مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئەندىشەلەندۈرمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورونا ۋىرۇسىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىق يۇقۇم تەھدىتى پەيدا قىلىشى سەۋەبلىك خىتايدىكى ھەرقايسىي ئۆلكە-شەھەرلەر قامال قىلىنىپ، زاۋۇت-فابرىكالار ئىشتىن توختىغان ئىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا تاراتقۇلاردا يۇقۇم ۋەھىمىسى تۈپەيلىدىن خىتاي ئىشچىلىرىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ تەس بولۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا 3-ئاي كىرىشى بىلەنلا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلان، پويىزلار بىلەن خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ لاگېر ياكى كېسىم تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلىپ، زاۋۇتلاردا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى تونۇش-بىلىشلىرى ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا دېيىلگىنىدەك «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» بولماستىن، بەلكى ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەر ئىكەن. يەنى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دوختۇرخانا ۋە باشقا كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى تىجارەت قىلىپ ئۆز تۇمۇشىنى ياخشى قامداۋاتقان يوقىرى سەۋەيىلىك بىلىم ئىگىلىرى ئىكەن.

تەپسىلاتى...

باۋارىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

6-مارت كۈنى مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە بولغان باۋارىيە شىتاتىنىڭ پارلامېنتىدا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندېرسپاچېر ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يىغىندا ماركۇس ئەپەندى باشلىق باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىگەن.

«ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن يىلى قارار قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈنكى بۇ يىغىندا «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» 1-مارت ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ روھىغا بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

«يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى مۇزېيى» دىكى مۇھاكىمە: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىن ياكى چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى زىيارەت قىلىپ ئۆتىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ مۇزېيخانا بۇنىڭدىن 70 يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىنسانىىيەت تارىخىدىكى بىر قېتىملىق تارىخىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى، يۇقۇرى پەللىگە چىقىشى ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا مىليونلىغان يەھۇدىينىڭ قىرىلىپ تۈگىشى بىلەن خۇلاسىلىنىشىدەك ئاچچىق تىراگېدىيەنى كىشىلەرنىڭ يادىغا سالىدۇ.

ئۇيغۇرل دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىش بىلەن بىرگە تەدرىجى ھالدا يەنە بىر قېتىملىق زور قىرغىنچىلىقنىڭ ھىدلىرى كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا 5-مارت كۈنى كەچقۇرۇن ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى»دا ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

مەزكۇر مۇزېي قارمىقىدىكى «سايمون-سىكيود قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» نىڭ مۇدىرى نېياۋمى كىكولېر خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بەردى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاللىقاچان لاگېرلارغا سولاپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇ تۇتقۇن ھەركىتىنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا قىلمىشنى ئاقلاپ ئۆزلىرىنىڭ تېرورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «بىز بۇ مۇزېيخانىدا يەھۇدىيلارنىڭ ناتسىستلار دەۋرىدە قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدۇق. ئەمدى بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىىشىغا قانداق مۇئامىلەدە بولۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى،» دېدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

4-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا «ياۋروپا بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىكى ئورتاق ئەندىشىسى »تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلگەن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ شەرىپىگە بېغىشلانغان.

يىغىنغا ئىلھام توختىنىڭ ئامېركادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغاندىن سىرت يىغىنغا ئاساسلىقى كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەزالىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ خادىملىرى ھەمدە ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دىرېكتورى جوسېف دان 2014-يىلى « دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتىنى ئىلھام توختىنىڭ ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن بولمىغاندىن سىرت يەنە 2017- يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ھېچ قانداق خەۋىرى يوقلۇقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

ۋاشىنگتون شەھىرىدە د ئۇ ق نىڭ تارماق ئىشخانىسى ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولۇشتەك بىر دۇنياۋى سەۋىيەگە يېتىشىدە ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە پىداكارلىرىنىڭ ھارماي-تالماي داۋام قىلىپ كەلگەن پائالىيەتلىرى مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) بۇ جەھەتتە ئەڭ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.

د ئۇ ق ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئالىي تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھەقلىرىنى تىنچ شەكىلدە قولغا كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى نىزامنامىسىدە بۇ ھەقتە «د ئۇ ق بىر خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئىزچىل ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. د ئۇ ق نىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە تارماق ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىشىدا ئەكس ئەتتى.

تەپسىلاتى...

رەيھانگۈل خانىم: لاگېرىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز، ھۆكۈمەت بىزنىڭ مىدىرلىشىمىزنىمۇ بىلىدۇ

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي لاگېرلار مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردىن ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىپ-كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى مەلۇم. مانا بۇ پۇرسەتتە، 3 ئاينىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكىغا چىققان رەيھانگۈل خانىم، بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلار قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ لاگېر سىرتىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. لاگېرنىڭ ئىچىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىگەن رەيھانگۈل خانىم، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك يۈرۈش-تۇرۇشىنى تولۇق كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىر پەرزەنتى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان رەيھانگۈل خانىم، كۈتۈلمىگەن بىر پۇرسەت بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ 3 ئايدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 2017 ‏-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ۋەزىيەتتە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان رەيھانگۈل خانىم؛ ئەڭ دەسلەپتە ئۈرۈمچىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتە مىش-مىش گەپ تارقالغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى 6 ‏-ئوتتۇرا ۋە 17 ‏-ئوتتۇرا قاتارلىق غوللۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

قەشقەر يېڭىشەھەردىكى دېھقانلار: «دۆلەت خىزمەتچىلىرى تېخى تالاغا چىقمىدى، بىز ئېتىزلىققا ھەيدەلدۇق»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بەزى خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ، بىر قىسىم يۇقۇمدار ۋە يۇقۇم گۇماندارلىرىنى دوختۇرخانىلاردىن بالدۇر قويۇۋەتكەن. بەزى جايلاردىكى كوچا قاماللىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بىر قىسىم ئاھالىلەر يېڭىشەھەردە كېسەل خەۋپى تېخى پەسەيمەي تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىزلىققا ھەيدەلگەنلىكىنى، ئەمما دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تېخى ئىش ئورنىغا قايتمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەر يېمەك-ئىچمەك توشۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى 3-مارتقا قەدەر 80مىڭدىن ئارتۇق تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارىدىن 47 مىڭ كىشىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. «جەنۇبى جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇرخانىدىن چىققانلاردىن خېلى بىر قىسمىدا يۇقۇم ئالامەتلىرى قايتىدىن بايقالغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە دوختۇرخانىدىن چىققانلاردىن 14%de يۇقۇم ئالامەتلىرى قايتىدىن بايقالغان. مەزكۇر گېزىتتە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ، كېسەل خەۋپى تېخى تۆۋەنلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يۇقۇمدارلارنى بالدۇر قويۇۋەتكەنلىكى ۋە كوچا قاماللىرىنى ئالدىراپ ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەپسىلاتى...

ASPI نىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «زامانىۋى قۇل» سۈپىتىدە سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى يېقىندا «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ: قايتا تەربىيە-شىنجاڭدىن ھالقىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن زور ئىنكاس قوزغىدى. بۇ دوكلات خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىندى. چۈنكى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن. يەنە كېلىپ، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خەلقئارادىكى داڭلىق تاۋار ماركىلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇشى دوكلاتنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتىسى بولدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-2019-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە يۆتكەپ كەتكەن ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە لاگېرلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ئىشچىلار يۇرتلىرىدىن ئۇزاق جايلاردىكى بۇ زاۋۇتلاردا تامامەن ئايرىۋېتىلگەن ياتاق بىنالىرىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا سىياسىي ئۆگىنىش ۋە خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن، قاتتىق نازارەت قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە مەخسۇس بېكىتىلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەپ تۇرىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىدىن بولغان تەتقىقاتچى ۋىكى شۈ ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلەر سانىنىڭ مۆلچەرلەنگەن نومۇردىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

كورلادىكى چوڭ مەسچىتنىڭ مەزىنى مىسىردىكى ئوغلىغا پۇل سالغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورلادىكى دىنىي زات سەيپۇللا زاھىتنىڭ 30 يىللىق ئۆمرى كورلا چوڭ مەسچىتىنىڭ مەزىنلىقى ۋە كورلا شەھىرىدىكى تېكىچى يېزىسىغا قاراشلىق ھەرەمباغ كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. لېكىن بۇ يىل 70 ياشلىق مەزكۇر دىنىي زاتنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.

شۇ قېتىمقى چوڭ تۇتقۇندا سەيپۇللا زاھىت ۋە ئۇنىڭ كورلا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ يېڭى مەسچىتىدە مۇئاۋىن ئىماملىق قىلىدىغان ئوغلى مەمەت سەيپۇللا شۇنداقلا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئاكىسىنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلگەن كىچىك ئوغلى ئىبراھىم سەيپۇللا تۇتقۇن قىلىنغان. سەيپۇللا زاھىتنىڭ ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى بىلەن قىزىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا 3 يىلدەك بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق پەرزەنتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەمەت ئىززەتۇللا بىلەن ئىبراھىم ئىززەتۇللانىڭ كېسىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئالغان، لېكىن دادىسىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

تەپسىلاتى...

دولقۇن ئەيسا: «خىتاي كومپارتىيەسى كورۇنا ۋىرۇسىدىنمۇ خەتەرلىك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مانخاتتاندا جەم بولغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق 8 تەشكىلات سەرخىللىرى خىتاينىڭ دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى جاكارلاشتى. مەزكۇر يىغىلىشتا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە كورونا ۋىرۇسىدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسانىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتلار خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ۋەدىلەشكەن.

29-فېۋرال شەنبە كۈنى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ مانخاتتان شەھىرىگە جايلاشقان خانتىر ئالىي مەكتىپىدە «خىتاي دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى لوبساڭ سانگايدىن باشقا يەنە جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، تەيۋەن ئەركىنلىكنى قوغداش مەركىزى، خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرى ۋە باشقا بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

ۋەكىللەر خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بىر-بىرلەپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتى...