قاھرامانماراشتىكى خەلقئارالىق يىغىندا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق روھى» تونۇشتۇرۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

11-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان قاھرامانماراش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىدا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر» ماۋزۇلۇق يىغىندا قاھرامانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق روھى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.

ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرەش تارىخى مۇساپىلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق روھى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئەتراپلىق توختالغان. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇر مىللىي روھى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردىن بۈگۈنگىچە بولغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىپ، يىغىن ئەھلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى مەۋجۇت مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلغان.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىشى ئۇلارنى يېڭى پاناھلىق يولى ئىزدەشكە مەجبۇرلىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ 2016-‏2017-يىللىرىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بېرىشنى توختىتىش، بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ تىجارەت ۋە ئوقۇشىنى تاشلاپ، يېڭى بىر بىخەتەر پاناھلىق ماكانى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى، چۈنكى، پاسپورت ۋاقتى توشۇپ كېتىپ ئۇزارتالماسلىقى، يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىغا پاسپورت ئالالماسلىقتەك بۇ ئەھۋال نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىسىز قېلىشى، ئېنىقسىز كېلەچەككە مەھكۇم بولۇشىدەك بىر خەۋپنى ياراتقان.

ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا قايتسا لاگېرلارغا مەھكۇم بولۇش، قايتمىسا پاسپورت مەسىلىسىگە تاقىلىشتەك بۇ خىل ئېنىقسىز كېلەچىكى ئۇلارنى يېڭى بىر پاناھلىق يولى ئىزدەشكە مەجبۇرلايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز پاناھلىق ئىزدەپ تۈركىيە، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەلگەن بەزى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. يېقىندا گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىپتىخار ئابدۇرېشىت ئەنە شۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىرى. كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن مىسىرغا چىقىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان ئىپتىخار ئابدۇرېشىت، كېيىنكى يىللاردا يەنە ئىككى يىل سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ، 11‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئارقىلىق تەھدىت قىلىۋاتقانلىقى يەنىمۇ كۆپ ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىگە ئېرىشمەكتە.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «كودا» ناملىق مۇستەقىل خەۋەر ئورگىنىدا 13-فېۋرال كۈنى مۇشۇ ھەقتە كەڭ كۆلەملىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. «خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشى-ۋاتسئاپ ۋە ئۈندىدار ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە تۈركىيەدە ياشايدىغان ۋە ئۆزىنى نۇر دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە نازارەت ھەرىكىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇر ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا ئۈندىدار ۋە ۋاتسئاپ ئارقىلىق يېقىنلىشىپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە بۇنى تەلەپ قىلغاندا ئۇنىڭ ئۇ يەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پەش قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ماقالىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇن زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشقانلىقىنى، ئۆزلىرىگە بۇ ھەقتە نۇرغۇن مەلۇمات كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

تەپسىلاتى...

سوفىي رىچاردسون: خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمانلار ۋىرۇس ۋەھىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خىتايدا مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ تاجسىمان نەپەس يولى ۋىرۇسى ۋەھىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتالغان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسى تەھدىتى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان، مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۇيغۇر رايونىدىمۇ كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە قىلدى.

رىچاردسون 7 فېۋرال «خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا سۆرەلمىلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرغانلىقنى ئەيىبلىگەنلىكنى، نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇنى «دۇنياۋى جىددىي ۋەزىيەت» دەپ جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئوبزورىدا، دائىرىلەرنىڭ ۋۇخەندىكى 11 مىليون ئادەمنىڭ 5 مىليونى شەھەردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شەھەرنى كارانتىن ئاستىغا ئالغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا 100 مىليون ئادەمنىڭ كارانتىن رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسقا كارانتىن قىلىش، ئاخباراتنى چەكلەش قاتارلىق مۇستەبىتلىك ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۇنىڭ 13 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مۇسۇلمانلار رايونى-شىنجاڭدا ئالغان تەدبىرلىرىدىن ھېچ پەرقسىز. شىنجاڭدا دائىرىلەر يوشۇرۇن سەھىيە ئاپىتىنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە، سىرتقى دۇنيا ئۇ يەردە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى قەتئىي بىلەلمەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.»

تەپسىلاتى...

«ئامېرىكا دۆلەتلىك تىلاۋەت ناشتىلىق زىياپىتى» دە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

6‏-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا دۆلەتلىك ناشتىلىق زىياپىتى» ئامېرىكىدا 1953-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان بىر ئەنئەنىۋى پائالىيەت. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ ساھىبخانىلىقىدا شۇنداقلا ئامېرىكادىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي ۋە خرىستىئان دىنى تەشكىلاتى بولغان «ئائىلە ۋە خەلقئارا فوندى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بۇ زىياپەتكە ئامېرىكانىڭ سىياسەت، جەمئىيەت ۋە تىجارەت ساھەسىدىكى سەرخىللەر ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ دۇئا-تىلەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىكتە دۇئا قىلىدىغان مۇھىم سورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق زىياپەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئەھمىيىتى بار بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. شۇنداقلا يەنە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم لاگېرلاردا قامىلىپ ياتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە پارلامېنتىغا «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش تەكلىپى سۇنۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىدە داۋاملىق كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيە خەلقى ۋە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە – جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم ئۆتكەن ئاي تۈركىيە پارلامېنتىغا «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان. بىز مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«يېقىندا تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپسىز، بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا، ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«شۇنداق، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر تەكلىپ لايىھەسىنى سۇندۇم، لېكىن تېخى پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويۇلمىدى. كۈتۈۋاتىمىز، مۇزاكىرىگە قويسا بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوللايمىز. مەن سايلىنىپ چىققان يۇرتۇم ئافيون ۋىلايىتىدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چوڭ پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇردۇم. تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر كومىتېت قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلاتلارنى تەييارلاپ كۈن تەرتىپىگە قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچ نېمە قىلماسلىقى توغرا ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىشلار قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش ھەمدە دىنداش. ھەممىدىن مۇھىمى ھەممىمىز ئىنسان»،

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» قا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» دا كۈنتەرتىپكە كىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ رەھبىرى ئادولف ھىتلېر يەھۇدى خەلقىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا توپلاپ قىرغىنچىلىق قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» مانا شۇ تارىختىكى تراگېدىيەنىڭ «ئەسلا تەكرارلانماسلىقى» ۋە «ئۇنتۇلماسلىقى» ئۈچۈن ئابىدە سۈپىتىدە قۇرۇلغان سموۋۇللۇق بىر تارىخىي كۆرگەزمەدۇر.

مەزكۇر مۇزېينىڭ كۆرگەزمە قىسمىدىن باشقا مۇزېيدا يەنە دۇنيا خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنى ئۆز-ئارا نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن ساقلاش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىيانەت ئۆكۈزۈشتىن توسۇش، قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرغا ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان بىرقانچىلىغان تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرى ۋە فوندى جەمئىيەتلەر تەسىس قىلىنغان. بۇ مۇزېي يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلىقى بولغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان نوپوزلۇق بىر ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.

5-فېۋرال كۈنى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» ۋە «21-ئەسر ۋىلبرېف فورس تەشكىلاتى» نىڭ ساھىبخانلىقىدا «يەھۇدىلار قەتلىئامىدىن 75 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى دىنىي باستۇرۇشلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا ئامېركا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرى، يەھۇدى قىرغىنچىلىقىدىن ھايات قالغان شاھىتلاردىن بىر قانچە كىشى، ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقايسىي دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلللىرى، كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئامېرىكادىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ لاگېرلاردىكى ئەھۋالىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا «كورونا ۋىرۇسى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا ھازىرغا قەدەر 425 يۇقۇمدارنىڭ ئۆلگەنلىكى، 20مىڭ 438 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاينىڭ مەزكۇر سانلىق مەلۇماتى ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان 29 يۇقۇمدارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تارقىلىپ كېتىشىگە قارشى يېزا-كەنتلەرنى قامال، ئاممىۋى يىغىلىشلارنى بىكار قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشىنى ئازايتىش، پۇقرالارنى ئۆيلىرىگە بەند قىلىپ، قاتناشقا چەكلىمە قويۇش، مەكتەپلەرنى تاقاشتەك كەسكىن تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن چەتئەللىك تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ۋىرۇسنىڭ مەزكۇر رايونغا يېتىپ كېلىشى لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا زور خەۋپ قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر مەزكۇر رايوندا ئاز كەم 1600 نەپەر گۇمانلىق يۇقۇمدار كارانتىنغا ئېلىنغان.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۈگۈن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن نامايىش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزمەكتە. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ بۈگۈن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ميۇنخېندىكى نامايىشنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ مەقسىدى توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلدى. د ئۇ ق كاتىپى زۇمرەت ئۇيغۇرمۇ بۇ ھەقتە تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتى...

ۋاشىنگتون شەھرىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى بولدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇ ۋە غەزەپتىن دېرەك بېرىدىغان كۈنلەردىن  بىرنەچچىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىرى «5-فېۋرال پاجىئەسى»نىڭ ئاچچىق خاتىرىسىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالىتىگە ئىشەنگەن ھەمدە شۇنى ئۈمىد قىلغان بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھرىدىكى جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇققا قارىماستىن تىنچلىق شەكلىدە نامايىش تەشكىللەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقەللىي ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ تىنچلىق نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي قىسىملار ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇپ تاشلىدى. شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا قانچىلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قانچىلىك كىشىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە كۆپ خىل مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، نامايىشنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ شاھىدلارنىڭ بايانلىرىدىمۇ بارغانسېرى ئايدىڭلىشىپ ماڭماقتا.

تەپسىلاتى...