قاغىلىقتا تېپىۋېلىنغان 3 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېردىن ئۆيىگە قايتالمىغان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن ھەپتە قاغىلىق ناھىيىلىك قاتناش ساقچىلىرى بىر ۋىدېيولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان 3 بالىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ۋە ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلىرىگە ياخشى قاراش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئۈچ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قاغىلىقتىكى بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۆيلىرىگە قايتىدىغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكەن ھەپتە رۇخسەت بېرىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۆيىگە قايتالمىغان. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن قايتقان ئۈچ بالىسى كوچىدا قېلىپ، يولدا ئېزىپ قالغان ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتە تورلاردا تارقالغان بىر ۋىدېيولۇق ئۇقتۇرۇشتا قاغىلىق ناھىيەىسىدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان 3 كىچىك بالىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياقىسىدىن تېپىۋالغانلىقى ۋە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوبدان قارشى تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى. ئۇقتۇرۇشتىكى كۆرۈنۈشتە ئۈچ كىچىك بالىنىڭ قورققىنىدىن يىغلىغان ئاۋازى ۋە ساقچىلارنىڭ يول ياقىسىدىن ئۇلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى توپلاۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن.

بىز ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، يەنى 3 بالىنىڭ كوچىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن قاغىلىق ناھىيسىگە تېلېفون قىلدۇق. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بۇ بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلىدە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئەمما تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاغىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىكى خادىملار بۇ بالىلارنىڭ كىملىكى ۋە ئاتا-ئانىسىلا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

زۇمرەت داۋۇت: «11ياشلىق قىزىمنى بويتاق ‹خىتاي تۇغقىنى› ئۆيىدە قوندۇرماقچى بولدى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماشقا باشلاشتىن بۇرۇنلا يولغا قويغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتىلىق مەسىلىنىڭ بىرىدۇر.

«قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن بۇنى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇپ مەلۇم نەتىجە ھاسىل قىلغان سىياسەت ئىكەنلىكى مەلۇم بوماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ تىبەتتە مىللەتلەر ئارا قوشۇلۇپ كېتىش مۇقامىنى كۈچەيتىشتە رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چېن چۈەنگو 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي تۈس ئالغان. ئۇ بۇ سىياسەتنى «قوشماق تۇغقانلار ئۆگىنىشتە، تاماقتا ۋە يېتىپ-قوپۇشتا بىللە بولۇش» دىگەندەك «بەشتە بىللە بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئىجرا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، دەسلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە بىڭتۇەن باش ئورگىنى قاتارلىق ئورگانلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چېن چۈەنگونىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان. نۆۋەتتە بۇ سىياسەت بىر ئائىلىنىڭ بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇش شەرتىدىن ھالقىپ، ھەر بىر نوپۇس بېشىغا بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قوشماق تۇغقان» لارنىڭ زىيارەت، تاماق ۋە قونۇش كۈنتەرتىپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەھەللە كومىتېتىنىڭ خادىملىرى مەسئۇل ئىكەن. نۆۋەتتە «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر بىر نوپوس بېشىغا بىردىن خىتاي بىلەن تۇغقانلىشىش شەرتى بويىچە ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن.

تەپسىلاتى...

شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى قارار ماقۇللاش لايىھەسى سۇنۇلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، شىۋېتسىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان ئەڭ چوڭ پارتىيىلەردىن بىرى بولغان «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى» نىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىدىن سەركان كۆسە ۋە توماس ھامماربېرگ قاتارلىقلار شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى قارار ماقۇللاش توغرىسىدا رەسمىي دوكلات سۇنغان. بۇ دوكلاتتىن ئورۇن ئالغان قارار لايىھەسىنىڭ نامى: «Motion 2019/20:3027 Xinjiang» دەپ ئاتالغان.

«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ لايىھە بۇ يىل 12-ئايغا قەدەر پارلامېنتتا 4 قېتىم تالاش-تارتىش قىلىنىدىكەن ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى 7 پارتىيەنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتىدىكەن.

تەپسىلاتى...

كالىفورنىيەدە «روھىنگا ۋە ئۇيغۇر كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يەھۇدىي ۋە مۇسۇلمانلار ھەمكارلىقى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىگىلىشىمىزچە، 27-ئۆكتەبىر كۈنى لوس-ئانژېلىستىكى «جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىسلام مەركىزى» دە «روھىنگا ۋە ئۇيغۇر كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يەھۇدىي ۋە مۇسۇلمانلار ھەمكارلىقى» تېمىسىدىكى يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىن كالىفورنىيەدىكى «يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ دىرېكتورى ئەن سترىموۋ دۇربىن خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان. يىغىلىشقا شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار، ئۇيغۇرلار ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. يىغىن بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان.

يىغىنغا كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە «لوس-ئانژېلىس ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى نۇرنىسا قۇربان خانىم قاتارلىقلار مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

خوتەن بوستان مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرسۇن توختاخۇن 500 كىشىلىك بايراق چىقىرىش يىغىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خوتەن بوستان مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرسۇن توختاخۇننىڭ ئالدىنقى يىلى سۇلتانەم مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر بايراق چىقىرىش يىغىنىدا 10 نەچچە سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى خادىملار 500 كىشىلىك جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن توختاخۇن قاتارلىق 10 نەچچە كىشىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ، ئۇلارنى ساقچى ماشىنىسىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭغان. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە شۇ كۈنىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمگە مەلۇمات بەرمىگەن.

ئۇيغۇر رايونىدا 3 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ساقچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئىشخانىلىرىدا ئولتۇرۇپ ئاھالىلەرنى چاقىرتىپ ئەكېلىش يولىنى تاللىغان بولسا، بەزىدە يېرىم كېچىدە ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ مېڭىش يولىنى تاللىغان. ئەمما يەنە بەزى چاغلاردا بولسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا تارتىپ ئاچىقىش ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ مېڭىش يولىنى تۇتقان. ساقچىلارنىڭ بۇنداق پەرقلىق يول تۇتۇشتا تۇتقۇنلارنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» نىڭ خاراكتېرىنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقى ياكى ئۆز مەيلى ۋە كەيپى بويىچە ئىش تۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارادىكى زور ۋەقەلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھەقىقەتنى ياقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنى كەسكىن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كونكرېت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى 2019-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىدە ئىپادىلەندى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشىنى ئەيىبلەش، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە پاراكەندە سېلىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا رەسمىي قانۇن بولۇشىدىكى بىر زور قەدەم ئىكەن. 30-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر كومىتېتى بولغان تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرىگە قويدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 23 دۆلەت ب د ت دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

29-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 23 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى 3-كومىتېت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە بايانات بەردى. مەزكۇر بىرلەشمە بايانات ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كېرىن پىيېرس خانىم تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئۇ باياناتىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېدى:

«مەن تۆۋەندىكى 23 دۆلەتكە ۋاكالىتەن بۇ باياناتنى شەرەپ بىلەن ئوقۇپ ئۆتمەكچىمەن. ئۇلار، ئالبانىيە، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىخشتەنتەين، لىتۋا، لۇكسېمبورگ، گوللاندىيە، يېڭى-زېلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە.

تەپسىلاتى...

كورلىدا قەشقەر ۋە خوتەندىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتقان «606 تىل تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كورلىدىكى «جاھان پۇل مۇئامىلە شىركىتى» نىڭ ساھىبى ۋە «606 تىل مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئۇ قۇرغان مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بارغان كېيىنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مەزكۇر مەكتەپتىكى 6 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ، قەشقەر ۋە خوتەندىن كورلىغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تۇتقۇندىكى كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ كورلىدىكى «606 تىل تېخنىكا» مەكتىپى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلىشلىمىز داۋامىدا، كورلىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ 6 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10 ‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كورلىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن بىرلىكتە، بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئۈنۈممۇ ھاسىل قىلغان بۇ مەكتەپ، كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىل تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خوتەن ۋە قەشقەردىن كورلىغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتقانلىقى ۋە بۇ ھەقسىز ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئالتۇنگۈل ئىسمائىل قاتارلىق 6 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى جىنايەتچىلەرگە ھېسداشلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن.

تەپسىلاتى...

كۇچادىكى بىر ساقچى خادىمى: «مەن ئىشلىگەن ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دە ئۆلگەنلەر جىق ئەمەس، پەقەت 150 چە كىشى بار»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا كۇچادىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى ئىلگىرى ئىشلىگەن «تەربىيەلەش مەركىزى» دە 150 چە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ 150 كىشىنىڭ ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن 6 ئاي ئىچىدە ياكى لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىقلىما بەرمىدى. ئۇ پەقەت بۇ 150 چە كىشىنىڭ ئەل قاتارى يەرلىككە قويۇلغانلىقى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىلىۋاتقانلىقى، بانكىدىكى قەرزلىرىنىڭ ئۆسۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ھالبۇكى، ئۇ 150 چە كىشىنىڭ قانچىلىكىنىڭ بىۋاستە قېيىن-قىستاق، قانچىلىكىنىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە يۇقىرى ئورگانلاردىن مەلۇمات ئېىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

يېقىندا كۇچالىق بىر مۇھاجىر رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، كۇچانىڭ ئوچا بازارلىق ساقچىخانا باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ بىر سورۇندا ئوچا بازىرىنىڭ ئۆزىدىنلا لاگېر قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان 200 چە كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى ئېچىنغان تەلەپپۇزدا تىلغا ئالغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلەرگە ھېسسىداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوچا بازىرىدىن ئېنىق ھالدا قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سان ھەققىدە ئىزچىل ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا كۇچادىكى بىر ساقچى خادىمى ئوچادىن 200 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۆزى ئىلگىرى 6 ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەن 1‏-تەربىيەلەش مەركىزىدە پۈتۈن لاگېر بويىچە «ئاران 150 چە كىشى» نىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكادىكى ‍ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك سايلىمى 26-ئۆكتەبىر كۈنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە، مارىيلاند ۋە باشقا شىتاتلىرىدىن كەلگەن 300 چە ئۇيغۇر جامائىتى شۇ كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2019-يىللىق سايلام كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئاشكارا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن بۇ قېتىمقى رەئىس ۋە ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى.

سايلام بېلىتى تاشلاشتىن ئاۋۋال ئامېرىكا ‍ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش ۋە زورىيىش جەريانىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلغان شەخسلەر يىغىن ئەھلىگە بۇ ھەقتە تېگىشلىك چۈشەنچە بەردى.

سايلامدا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ‍ئۇيغۇر جامائىتى بۇ قېتىمقى رەئىسلىك نامزاتىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان قۇززات ئالتاينى قوللاش ياكى قوللىماسلىق بويىچە ئۆزلىرىنىڭ سايلام بېلىتىنى تاشلىدى. ئاخىرى قۇززات ئالتاي سايلام ئەھلىنىڭ 95 پىرسەنت قوللىشى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

تەپسىلاتى...