دولقۇن ئەيسا بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

72f85c8e-0bc0-4290-afbc-e190245bbd56

7-فېۋرال كۈنى د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چاقىرىلغان «دالاي لاما روھىنىڭ قايتا كۆچۈشى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نېمىشقا بىر مەسىلە؟» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا 5-فېۋرال غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

336847e0-0f8f-43dc-bcfb-07c0ea2fcbd9

5-فېۋرال ‏يەكشەنبە كۈنى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىم ئالدى بىلەن دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللامنىڭ قۇرئان كەرەم تىلاۋەت قىلىشى ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشى بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن غۇلجا شېھىتلىرى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. مۇراسىمدا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

تەپسىلاتى...

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئالدىدا 5-فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

346504c9-84f2-457a-9a3c-fa8ddc648d45

1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدىكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى ئادىلايت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر قاتناشقان.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، مەزكۇر ۋەقەگە دائىر تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قانۇنلۇق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
image

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى‏-«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» 5‏-فېۋرال «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى»دا جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارنى جازالاش ئورنىغا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

باياناتتا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلئىۇسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «شۇنىڭدىن بېرى، مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار خالىغانچە باستۇرۇلۇش، جازالىنىش، زوراۋانلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش تەقدىرىگە ئۇچراپ كەلدى» دېيىلگەن.

تەپسىلاتى...

غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن كارلىسرۇھى شەھىرىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

dolqun

5-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.

ميۇنخېن شەھىرىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان كارلىسرۇھى شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت بىناسىغا 5-فېۋرال كۈنى يۈز ئەتراپىدا ئۇيغۇر جامائىتى توپلانغان بولۇپ، ئۇلار بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش، شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم، مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەرجان باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى ئالايىتەن ميۇنخېن شەھىرىدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

germaniye-munich-ghulja-weqesi-namayish-2017

4-فېۋرال كۈنى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئېلىپ باردى.

1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ميۇنخېن ھەم ئەتراپ شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەمدە بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدا 100 ئەتراپىدا كىشى 4-فېۋرال كۈنى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

تەپسىلاتى...

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

05a34d10-1574-457d-a3c4-11fde24b5af6

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال» غۇلجا ۋەقەسى»نىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يىگىرمە يىلدىن بېرى ھەرخىل تۈردە ئۈزلۈكسىز خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 2017-يىلى 5-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ پائال ھەمكارلىشىشى ئاستىدا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرىلەپ، شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىندى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

ghulja-weqesi-turkiye

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان غۇلجا ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلار مەسچىتىكە جەم بولۇپ قۇرئان تىلاۋىتى قىلىپ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

قەيسەرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولۇپ، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ يەرگە 60 يىل بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە جەم بولۇپ، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلارنى خاتىرىلىدى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن قۇرئانى كەرەم ئوقۇپ ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىنغاندىن كېيىن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇراسىم ئەھلىگە غۇلجا ۋەقەسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ تونۇلۇشىدا ئوينىغان رولىنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا، قېرىنداش ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

تەپسىلاتى...

ياپونىيەدىكى بەش چوڭ شەھەردە 5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

ghulja-weqesi-namayish-yaponiye-2

1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 4-فېۋرال كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو، ئوساكا، فۇكۇئوكا، ناگاساكى ۋە ئوكىناۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بىز ياپونىيەنىڭ توكيو، ئوساكا، فۇكۇئوكا، ناگاساكى ۋە ئوكىناۋا شەھەرلىرىدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلار ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەر قايسى شەھەرلەردىكى نامايىش مەيدانلىرىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

00891c15-8f68-47d7-9f56-d6eb550e6893

2017-يىلى5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە «تۈرك مىللەتچىلىكى ھەققىدە ساۋات» قاتارلىق مول-مەزمۇنلۇق پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى پېشىندىن يېنىپ، 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجادىكى قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغانلارغا بېغىشلانغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتكە جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئەيسا قارىھاجى رىياسەتچىلىك قىلدى. جامائەت ئالدى بىلەن غايىۋانە دۇئايى-سالاملار يوللاپ، قەھرىمانلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈردى، ئاندىن، مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى» نىڭ رەئىسى مۇراد گېدىك ئەپەندىنىڭ تەقدىم قىلىشىدا «تۈرك مىللەتچىلىكى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» ناملىق لېكسىيەدىن بەھرىمەن بولدى.

تەپسىلاتى...