نۇرگۈل خانىم ئۈچ يىل بۇرۇن ۋەتەنگە قايتقان ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى كۈتمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئاياللار خاتىرە كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەر خىل شەكىللەردىكى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن خاتىرىلەندى. بىراق ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ۋە سىياسىي زىددىيەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسى تۈپەيلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىنتايىن پاجىئەلىك قىسمەتتە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

نۇرگۈل غاپپار مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولۇپ، ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن. نۇرگۈل خانىم ھازىر كىچىك ئوغلى بىلەن تۈركىيەدە ياشىماقتا. ئۇ ئۈچ يىلدىن بېرى ۋەتەنگە پاسپورت يېڭىلاش ئۈچۈن قايتقان بالىسىنىڭ خەۋىرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىكەن.

ئۇنىڭ ئوغلى ئادىلجان راھمان 1999-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 21 ياشتا ئىكەن. ئۇ 2012-يىلى 12-ئايدا ئانىسى نۇرگۈل بىلەن مىسىرغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. ئالتە ئايدىن كىيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

ئادىلجان راھمان 2016-يىلى 5-ئايدا ۋەتەنگە قايتقان بولۇپ، شۇ يىلى 11-ئايدا مىسىرغا تەكرار قايتىپ كەلگەن. مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا پاسپورتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان، بىراق مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى پاسپورتىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ يېڭىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئادىلجان راھمان ئامالسىز 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەتەنگە پاسپورتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن قايتقان. بۇ نۇرگۈل غاپپارنىڭ چوڭ ئوغلىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن بولغان ئالاقىسى شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى نۇرگۈل خانىم قوشنىسىدىن بالىسى ئادىلجاننىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان.

تەپسىلاتى...

قەدرىيە غوپۇرنىڭ توقسۇدىكى ئانىسى ھاجىرە روزىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئانىسى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش گۇۋاھلىق باياناتلىرى بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان نورۋېگىيەدىكى قەدرىيە غوپۇر ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدا ئانىسىنىڭ 10 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە توقسۇ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ھاجىرە روزىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن دەلىللەندى. قەدىرىيە ئۆزىنىڭ تەسىرات باياناتىدا گۇۋاھلىق باياناتلىرىنىڭ ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

نورۋېگىيەدىكى قەدىرىيە غوپۇرنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ توقسۇ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بوغالتىرى ئىكەنلىكى ۋە 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. توقسۇ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى خادىملىرى دەسلەپتە بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى. ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق مەھكۇملارنىڭ كىملىكىنى ئەستە تۇتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. قەدىرىيە غوپۇر ئانىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئالغانلىقىنى، ئەمما مەنبەنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ھاجىرە روزىنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتە ئىككىلەندى. ئۇ ئارقىدىن بۇ سوئالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ھاجىرە روزىنىڭ كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلمىدى.

قەدىرىيە غوپۇرنىڭ بىر گۇۋاھلىق باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئۇ ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيەدە ئوقۇغان ۋە ياشىغان 6 يىل داۋامىدا خىتايغا قارشى ھېچقانداق بىر سۆز ھەرىكەتلەردە بولمىغان. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى بۇ ئېھتىياتچانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقى ۋە بۇ پۇشايماندىن چوڭ بىر دەرس ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

نورۋېگىيە سودا ئەخلاقىي كېڭىشى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋىرىمىز بار»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھېلسىنكى كومىتېتى، فرافتۇ فوندى جەمئىيىتى، نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 6 تەشكىلات 11‏-مارت كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى پېنسىيە فۇندىنىڭ خەيكاڭ دىگىتال ۋە داخۇا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىككى شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونىدىكى نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇمىي يۈزلۈك دىگىتال تەقىبلەشنى يولغا قويۇشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

ئوچۇق خەتتە تەكىتلىشىچە، نورۋېگىيە ھۆكۈمەت پېنسىيە فوندىنىڭ بۇ ئىككى شىركەتكە مەبلەغ سېلىشى ب د ت نىڭ ئالاقىدار سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە مەزكۇر فۇندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆز قائىدە نىزاملىرىغا خىلاپ ئىكەن. ئوچۇق خەتتە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا دىنىي، ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشتا ئىشلەتكەنلىكى، بۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «پېنسىيە فۇندىنىڭ مەبلەغ سېلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا بۇنىڭدىنمۇ قەبىھ بولغان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەنبەسى بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن 11-مارت كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جىم مەكگوۋېرىن سۆز ئالدى. ئۇ 2020-يىللىق يېڭى دوكلات سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېغىشلانغان دوكلاتنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، تاجسىمان ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى زور بىر قاباھەت سۈپىتىدە سايە تاشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى «سېپى ئۆزىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر،» دەپ كۆرسەتتى.

تەپسىلاتى...

رەيھانگۈل خانىم: خىتاينىڭ خەلقئاراغا «لاگېر ئوقۇغۇچىلىرى» دەپ كۆرسەتكەنلىرى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرىدۇر

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۈرۈمچىدىن يېڭى چىققان ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان رەيھانگۈل خانىم ۋەزىيەت ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى جايلاردا چەتئەللىك تەكشۈرگۈچىلەرگە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە مەركىزى» دىكى ئوقۇغۇچىلار دەپ كۆرسەتكەن كىشىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇ جايدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتمۇ خىتاينىڭ بىر قېتىم تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە ساختا سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن بىر لاگېر تۇتقۇنىنىڭ ئۆيىدىكى مۇراسىم كىيىمىنى ئەكەلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

3 ئاينىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكاغا چىققان رەيھانگۈل خانىم سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم شەخسىي كەچمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ساختا ئىجرائاتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاشكارا چەكلەۋاتقان ۋە ھاياتىدىكى كىچىككىنە دىنىي تۈس ۋە مەزمۇن ئۈچۈنمۇ كىشىلەرنى ئېغىر جازالاۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خەلقئارا جامائەتچىلىككە كۆرسەتمىلىك ئۈچۈن ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان ۋە ئۇلارغىمۇ مەخسۇس مەسچىتكە كىرىش رۇخسەتنامىسى تارقىتىپ بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن بىر تۈركۈم خەلقئارا ئاخبارات ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن رايوندا ھەر خىل ساختا ئىجرائاتلارنى ئېلىپ بارغان. رەيھانگۈلنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى ئارىسىدىكى ئۈرۈمچىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىن ئاڭلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىر قېتىملىق خەلقئارالىق تەكشۈرۈش داۋامىدا يېزىدىكى ئاھالىلەرنى مەسچىتكە كىرىشكە بۇيرۇغان. ئەمما ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇغانلىق سەۋەبلىك لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە كېسىلگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، مەسچىتكە بېرىشنى رەت قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد يوھۇ: «شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىن»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى تەد يوھۇ 12-مارت كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەد يوھۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ مەركىزى ئاسىيا رايونى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ يۈز نەچچە يىل ئاۋۋال خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ كېيىن كومپارتىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «يېڭى زېمىن» دېگەن مەنىدىكى «شىنجاڭ»، دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تەد يوھۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن «جوڭخۇا مىللىتىنىڭ پارچىسى» دېگەننى كۈچلۈك تەرغىپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بۇ بىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە سۇئال قويۇپ، بۇ زېمىننىڭ بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشىدۇر.

تەپسىلاتى...

ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى: «خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىختىيارى ئىشلەۋاتىدۇ، دېيىش بىمەنىلىك‏»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكادىكى «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» ناملىق ئەمگەك ھەقلىرى تەشكىلاتى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ، دېيىشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكى، چۈنكى خىتايدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكى يوقلىغىنى بىلدۈردى. بۇ سۆزلەرنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سكوت نوۋا رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى. سكوت نوۋانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «مەسئۇلىيەتچان ھەرقانداق بىر شىركەت خىتايدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ھېس قىلالايدىكەن.» سكوت نوۋا بۇ سۆزلەرنى «ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتى» ناملىق ئەقىل ئامبىرىنىڭ 5‏-مارت كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا قارىتا ئېيتقان.

«ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2017-2019‏‏-يىلى ئارىلىقىدا ئاز دېگەندە 80 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خىتايدىكى ھەر قايسى زاۋۇت-كارخانىلارغا مەجبۇرىي يۆتكەپ، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەيدىغان بۇ ئورۇنلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى ناھايىتى كەم مۆرچەرلەنگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتىكى سان بۇنىڭدىن «كۆپ يۇقىرى» ئىكەن.

سكوت نوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى دوكلات ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سكوت نوۋا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشقا سېلىپ، ئىجتىمائىي كونتروللۇق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار نۇرغۇن ھۆججەت ۋە شەخسىي دېلولارنى بارلىققا كەلتۈردى. سىز رايوندىكى ھەرقانداق بىر ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت، دېگەننى قىياس قىلالايسىز. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشچىلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىدىكى رايونلارغا يۆتكىگەنلىكى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. دوكلاتتىكى ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك شارائىتىدىن ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز بۇ دوكلاتنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى بايانلار ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدۇ.»

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئانىلار خىتاي قولىدىن پەرزەنتلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىستانبۇلدا ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن 12 ئۇيغۇر ئانا، 8-مارت كۈنى گەرچە يەكشەنبە بولسىمۇ ئەمما بۇ خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدەك ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە، بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ۋە ھەقلىق دەۋاسىنى قىلىشقا چىققان. بۇ ئۇيغۇر ئانىلار خىتاينىڭ پاسپورت ئىشلەپ بەرمەسلىكى، يولدىشى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى سەۋەبلىك 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يالغۇز پەرزەنتىدىن، بەزىلىرى ئىككى-ئۈچتىن بالىسىدىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئانىلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە باشلامچى بولغان مەريەم خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ نارەسىدە بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى، بىگۇناھ بالىلارنىڭ ۋە بىگۇناھ ئانىلارنىڭ بۇ زۇلۇملارنى تارتىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئانىلار نامايىشىنى دەسلەپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەريەم خانىم ئۆزى ۋە باشقا ئانىلارنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باشلىشىغا ئوخشاشلا بالىلىرىنىڭ دەردى ۋە مىللەتنىڭ ئورتاق دەردى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇرپاننىڭ سىڭگىم يېزىسىنىڭ جايغوجام مەھەللىسىدىن كېلىپ چىققان 46 ياشلىق مەريەم خانىم 4 يىل ئاۋۋال، يەنى 2016 يىلى 2-ئايدا، قورسىقىدىكى «پىلاندىن سىرت قانۇنسىز بالا» ھېسابلىنىدىغان پەرزەنتىنى ساق-سالامەت تۇغۇش ئۈچۈن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ھامىلىدار ھالدا تۈركىيەگە كەلگەن. ئەينى چاغدا 12 ياشلىق كىچىك قىزى رىزۋانگۈل ۋە يولدىشى ئەخمەت پاسپورتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ پاسپورت ئىشلەپ بېرىشىنى ساقلاپ يۇرتىدا قالغان. ھالبۇكى ئۇزۇن ئۆتمەي دائىرىلەر يولدىشىنى لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن، قىزى بولسا تىرىك يېتىمگە ئايلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە ياشىغان. گەرچە 3 يىلدىن بۇيان مەريەم خانىم كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئېغىر ئەمگەكلەر بەدىلىگە تاپقان كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى رىزۋانگۈلنى بىر شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر ئەمگەكلەرگە يار بەرمەي، قىزىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەي قالغانىكەن. قىزى رىزۋانگۈلمۇ پاسپورتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئامالسىز قالغان.

تەپسىلاتى...

«ياتاقلىق مەكتەپلەر» دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارلىنىدىغانلىقى مەلۇم

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارغا ئېچىلغان مەكتەپلەرنى ھەممە نەرسىسى تەل «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دەپ تەرىپلەۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەكتەپ ھەققىدە ئاشكارىلانغان بەزى ئۇچۇرلار خىتاينىڭ دېگەنلىرىنى يالغانغا چىقارماقتا.

«زىمىستان تورى» دا بېرىلگەن بىر تەپسىلىي خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ خىل مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار خارلىنىدىكەن، ئوزۇقسىز قالىدىكەن ۋە روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدىكەن.

خەۋەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بىر «ياتاقلىق مەكتەپ» ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى 9 ياشلىق گۈلنار ئەسلى شادىمان بىر قىز بولۇپ، ئۇ، بۇ مەكتەپكە يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈزدىن كۈلكە پۈتۈنلەن كۆتۈرۈلگەن.

تەپسىلاتى...

ۋىرۇس سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئوغرىلىنىۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم «تەلەيلىك» بىمارلارنىڭ يېقىندا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ساقىيىپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن گۇمانلىق سوئاللارمۇ ئوتتۇرىغا چۈشتى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىچكىرى خىتاينىڭ مەلۇم بىر جايىدىكى 59 ياشلىق بىر ئادەمگە «بەش كۈنلۈك كۈتۈش مۇددىتى» دىن كېيىن «ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر جىنايەتچى» نىڭ ئۆپكىسى دەل توغرا كەلگەنلىكى، مەزكۇر جىنايەتچىنىڭ ئۆز ئۆپكىسىنى «تەقدىم» قىلىشقا رازى بولغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئاۋسترالىيەلىك ئوبزورچى س. ج. ۋېرلېمەن بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ قىلمىشنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە خىتاي بويىچە تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان نۇرغۇن ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە پۇلدارلار بار بولۇپ، ۋېرلېمەننىڭ پىكرىچە لاگېردىكى ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنى «تەييار ئولجا» دېيىشكە بولىدىكەن. چۈنكى خىتاي خەۋەرلىرىدە دوختۇرخانىلار ئۈچۈن لازىملىق ئىچكى ئەزالاردىن ئۆپكە ياكى بۆرەك دېگەنلەرنىڭ نەچچە كۈندىلا تېپىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ھالبۇكى «قازا قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ھەدىيە قىلىشقا رازى بولۇش» شۇنچە ئومۇملاشقان غەرب دۇنياسىدا بۇ خىل ئىچكى ئەزالارنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن نەچچە يىللاپ كۈتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان خىتايدا بولسا نەچچە كۈندىلا خالىغان ئەزانى تاپقىلى بولىدىكەن.

تەپسىلاتى...