئېچىۋاتقان تىجارەتچى ئىبراھىم قۇربان، 2016-يىلى 4-ئايدا بىر دوستى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن. تۈركىيەدىكى ئىككى ھەپتىلىك ساياھىتى جەريانىدا تۈركىيەدە تىجارەت قىلىشنى پىلانلىغان ئىبراھىم قۇربان، شۇ يىلى 5 ‏-ئايدا يوپۇرغىدىن تۈركىيەگە قاراپ ئىككىنچى رەت سەپەر قىلغان. ئەمما ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان. ئۇنىڭ بۇ سەپىرىدىن خەۋىرى بولغان ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى دوستلىرى، ئۇ بېلىتىنى ئالغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. 2017-يىلى باشلانغان لاگېرغا ئادەم تۇتۇش دولقۇنى، ئىبراھىم قۇربان ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشنى تېخىمۇ مۈمكىنسىزلەشتۈرگەن. ئارىدىن ئىككى يىلچە ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى دوستلىرى ئىبراھىم قۇرباننىڭ يوپۇرغا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەمەت ئوبۇل تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە تۇتۇلغانلىقى، يوپۇرغىغا ئەكېتىلىپ سوراق قىلىنغانلىقى ۋە قاماقخانىدا قىيىن-قىستاقتىن جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

تەپسىلاتى...

بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر قومۇشكۆلدىكى رۇيى توقۇمۇچىلىق زاۋۇتىدا ئىشىلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ لاگېرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ۋە يېڭىسار ناھىيەلىرىدە لاگېردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ يېڭىشەھەردىكى ساۋخۇ، يەنى قومۇشكۆل دېگەن جايغا سېلىنغان رۇيى توقۇمىچىلىق فابىرىكىسىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ھەپتىدە، ئايدا ياكى 3 ئايدا بىر قېتىم ئۆيىگە قايتىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

قەشقەر يېڭىشەھەردە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى خادىملاردىن بىرى ئۆزى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر كەنتتە لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەردىن 14 كىشىنىڭ نۆۋەتتە رۇيى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تەپسىلاتى...

«شىنجاڭ قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت تۇتقۇندا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011‏-يىللىق 5‏-سانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مىللىي كارخانىچى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان «شىنجاڭ قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەتنىڭ 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاساسلىقى ھالال يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ شىركەتنىڭ 2011‏-يىلدىلا ئۇيغۇر رايونى بويىچە 120 ئورۇندا توپ سېتىش، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇندا پارچە سېتىش نۇقتىسى بار ئىكەن. نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئىش بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بۇ باش دىرېكتور ئىككى قېرىندىشى، يەنى شىركەتنىڭ ئىككى ياردەمچى رەھبىرى ئابدۇكېۋىر ئابدۇسەمەت ۋە ئابدۇسەمى ئابدۇسەمەت بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: «خىتايدا ھەر كۈنى خرۇستال كېچىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كۈندىلىك بېسىم سىياسەتلىرى ۋە ئۇ يەردە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سەۋەبسىزلا قامالغان لاگېرلارغا ئائىت ئىنچىكە دېتاللار ئاستا-ئاستا سۇ يۈزىگە چىقىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يەرشارىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەر ئىكەنلىكىدەك بىر نۇقتىدا ئورتاقلاشماقتا. يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنى تارىختا ناتسىستلار ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرگە ئوخشاتماقتا.

ئەنە شۇنداق ماقالىلەرنىڭ بىرى 3-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرات سەھىپىسى مۇھەررىرى فرەد ھايېت تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. «خىتايدا ھەر كۈنى كىرىستالناخت يۈز بېرىۋاتىدۇ»، يەنى «خىتايدا ھەر كۈنى خرۇستال كېچىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە زور تەسىر قوزغىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۈرۈمچى كۆكتېرەك مەسچىتىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ساختا سەھنە ھازىرلىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر مىليوندىن 2 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، خەلقئارالىق جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بىر قانچە نۆۋەت چەتئەل زىيارەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇشىغا يول قويغانىدى. ئەمما بۇ ئۆمەكلەر ئاساسەن خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ دائىرىلەر ئۇلارنى ئاساسلىقى بىر قىسىم كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ۋە بىر قىسىم مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆز مەھەللىسى، يەنى ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كۆكتېرەك مەسچىتىنى چەتئەل زىيارەت ئۆمىكىگە كۆرسىتىپ ساختا مەيدان ھازىرلىغانلىق جەريانىنى ئاڭلاتتى.

زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئەسلەپ ئۆتىشىچە، 2018-يىلى، 10-ئايلارنىڭ ئاخىرى بىر كۈنىدە دادىسىنى يوقلاپ ئۆيىگە كىرىشى، مەھەللە ساقچىخانىسىدىن ئىككى ساقچى ۋە مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر بولۇپ يەتتە ئادەمنىڭ ئۆيىدىن ئۇزاپ چىقىشىغا توغرا كەلگەن. ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگىلا دادىسىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قالغانلىقىنى كۆرگەن زۇمرەت «يەنە بىرەرىمىزنى لاگېرغا ئېلىپ كەتكىلى كەلگەنمىدۇ؟» دەپ يۈرەك ئالدى بولۇپ سورىغىنىدا، دادىسى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ: «ئەتە چەتئەلدىن تەكشۈرگۈچىلەر كېلىدىكەن بىزنىڭ مەسچىتكە، ‹ئەتە پۈتۈن كۈن مەسچىتتە ناماز ئوقۇڭلار دەپ كىرىپتۇ، مەن دېدىم مەسچىتكە كىردى دەپ سولاپ قويىدىكەنسىلەر، ئادەمنى سىناۋاتامسىلەر؟ دېسەم، ھاجىمكا بىز سىلىنى سىنىمىدۇق، ئەتە كىمكى بىر ۋاق نامازنى مەسچىتكە كىرىپ ئوقۇسا بىر ۋاق نامازغا 20 يۈەن بېرىمىز، سىلى چوقۇم بەش ۋاق نامازنىڭ ھەممىسىدە مەسچىتتە بولسىلا، مانا دەپ بىر كونۋېرتنى ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي تۇتقۇزۇپ قويدى، يەنە تېخى ئەتە سىلىدىن گەپ سوراپ قالسا ھۆكۈمىتىمىز بەك ياخشى، ئىسلامغا ھېچقانداق چەك قويغىنى يوق، بەش ۋاق ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، مەسچىتىمىز ھەر ۋاقىت ئوچۇق دەپ قويسىلا، ئەتە سەپنىڭ ئالدىدا ساقىلى بارلار، سەپنىڭ كەينىدە ساقىلى يوقلار ئولتۇرسۇن› دەپ چىقىپ كەتتى» دەپ يىغلاپ كەتكەن.

دادىسى گەپ قىلالماي ھەسرەتلىك كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ قولىدىكى كونۋېرتنى ئۇنىڭغا ئۇزاتقان. كونۋېرت ئىچىدە يۈز يۈەن سېلىنغان بولۇپ، خورلۇقتا قالغان بۇ ئاتا-بالا مەجبۇرىي ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن «ھارام» پۇلنى يا تاشلىۋېتىشنى يا سەدىقە قىلىشنى بىلەلمەي ئىنتايىن بىئارام بولغان.

ئەتىسى زۇمرەتنىڭ دادىسى ئامالسىز زىيارەتچىلەرگە تەييارلانغان كۆكتېرەك مەسچىتىگە بېرىپ ناماز ئوقۇغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ مۇخبىرلارغا سۆزلەشكە ئۇنىمىغان.

تەپسىلاتى...

قاغىلىقتا تېپىۋېلىنغان 3 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېردىن ئۆيىگە قايتالمىغان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن ھەپتە قاغىلىق ناھىيىلىك قاتناش ساقچىلىرى بىر ۋىدېيولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان 3 بالىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ۋە ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلىرىگە ياخشى قاراش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئۈچ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قاغىلىقتىكى بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۆيلىرىگە قايتىدىغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكەن ھەپتە رۇخسەت بېرىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۆيىگە قايتالمىغان. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن قايتقان ئۈچ بالىسى كوچىدا قېلىپ، يولدا ئېزىپ قالغان ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتە تورلاردا تارقالغان بىر ۋىدېيولۇق ئۇقتۇرۇشتا قاغىلىق ناھىيەىسىدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان 3 كىچىك بالىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياقىسىدىن تېپىۋالغانلىقى ۋە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوبدان قارشى تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى. ئۇقتۇرۇشتىكى كۆرۈنۈشتە ئۈچ كىچىك بالىنىڭ قورققىنىدىن يىغلىغان ئاۋازى ۋە ساقچىلارنىڭ يول ياقىسىدىن ئۇلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى توپلاۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن.

بىز ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، يەنى 3 بالىنىڭ كوچىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن قاغىلىق ناھىيسىگە تېلېفون قىلدۇق. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بۇ بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلىدە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئەمما تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاغىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىكى خادىملار بۇ بالىلارنىڭ كىملىكى ۋە ئاتا-ئانىسىلا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

زۇمرەت داۋۇت: «11ياشلىق قىزىمنى بويتاق ‹خىتاي تۇغقىنى› ئۆيىدە قوندۇرماقچى بولدى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماشقا باشلاشتىن بۇرۇنلا يولغا قويغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتىلىق مەسىلىنىڭ بىرىدۇر.

«قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن بۇنى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇپ مەلۇم نەتىجە ھاسىل قىلغان سىياسەت ئىكەنلىكى مەلۇم بوماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ تىبەتتە مىللەتلەر ئارا قوشۇلۇپ كېتىش مۇقامىنى كۈچەيتىشتە رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چېن چۈەنگو 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي تۈس ئالغان. ئۇ بۇ سىياسەتنى «قوشماق تۇغقانلار ئۆگىنىشتە، تاماقتا ۋە يېتىپ-قوپۇشتا بىللە بولۇش» دىگەندەك «بەشتە بىللە بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئىجرا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، دەسلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە بىڭتۇەن باش ئورگىنى قاتارلىق ئورگانلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چېن چۈەنگونىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان. نۆۋەتتە بۇ سىياسەت بىر ئائىلىنىڭ بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇش شەرتىدىن ھالقىپ، ھەر بىر نوپۇس بېشىغا بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قوشماق تۇغقان» لارنىڭ زىيارەت، تاماق ۋە قونۇش كۈنتەرتىپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەھەللە كومىتېتىنىڭ خادىملىرى مەسئۇل ئىكەن. نۆۋەتتە «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر بىر نوپوس بېشىغا بىردىن خىتاي بىلەن تۇغقانلىشىش شەرتى بويىچە ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن.

تەپسىلاتى...

خوتەن بوستان مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرسۇن توختاخۇن 500 كىشىلىك بايراق چىقىرىش يىغىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خوتەن بوستان مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرسۇن توختاخۇننىڭ ئالدىنقى يىلى سۇلتانەم مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر بايراق چىقىرىش يىغىنىدا 10 نەچچە سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى خادىملار 500 كىشىلىك جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن توختاخۇن قاتارلىق 10 نەچچە كىشىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ، ئۇلارنى ساقچى ماشىنىسىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭغان. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە شۇ كۈنىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمگە مەلۇمات بەرمىگەن.

ئۇيغۇر رايونىدا 3 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ساقچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئىشخانىلىرىدا ئولتۇرۇپ ئاھالىلەرنى چاقىرتىپ ئەكېلىش يولىنى تاللىغان بولسا، بەزىدە يېرىم كېچىدە ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ مېڭىش يولىنى تاللىغان. ئەمما يەنە بەزى چاغلاردا بولسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا تارتىپ ئاچىقىش ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ مېڭىش يولىنى تۇتقان. ساقچىلارنىڭ بۇنداق پەرقلىق يول تۇتۇشتا تۇتقۇنلارنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» نىڭ خاراكتېرىنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقى ياكى ئۆز مەيلى ۋە كەيپى بويىچە ئىش تۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

تەپسىلاتى...