«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

24-ئىيۇل ۋاشىنگتوندىكى «درىكسىن» كېڭەش پالاتاسى خىزمەت بىناسىدا «خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك: ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان تەقىب تېخنىكىسىنى باھالاش» تېمىسىدا بىر يىغىن ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا كېڭەش پاتالاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان كرىس كونس ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان سوم تىللس سۆز قىلغان.

تەپسىلاتى...

خەلقئارادا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەت قىلىش ھەرىكىتى قوزغالدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى 24‏-ئىيۇل كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئىمزالىق خەت يېزىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقىمىسا، 2022‏-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى. «ھەق ھوقۇق بولمىسا، ئولىمپىكمۇ يوق» ناملىق ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنىڭ چاقىرىقىدا، 2022‏-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

تەپسىلاتى...

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

24-ئىيۇل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-ئىيۇل ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا يېتىپ كېلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىغا قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىغىن خاتىمىسىدە «بارلىق پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى» بىلەن «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكادىكى «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرماقتا. 23-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىكى «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەقىقىي خەۋپلەر» تېمىسىدىكى يىغىن دەل بۇنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

«مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىلەن زەنجىرسىمان باغلىنىشقا ئىگە بىر بىرلەشمە تەشكىلات بولۇپ، مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتى- «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» (CAIR) «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» بىلەن بىرلىكتە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان.

تەپسىلاتى...

گېرمان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جىددىي قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار گېرمانىيەدىكى ھەر ساھە مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان قىزىقىشنى كۈچەيتىپ بارماقتا.

گېرمانىيەنىڭ فۈرستېنفېلدبرۇك رايونىدىكى يۇقىرى مەكتەپ (گىمنازىيۇم) نىڭ تەلىپىگە بىنائەن 23-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» دا مەزكۇر مەكتەپنىڭ 12 نەپەر ئوقۇغۇچىسىغا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا 2 سائەت دوكلات بېرىلدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكالىق تەتقىقاتچىلار: «ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ياكى جىھات ھەرىكىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىككىنچى نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەر تېما قىلىنغان يېپىق مۇزاكىرىلىرى 16- ۋە 17-ئىيۇل كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا داۋام قىلدى.

تەپسىلاتى...

دەررېن بايلېر: «مەن بەلكىم خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالدىم!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى «رەنجىتىپ قويۇش» تىن ياكى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە داۋاملىق خىتايغا بېرىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا زۆرۈر بولغان ۋىزا ئىشلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە يۈز تۇتتى.

تەپسىلاتى...

قاراقاشتىكى لاگېردا «كەسىپ» ئۆگىتىلىۋاتقان رەجەپنىياز ھەبىبۇللانىڭ ئالىي مەلۇماتلىق ئىنژېنېر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىلىق تەشۋىقاتىدىكى ساختىپەزلىكلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلانماقتا.

بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خىتاي ئاخباراتى قاراقاشتىكى لاگېردا «كەسىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقى» نى، يەنى توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان 30 چە ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ شىئەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلگەن قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى رەجەپنىياز ھەبىبۇللا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرى خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» غا رەددىيە قايتۇردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتابى» تۈرلۈك رەددىيەلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

22-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب» غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت شۇ كۈنى «مەركىزى ئاگېنتلىق» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينى «تارىخنى بۇرمىلاش، ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بۈگۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، ئەركىن ئەكرەم ۋە پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» غا قارىتا رەددىيەلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» باشلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىۋاتقاندا جاي-جايلاردىكى ئاۋام خەلقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. فىلادىلفىيە شەھىرىدىكى يەھۇدىي ياشلىرىدىن مەت تاكېر ئۇيۇشتۇرغان «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

مەت تاكېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر دۇنياۋى كۆلەملىك ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر ساھەدىكى ئاددىي شەھەر خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش نىشان قىلىنغان ئىكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ئالدىدا بۇنى ئاڭلىغان ھەممىلا كىشىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. 

تەپسىلاتى...