جىددە ئايرودرومىدىن مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىلگەن سىدىقۇللانىڭ ئىز-دېرىكى يوق

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

24-ئۆكتەبىر رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇنداق بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدۇق.

ئۆزىنى سىدىقۇللا نۇرمەمەتنىڭ تۈركىيەدىكى دوستى مۇھەممەت دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، مىسىردا ئوقۇۋاتقان سىدىقۇللا نۇرمۇھەممەت 23-ئۆكتەبىر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن سائەت 00:50تە مىسىرنىڭ قاھىرە ئايرودرومىدىن جىددەگە قاراپ يولغا چىقىپ جىددە شەھىرىگە يىتىپ بارغان، لېكىن جىددە ئايرودروم ساقچىلىرى ئۇنىڭ پاسپورتىدىن گۇمانلىنىپ شۇ كۈنى ئۇنى 9:50 نىڭ ئايروپىلانىغا سېلىپ مىسىرغا قايتۇرۇۋەتكەن. مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە سائەت 11:20 دە چۈشكەن سىدىققۇللا دوستىغا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ قاھىرە ئايرودرومىغا كېلىپ بولغانلىقىنى دېگەن. ئاخىرقى ئۇچۇرىدا ئۇ يەنە، مىسىر چېگرا خادىملىرىنىڭ ئۇنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ۋە سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. مۇھەممەت دوستى سىدىقۇللانىڭ تېلېفوننى چېگرا ساقچىلىرى ئېلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلماقتا ئىكەن.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ تەيۋەندىكى گۇۋاھلىقى زور تەسىر قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ 24-ئۆكتەبىر كۈنى تەيۋەن پارلامېنتىدا بەرگەن گۇۋاھلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ گۇۋاھلىق پائالىيىتىنى تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بىلەن تەيۋەن-تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق كۆرگەزمەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «24-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت 10:00 دا تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنىڭ گۇۋاھلىق باياناتى تەيۋەن تارىخىدا تۇنجى قېتىم لاگېر شاھىتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلارى ھەققىدە تەيۋەن خەلقىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئېنگىلىزچە تاراتقۇلار، خىتايچە تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە كەڭ تارقىتىلدى. ئۇيغۇر خانىم گۈلباھار جېلىلوۋا ئۆزىنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ تەرجىمانلىقىدا ئاڭلاتتى ۋە ئاڭلىغۇچىلاردا زور تەسىر قوزغىدى. ئىنگىلىزچە چىقىدىغان ‹تەيبېي ۋاقتى› گېزىتى، خىتايچە چىقىدىغان ‹ھۈررىيەت ۋاقتى› گېزىتى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، يېڭى ئاگېنتلىق، ‹بۈيۈك ئېرا› قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقارالىق تاراتقۇلاردا بۇ خەۋەر باش سەھىپىدىن ئورۇن ئالدى. ئاڭلىغۇچىلاردا ھەقىقەتەنمۇ زور تەسىر پەيدا قىلدى.»

تەپسىلاتى...

ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

24 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىلھام توختىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلگەنلىكى بۈگۈنكى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق خەۋەر تېمىسى بولدى. ئىلھام توختى 9 – ئايدا «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى 4 نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان ئىدى.

فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە 24 – ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى سۆز قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر – خىتاي خەلقلىرى ئارىسىدىكى دىئالوگ ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر زىيالىي» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىز مىللىي سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014 – يىلى 9 – ئايدا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئاللىقاچان ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇپ بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە مۇھاجىرەتتىكى  ئۇيغۇر جامائىتىگە قول ئۇزىتىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنى يېڭىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 23-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس مۇشۇ ھادىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، «ئەركىنلىك سارىيى»، «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار ئورتاق ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن «ئەركىنلىك سارىيى» ھېمايىچىلىق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ئەننى بوياجيا (Annie Boyajian) سۆز ئالدى. ئۇ يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىندا ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلار ھەممىمىزنىڭ زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە موھتاج بولماقتا» دەپ ئالاھىدە كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئېلان كۆپلىگەن مەلۇماتلاردىن بۇ ھالنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئۇچۇر قاناللىرى ئارقىلىق مەلۇم بولۇۋاتقان خەۋەرلەرنىڭمۇ بۇنى تەستىقلايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يېقىندا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن «ئالتە يۈز ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ كورلا پويىز ئىستانسىسىدا كوللېكتىپ يۆتكىلىشى» ھەققىدىكى قىسقا فىلىمنى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ بېرلىندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن غەربتىكى سىياسىي مەركەزلەردە مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلماقتا.

22-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا د ئۇ ق تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى، تىبەت، تەيۋەن ۋەكىللىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

غەربنىڭ «ياردىمى» دە شەرق دۇنياسىدا كېڭىيىۋاتقان تۇتقۇنلار ئەمگىكى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈمنى ئىسلاھات قىلىشنى زىنھار خالىماسلىقى پەيدا قىلغان ئىككى تۈرلۈك ھادىسە» دەيدۇ پروفېسسور مايكىل پوسنېر. نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۆتكۈزگەن 17-ئۆكتەبىردىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە غەرب شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكا ياردىمى بەكمۇ زور رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ يۇقىرىقى سۆزنى قىلدى.

پروفېسسور مايكىل پوسنېرنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئومۇمىي خەلقنىڭ نامراتلىقىنى تۈگەتتۇق» دەپ ماختانغان بىلەن ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشى خىتايدىكى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىشى ھەممىگە مەلۇملۇق پاكىت بولۇپ قالغانلىقى، يەنە كېلىپ لاگېرغا قامالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئاشكارا بولۇشى بىلەن ئامېرىكا تەرەپتىن بىر قاتار ئىجابىي ئىنكاسلار مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇنىڭدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 28 خىتاي مۇئەسسەسىنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە خوتەندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغان بالىلار كىيىملىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قالغانلىقى زور دەرىجىدە ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئەھۋال ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ۋاشىنگتوندا «خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن «جەيمىس توۋن فوندى» نىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم يىغىنى «خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» 15-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىن «خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقاتى ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى»، «بېيجىڭنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇزاقتىكى چېگرالىرى»، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئائىت زور ئىستراتېگىيەسى» ۋە «خىتاينىڭ ھەربىي ئىسلاھاتلىرى ۋە ئارمىيە-پۇقرا بىرلەشتۈرۈلۈشى» دىن ئىبارەت 4 ئايرىم مۇزاكىرە تېمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. ھەربىر مۇزاكىرە تېمىسى بويىچە ئوخشىمىغان ئورۇنلاردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار سۆز قىلدى.

ئالدى بىلەن يىغىندا شەرەپ مېھمانلىرىدىن بولغان تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىكى بيۇروسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گېنېرال لېتېنانت ۋىنسېنت چېن ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى تەسىر ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ خىتاينىڭ ھازىر دۇنيانىڭ دېموكراتىيەنى ياقىلاش ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت پرىنسىپلار بويىچە شەكىللەنگەن تەرتىپىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تەيۋەننى بۇ تىركىشىشنىڭ فرونتى ۋە مەركىزى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، بۇ سەۋەبتىن تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئالاھىدە پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يالغۇز تەيۋەننىڭلا ئىشى ئەمەسلىكى، بۇنىڭ ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنى قوغداپ قېلىشنى خالايدىغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا شېرىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە يەنىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە مەخسۇس جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

17-ئۆكتەبىر كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدىكى چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى كرىزىس: ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ زور تەسىر قوزغىغان.

يىغىننى «چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى»، «چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى 21-ئەسىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى»، «فورۇم 2000 فوندى»، ئامېرىكانىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەلچىخانىسى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ھەمدە «ئىلھام توختى گورۇپپىسى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپلىگەن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس جازا لاگېرلىرى تېمىسىدا پىكىر بايان قىلغان. يىغىندا جازا لاگېرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى، كېلىچەك يۈزلىنىشى قاتارلىق جىددىي تېمىلار نۇقتىلىق تالاش-تارتىش قىلىنغان.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرشۇناسلار، خىتايشۇناسلار، شەرقشۇناسلار، جازا لاگېرلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، دىگىتال تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسەتچىلەر بولۇپ كۆپساندا كىشى قاتناشقان. يىغىندا دولقۇن ئەيسا، رۇشەن ئابباس، ئەنۋەرجان، خالمۇرات ھارري قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن تەپسىلى مەلۇماتلار بەرگەن.

تەپسىلاتى...

كۇچادا ساقچىخانا باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلەرگە ھېسسىداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا كۇچالىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتىدىكى ئالاقە تورلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن كۇچا ناھىيە ئۇچا بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ بىر سورۇندا ئۆز تەۋەلىكىدىن لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېچىنىش تەلەپپۇزىدا تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە «جىنايەتچىلەرگە ھېسسىداشلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ كۇچاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا سابىق ساقچىخانا باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى ۋە ئۇنىڭ يېقىندا كۇچادا تارقىتىلغان بىر «ساقچى ئىبرەت فىلىمى» دە كۆرسىتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، كۇچالىق مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، كۇچا ناھىيە ئوچا بازارلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ھېمىت قارى بۇ يىلنىڭ بېشىدا دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان بىر سورۇندا لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆز تەۋەلىكىدىن كۆپ ساندا كىشىنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى ئېچىنىش تەلەپپۇزىدا تىلغا ئالغان. بۇ گەپنى ئېغىزدىن چىقىرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كۇچا ناھىيەلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان. شۇ چاقىرتىلىشتىن بىر ھەپتە كېيىن ئۇ ۋەزىپىسىدىن توختىتىلغان ۋە تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈش ئۈچۈن قاماقخانىغا ئەكىتىلگەن. ئىنكاستىن ھېمىت قارىنىڭ مەزكۇر سۆزلىرىنى قايسى ساھەدىكى دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغاندا قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئىنكاستا ھېمىت قارىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە «جىنايەتچىلەرگە ھېسسىداشلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
تەپسىلاتى...

خەلقئارا مەتبۇئاتلار: ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە قەبرىسىدىمۇ تىنچ ياتالمايدىغان ھالدا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردىن، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، مۇھاپىزەتچى گېزىتى قاتارلىقلار بىر پايدا ئالمايدىغان خەلقئارالىق سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئورگىنىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مازارلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سېلىشتۇرما سۈرەتلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا كەم دېگەندە 45 جايدىكى ئۇيغۇر مازارلىقلىرىنى بۇزۇپ يوقاتقانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ مازارلىقلارنىڭ ئىچىدە 30 جايدىكىسى يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە چېقىپ تۈزلەنگەن ئىكەن. سۈنئىي ھەمراھىدىن 2017-يىلى تارتىلغان سۈرەتتە مەۋجۇت بولغان شايار ناھىيىسىگە جايلاشقان چوڭ مازارلىق 2019-يىلىدا پۈتۈنلەي قۇرۇقدالغان.

9-ئۆكتەبىر فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدە سۈرەتلەر بىلەن شەرھىلىنىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى بۇ يىل سېنتەبىردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 شەھەردە جەمئىي 31 مۇسۇلمان قەبرىستانلىقىنى كېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئارىسىدا 3 قەبرىستانلىقتا، قەبرىلەردىن قېزىلغان جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ تاشلىنىپ تۇرغانلىقىدەك مەنزىرىنى كۆرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مازارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئەجدادلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئارام ئالغان قەبرىستانلىقلار بولۇپ، خەۋەردە ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە قەبرىلىرىدىمۇ خاتىرجەم ياتالماس ھالغا كەلگەنلىكى يېزىلغان.

تەپسىلاتى...